شەرقي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنۇتۇلماس تارىخى كۈن (1-ئۆكتەبىر) .
يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان تارىخى ئۇنۇتۇلماس كۈنلەردە، بۇندىن ئوتتۇز يىللار بۇرۇنقى بىر كۈز ئايلىرىدا، ناھىيە بازىرىدىن قايتىۋېتىپ دادامنىڭ ماڭا قىلغان شۇ نەسىھەتلىرى كۆز ئالدىمغا كەلمەكتە !
باشلانغۇچ مەكتاپنىڭ 4-يىللىقىنى داۋاملاشتۇرۋاتقان كۈنلىرىم ئىدى، سىنىپ ساۋاقداشلىرىم يەنە بىرھەپتىدىن كېيىن كېلىدىغان
1-ئۆكتەبىرنى قانداق ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇ كۈندە نىمىلەرنى ئېلىش توغرىسىدا پاراڭلىشاتتى. مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە بىراز ئويلۇنۇپ ئاخىرى دادامغا بىردانە ئاياق ئالدۇرۇش خىيالىغا كەلگەن ئىدىم. چۈنكى يازنىڭ ئىللىق كۈنلىرى ئاخىرلىشىۋاتقان بولغاچقا، ياز بۇيى يالاڭ ئاياق مەكتەپكە بېرىپ-كېلىۋاتقان بۇ نازۇك پۇتلۇرۇم، ئەتىگەنلىك تەن-تەربىيە مەشىقىدىكى سەكرەشلەردىن ئالغان ئىسسىقلىق ھارارىتىنى كەشكىچە ساقلىيالمايتى. ئەتىگەندە مەكتەپكە كەلگىچە ۋە مەكتەپتىن ئۆيگە قايىتقۇچە پۇتلۇرۇم خېلىلا مۇزلاشقا باشلىغان ئىدى.
1-ئۆكتەبىرنى قانداق ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇ كۈندە نىمىلەرنى ئېلىش توغرىسىدا پاراڭلىشاتتى. مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە بىراز ئويلۇنۇپ ئاخىرى دادامغا بىردانە ئاياق ئالدۇرۇش خىيالىغا كەلگەن ئىدىم. چۈنكى يازنىڭ ئىللىق كۈنلىرى ئاخىرلىشىۋاتقان بولغاچقا، ياز بۇيى يالاڭ ئاياق مەكتەپكە بېرىپ-كېلىۋاتقان بۇ نازۇك پۇتلۇرۇم، ئەتىگەنلىك تەن-تەربىيە مەشىقىدىكى سەكرەشلەردىن ئالغان ئىسسىقلىق ھارارىتىنى كەشكىچە ساقلىيالمايتى. ئەتىگەندە مەكتەپكە كەلگىچە ۋە مەكتەپتىن ئۆيگە قايىتقۇچە پۇتلۇرۇم خېلىلا مۇزلاشقا باشلىغان ئىدى.
1-ئۆكتەبىرمۇ يىتىپ كەلدى، شۇ كۈنى ئەتىگەندە دادامغا، بۈگۈن ماڭا بىر ئاياق ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز، مەكتەپكە بېرىپ كەلگىچە پۇتلۇرۇم مۇزلاپ كېتىۋاتىدۇ دىدىم. دادام بىراز ئويلانغاندىن كېيىم سۆزۈمگا ماقۇل بولغاندەك، بوپتۇ بالام بۇگۈن ساڭا بىر ئاياق ئېلىپ بېرەي، بىراق بازارغا بېرىپلا ئاياقنى كۆرسۈتۈپ تۇرۋالما. بازارغا بېرىپ ساڭا كۆرسۈتىدىغان كۆپ نەرسىلەر بار، ئۇلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاياقنى ئېلىپ بېرىمەن دىدى. دادامنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خوشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم ۋە ئەلۋەتتە ماقۇل دىدىم. بىراق دادامنىڭ نىمە ئۈچۇن بازارغا بېرىپلا ماڭا ئاياق ئېلىپ بەرمەي، بازاردىن قايتىش ۋاقتىدا ئاياق ئېلىپ بەرمەكچى بولغىنىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم .
ناھىيە بازىرى بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارلىقى قىرىق-ئەللىك چاقىرىملىق يول بولغاچقا، دائىم يىراق بىر جايغا بارساق ئائىلىمىزنىڭ ئاساسلىق قاتناش قۇرالى بولغان بوز ئىشەكنى مىنىۋالاتتۇق. مەھەللىمىزدە بۇنداق بىرەر قاتناش قۇرالى بولمىغان يۈزلىگەن كىشىلەر ياشايتى، ئۇلار نەگىلا بارسا پىيادە باراتتى. ئەنە شۇ كۈنىمۇ مىنىڭ ساۋاقداشلىرىمدىن بىر قانچىسىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى باللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ پىيادە مېڭىپ بازارغا كىتىۋاتاتتى. يول بويلاپ پىيادە مېڭىتىۋاتقانلار بىلەن ئۇلاقلىق كېتىۋاتقانلار ئارىسىدا ئۇنچە ئۇزۇن مۇساپە بولمايتى، چۈنكى ئۇلاقلىق ماڭغانلار ئۆز ئارا ئالمىشىپ-مىنگىشىپ بولغىچە، پىيادە كېلىۋاتقانلار ئۇلارغا يىتىشىۋالاتتى. شۇڭا پىيادە ماڭغان كىچىك باللارمۇ بىر-بىرلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، بازاردىن ئالماقچى بولغان نەرسىلەرنىڭ قىززىقچىلىقىدا ئۇلاغلىقلار بىلەن تەڭ-باراۋەر يۈگرىشەتتى.
