تارىخىمىزدىن 10 سۇئال
1- ئەجدادىمىز تەرپىدىن يېزىلىپ، ئارىدىن ئەرىسلەر ئۆتسىمۇ يەنىلا يېڭى ھالىتىدە ساقلىنىلىۋاتقان ۋە قىتئەلەر ئارا تارقىلىپ، ئالاھىدە ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن ئۇقىلىۋاتقان، قۇرئان كەرىمدىن قالسا بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان مەشھۇر دىنى ئەسەرنىڭ ئىسمى نىمە ؟ مۇئەللىپى كىم ؟
2- ئىسلام تارىخىدا ئالاھىدە نامى يېزىلغان، ئۈزىنىڭ تەقۋالىغى، ھەربى تالانتى، نەسەب ۋە مەرتىۋە ئىقتىدارىنىڭ يۈكسەكلىكى بىلەن بىر كۈندە يۈزمىڭ چېدىرلىق ئاھالىنىڭ ئىسلام دىنغا كىرىشىگە سەۋەپچى بولغان مەشھۇر ئەجدادىمىز كىم ؟
3- ئەجدادىمىز تەرپىدىن يېزىلىپ، ئارىدىن ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ ئۇنىڭ نامى ياشاۋاتقان، ئەينى ۋاقىتتىن تاكى ھازىرغىچە مىليۇنلىغان ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ئالاھىدە پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان، يېزىلىش تارىخى قەدىمى، بۈيۈك ئىككى ئەسەر (پەلسەپە ۋە ئېنىسكلوپىدىك) بىلىملىرىگە ئائىت ئىككى ئەسەرنىڭ ئىسمى نىمە ؟ مۇئەللىپلىرى كىم ۋە ئۇلار قاچان تۇغۇلغان - قاچان دۇنيادىن ئۆتكەن ؟
4- ئەجدادىمىز تەرپىدىن يېزىلىپ، ئەرەپ تىلى ۋە ئەقىدە دەرىسلىكلىرىنى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ئىخچام ۋە مۇھىم ماتىريال ھىساپلىنىپ، تاكى ھازىرغىچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر-قانچە مەملىكەتلىرىدە دىنى دەرىسلىك ئورنىدا ئۇقۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەسەرنىڭ ئىسمى نىمە ؟ مۇئەللىپى كىم ؟
5- ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇقەددەس قىبلەغاھى، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ ئىبادەتگاھى بولغان بەيتۇللاھ (كەبە) نىڭ ئىشىكىدىكى ئەرەپچە (ئايەت) ھۆسنى خەتنى يازغان ۋە ئۆز ئىسمىنى شۇ كەبە ئىشىگىدە مەڭگۇ ئەسلىمە خاتىرە قالدۇرغان مەشھۇر ئۇيغۇر خەتتات كىم ؟
6- ئەرەپ دىيارلىرىدىن باشقا، بارچە دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا، قۇرئانى كەرىمنى باشقا (ئەرەپچە بولمىغان) تىلىغا تەپسىر-تەرجىمە قىلىش "چوڭ گۇناھ" خاتالىق دەپ قارىلىۋاتقان دەۋرىدە، قۇرئان كەرىمنى ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، كەڭ مۇسۇلمان قەۋمىنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۈن مىراس قالدۇرغان مەشھۇر مۇتەپەككۇر ئۇيغۇر ئالىمى كىم ؟
7- ئەرەپ دۆلەتلىرىدىن بىرىدە ئېچىلغان ئىسلام دۇنياسى دىنى ئالىملىرى يىغىلغان "مەۋلىد" كونفىرانسىدا، ئەرەپچە لېكسىيە (ئەدەبى-شېئىر) يېزىپ دىكلىماتسىيە قىلىشتا بىرنجى بۇلۇپ، ئالتۇن مېدالغا سازاۋەر بولغان ئۇيغۇر ئالىمى كىم ؟
