مەككە فىراقى

«مەككە  فىراقى»
 لەببەيك - لەببەيك، لەببەيكەللاھۈممە لەببەيك!
لەببەيك - لەببەيك، لاشەرىكەلەكە لەببەيك!
ئىننەل ھەمدە، ۋەننىئ‍مەتە لەكە ۋەلمۇلك،
لا شەرىكە لەك !!! 
لەببەيىك! دەپ باشئېگىپ رەببىم ئەمرىگە،
ئەمەل قىلىپ رەسۇلۇللاھ سۈننەتلىرىگە.
تەكبىر ئېيتىپ يۈگۈردۈم سەفا-مەرۋىگە،
تۆۋبە بىلەن يۈزلۈنۈپ ئۇلۇغ كەبىگە!.

ئاللاھقا يالۋۇردۇم ئەسۋەدنى سۆيۈپ،
بەندىمەن، ئازدىممەن، بىلىپ ۋە بىلمەي.
رەھمان سەن، رەھىم سەن، غاففار ئىگەمسەن ،
كەچۈرگىن بەندەڭنى ئاسيىسەن دىمەي  .

خوشلاشتىم ھەرەمدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي،
توختىماي دۇئادىن دائىم قول ئۈزمەي .
يا ..رەببىم نەسىب قىل كېلىشكە يەنە،
شۇ رەھمەت زەم زەمدىن يەنە بىر ئىچەي.

ئەلۋىدا، ئەي ھەرەم خوشلۇشۇپ كېتەي ،
كەبەڭگە يۈزلۈرۈمنى سۈرتىۋېپ كېتەي.
ئەگەر نەسىب بولمىسا يەنە كېلىشكە،
 جەننەتى زەمزەمىڭنى بىر ئۆمۈر ئىچەي.

   (م١٩٩٧/ ھ ١٤١٨رمضان)

 (بۇرۇنقى خاتىرەم)

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى