بىرگە قۇرايلى ئۆزگۈر دەۋلەتنى !!!
سالام ! سىلەرگە ئەزىز دوستلۇرۇم ،
دوستلارنىڭ سەمىمى ساداقىتىدىن،
ھەسەتخور يۈرەكلەر "راك" بۇلاپ كەتسۇن .
تاشتى پىغانىم، نەپرەت ۋە -ئەلەم ،
سەۋەپچى بولغاچ ئاڭا بۇ قەلەم.
ئوقيا مىسالى ئاچچىق سۆزۈمدىن ،
ھەسەتخور يۈرەك چەكمىش دەرىت-ئەلەم .
بەزەن يازغانتىم دىنىم ھەققىدە ،
بەزەن يازغانتىم ۋەتەننى كۆيلەپ.
بەزەن ۋاقىردىم "ئويغان مىللەت" دەپ،
ئاڭلاپ ھەسەتخور دىدى، "كىمسەن" دەپ .
بىرلىرى دىدى، "رادىكال" دىنچى دەپ .
بىرلىرى دىدى مىللەتچى سەن دەپ ،
بىرلىرى دىدى ئەسلىڭ كىمسەن دەپ.
يەنە بىرلىرى خام گۆشۈمنى يەپ .
دىدىم-دەيمەن ھەم، مەن بىر مۇسۇلمان،
شەجەرەممۇ ھەم ئۇيغۇر نەسلىدىن .
تۇتقىنىم مىنىڭ ئىگىلمەس قەلەم- ،
ئەجدادتىن مىراس قالغان ئەسلىدىن .
شۇڭا يازدىممەن دىنىم ھەققىدە ،
ھەمدە كۆيلىدىم مەزلۇم مىللەتنى .
كىملىكىم مىنىڭ، بىر ئاجىز قۇلمەن .
ئىخلاسىم بىلەن سۆيگەن ۋەتەننى !!!.
تەۋسىيەم شۇكى بارچە ئۇيغۇرغا،
سۆيگىن سەنمۇھەم ۋەتەن-مىللەتنى .
ئىمان-ئەقىدەڭ مۇستەھكەم بولسۇن.
چىقىرىپ تاشلا ناچار ئىللەتنى .
ئويلىغىن سەنمۇ ۋەتەن-مىللەتنى ،
ئۇلار تۇرۋاتقان قارا كۈلپەتنى .
بۇزۇپ تاشلىغىن سۈكۈت-خىلۋەتنى،
يەنجىپ تاشلىغىن تاجى-زىللەتنى !!!.
بولدى بەس ! دىگىن، نامۇ-شۆھرەتنى ،
قوغلاشمىغىن ھەم ئەمەل-مەنسەپنى.
ئويلىغىن سەنھەم مەزلۇم مىللەتنى ،
قۇرايلى بىرگە "ئۆزگۈر" دۆۋلەتنى !!!.
ئا.مۆلجەرلى
2011-10-05