8- قەدىمى ئۇيغۇر كونا يېزىقى (كونا ئەرەپچە ھەرىپلەر) بىلەن يېزىلىپ كەلگەن كونا خەت نۇسخىسىنى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كونا يېزىقى شەكلىدە، (ئادەم چىشىنىڭ سانىغا توغرىلاپ 32 ھەرىپلىك) قىلىپ لاھىيەلىگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئالىم كىم ؟
9- ۋەتىنىمىز تارىخىنى يېزىشتا ئەۋۋەل قەلەم تەۋرەتكەن، ۋەتىنىمىز تارىخى ھەققىدە ئىزدەنگۈچى يېڭى تارىقچىلارغا مۇھىم ئاساسى مەنبە يارىتىپ بەرگەن مەشھۇر ئىنقىلاپچى، سىياسىيۇن، ئۇيغۇر ئالىمى كىم ؟
10- ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەجدات ئىزلىرىنى ئىزلەشتە، رەكورت بۇزۇپ ئىلگىرلىگەن ۋە ئالاھىدە يېڭىلىق ياراتقان، ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپانىڭ باغلىنىش مەنبەلىرىنى ئەمىلى مىسال-پاكىتلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ، كەڭ تارىقچىلارغا مۇھىم ئاساسى مەنبە يارىتىپ بەرگەن مەشھۇر تارىقچى ئۇيغۇر ئالىمى كىم ؟
تۈزگۈچى _ ئا...مۆلجەرلى
مەھمۇد قەشقەرى جامىسىدىن كۆرۈنۈش
يۇقارقى سۇئاللارنىڭ جاۋابى !
1. سۇئالنىڭ جاۋابى: "سەھىھۇل بۇخارى" ئاپتۇرى _ "مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئەل-بۇخارى" بۇلۇپ، بۇ ئۇلۇغ زات 16 يېشىدىن باشلاپلا ھەدىس توپلاشقا كىرىشكەن ۋە مەككە-مەدىنە، باغدات، يەمەن قاتارلىق ساھابىلەر ئاياغ باسقان كەڭ جەزىرەلەرنى كېزىپ يۈرۈپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋايەتلەر (ئەڭ ئىشەنچىلىك ئەسلىمەلەر) بىلەن توپلاپ، "سەھىھۇل بۇھارى" ناملىق ئەسىرىنى يېزىش بىلەن، بارچە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا تەڭداشسىز مىراسىنى قالدۇرغان .
2. سۇئالنىڭ جاۋابى: سۇلتان ساتۇق بۇغراخان. (تارىخى مەنبەلەرگا ئاساسەن ئەينى ۋاقىتتا " ماۋارائۇننەھرى ۋادىسى" (ھازىرقى سەمرقەند شەھرى) دە ئۆتۈزۈلگەن تۈركى قەبىلىلەر ۋەكىللىرىنىڭ چوڭ يىغىلىشىدا، ئۈزىنىڭ ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغانلىقىنى كەسكىن ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئەگەر باشقا تۈركى قەبىلىلەرمۇ ئىسلامنى قۇبۇل قىلمىسا ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، يىغىلىشقا كەلگەن بارچە ۋەكىللەر شۇ نەق مەيداندا ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىشقان. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ نامى-شەرىپى ئالەمگە تارقالغان مەشھۇر ئەجدادىمىز " سۇلتان ساتۇق بۇغرا" دۇر .
3. سۇئالنىڭ جاۋابى: (1)"تۈركىي تىللار دىۋانى"، ئاپتورى: مەھمۇد كاشغەرى. (2)"قۇتادغۇ بىلىگ" ئاپتورى: يۈسۈپ خاس ھاجىپتۇر. بۇ ئىككى ئۇلۇغ زات، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر بىباھا بايلىقلىرىنى بىز ئۇيغۇر خەلقىگە مىراس قالدۇرۇش بىلەن، يالغز تۈركى تىللىقلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئاسىيادىن ئافرىقىغىچە بولغان كەڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا تەڭداشسىز ئىلىم-مەرىفەت ۋە مەدىنى-مىراسلارنى تەقدىم قىلغان .
4. سۇئالنىڭ جاۋابى: "زۆرۈر ئەقىدىلەر"، "ئىسلام ئىبادەتلىرى" . ئاپتورى: ئابدۇقادىر داموللام. بۇ ئۇلۇغ دىنى ئالىمىمىز ئۆزىنىڭ مەزكۇر كىتابىنى يېزىپ قالدۇرۇش ئارقىلىق، زۆرۈل ئىسلام ئەقىدەلىرىنى ئۈگەڭۈچىلەر ئۈچۈن بىباھا گۆۋھەر تەقدىم قىلغان، مەزكۇر ئەسەر تاكى ھازىرغىچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرقانچە دىيارلىرىدا دىنى دەرىسلىك قىلىنماقتا .
5. سۇئالنىگ جاۋابى: "ئابدۇرھىم ئەمىن". (سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇراقلاشقان قەدىمى مۇھاجىرلاردىن) بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ خەتتاتلىق ماھارىتى بىلەن ئۇلۇغ "كەبەتۇللاھ"نىڭ ئىشىكىگە قۇران ئايائەتلىرىنى چىرايلىق يېزىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىن ئەرەبىستان پادىشالىرىغا ئالاھىدە تونۇشتۇرغان ۋە ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ كەلگەن مۇھاجىرلارغا ئالاھىدە ئىمكانلار بېرىلىشكە ۋەسىلە بولغان .
6. سۇئالنىڭ جاۋابى: "قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا تۇنجى تەرجىما قىلگان ئالىم سابىت داموللام. (بۇ ئۇلۇغ زات ئۆزى ھايات ۋاقتىدا مەزكۇر خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ۋەتىنىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى جىددى ۋەزىيىتى ۋە ئېغىر جاپالىق كۈرەشلىرى، سابىت داموللامنىڭ ئۈستىگە يۈكلەڭەن بولغاچقا ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىشقا پۇرسەت بولمىغان، مىڭ ئەپسۇسكى مەرھۇم ئۆزىنىڭ تۇرمىدىكى ۋاقتىدا بۇ خىزمەتنى ئۆز قۇلىغا ئېلىپ 10 ئاي ئىچىدە تاماملىغان، بىراق دەۋرىنىڭ قانخور تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئامانەت مىراسنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يەتكۈزمىگەن ).
7. سۇئالنىڭ جاۋابى: "مۇھەممەد سالىھ داموللام" (بۇ مۇبارەك زات 1990-1991 يىللىرى مىسىر ۋە ماراكەشتە ئۆتكۈزۈfiگەن ئىسلام دۇنياسى كونفىرانسىدا مەزكۇر مىدالغا سازاۋەر بولغان).
8. سۇئالنىڭ جاۋابى: يوللانمىدى . (قۇلىمىزدىكى مەنبەمۇ ئېنىق ئەمەس شۇڭا بۇ يەرگە يېزىلمىدى).
9. سۇئالنىڭ جاۋابى: مۇھەممەد ئەمىن ھەزرەت . (خوتەن ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ يىتەكچى ئەمىرى بولغان ۋە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن شەرقى تۇركىستان تارىخىنى تۇنجى بۇلۇپ كەڭ دائىرلىك قىلىپ يېزىپ چىقىپ، بىز ئۇيغۇر خەلقىغە ئۆلمەس مىراس قىلىپ قالدۇرغان).
10. سۇئالنىڭ جاۋابى: تۇرغۇن ئالماس. (تارىخىمىزغا ئائىت بىرقانچە ئاپتۇرلارنىڭ كىتاپلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، مەرھۇم تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلار" نامىلق ئەسىرى بىرقەدەر يىراق تارىخى ۋەقەلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە كۆپلىگەن پاكىت-مىساللار بىلەن يۇرۇتۇلۇپ، ئۇمۇمى جەھەتتىن مول مەزمۇنغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى).
تۈزگۈچى : ئا... ۆلجەرلى