ئۇلارنى كۆرۈپ مەنمۇ شۇ باللار بىلەن بىرگە يۈگرۈپ ماڭماقچى بولدۇم، داداممۇ ماقۇل بولدى. مەن يولدىكى پىيادە يۈرگەن باللارغا قۇشۇلۇپ خېلى ئۇزۇنغىچە پىيادە ماڭدىم، بىراق يوللاردىكى شېغىل تاشلار پۇتۇمنى خېلىلا ئاغرىتىپ، پۇتۇمنىڭ ئالقانلىرى قىزىرىپ قاناشقا ئازلا قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ بازارغىمۇ يىتىپ كەلدۇق، ئىشەكنى دەڭگە ئەكىرىپ باغلاپ قويۇپ بازار ئارىلاشقا باشلىدۇق. يول بويلاپ سېلىنغان سودا-سېتىق دۇكانلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا قىزىل قەغەز گۈللەر ئېسىلغان، قىزىل لاتىلار باغلانغان، تەرەپ-تەرەپتە ئۇششاق باللارنىڭ چۇقىراشلىرى بىلەن بىرگە پاڭ-پۇڭ قىلغان (پاقىلداق) ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى. بازار ئارىلاۋېتىپ مىنىڭ دىققىتىمنى تارىتقان بىر ئىش، ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىگە تىكلەنگەن چوڭ ھەيكەل (بۇت) ئەتىراپىدا ئادەملەر ئايلىنىپ يۈرىشەتتى. بۇلارنىڭ كۆپسانلىقى خىتتايلار ئىدى. ئەتىراپىدا ئۇلارنىڭ باللىرى قوللىرىغا تۈرلى رەڭدىكى دوساق-شارلارنى ئېلىۋېلىپ، ئەتىراپتىكى باللارغا كۆز-كۆز قىلىشىپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتاتتى. ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا كىيگەن كىيىملىرى ۋە پۇتىغا كىيگەن ئاياقلىرى ئالاھىدە يېڭى، ئاق-قارا لاتاخەيلەر ۋە ئاق چۇخەيلەر، بەزىلىرىنىڭ قوللىرىدا ئاپپاق پەلەيلەر تۇراتتى.
ئۇلارنى كۆرۈپ دادامدىن، دادا ئۇلار قايسى مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ ؟ ئۇلارنىڭ مەكتەپ كىيىمى يېپ-يېڭى ئىكەنغۇ ؟ دەپ سورىدىم. دادام سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەي بىراز جىم تۇرغاندىن كېيىن، يۈر بالام ساڭا يەنە باشقا يەرلەرنى كۆرسىتىمەن دەپ شەھەر باغچىسىغا ئاپاردى. ئۇيەردىمۇ خۇددى شۇ خىلدىكى يېڭى كىيىنگەن خىتتاي باللار قىن-قىنىغا پاتماي ئوينۇشۇپ يۈرەتتى. باشقا ئۇيغۇر بالىلار ئاندا-ساندا كۆزگە چېلىقسىمۇ ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ كونا ۋە يېلىڭلىقى، ھەمدە ئۇلارنىڭ مىسكىن چىرايىدىن ھىچبىر خوشاللىق كۆرۈنمەيتى. بۇيەرنىمۇ كۆرۇپ بۇلۇپ ناھىيە بازىرىنىڭ تاقىچى مەھەللىسىدىكى بىر چايخانىغا بېرىپ چۈشلۈك تاماقنى شۇ چايخانىدا يىمەكچى بولدۇق.
بۇ كوچىنىڭ ئىككى تەرپىدە قاتار تىزىلغان يۈزلىگەن تۆمۈرچى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ دۇكانلىرى بۇلۇپ، ئۇلار شۇ ناھىيە كارخانا ئىدارىسىگە ئىشلەيدىكەن. دۇكاندارلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كىچىك بالىلار كۆۋرۈك بېسىپ، ئۇچاق پۈۋلەپ، تۆمۈر قىززىتىپ تۇرىدىكەن. دۇكاننىڭ قارا ئىس-تۈتەكلىرىدە يۈز-كۆزلىرى قاپ-قارا كۆمۈرگە بويالغان بۇ سەبى بالىلارنى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ تۇنۇيالمايدىغان دەرىجىگە كەلگەن ئىكەن. دۇكاندىكى تۆمۈرنىڭ قىززىغىدىنمۇ ياكى ئىشنىڭ ئېغىرلىقىدىنمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا كۆڭلەك دىگەن ئەسلا يوق، ھەتتا پۇتلىرىدا ئاياقمۇ يوق ئىكەن. شۇلارنىڭ ئارىسىدا مىنىڭ بىر نەۋرە ئاكاممۇ كۆمۈر پۈۋلەۋاتقان بۇلۇپ، دادام تۇنىمىسا مەن ئۇ نەۋرە ئاكامنى ھەرگىزمۇ تۇنىمىغان بۇلاتتىم. كېيىن دادامنىڭ ماڭا چۈشەندۈرىشىچە، شۇنداق جاپا مۇشاققەتتە ھايات كەچۈرۋاتقان بۇ بالىلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىسى باللىرىنىڭ كىلەچېكىنى ئويلاپ، باللىرىم چوڭ بولسا ھۈنەرسىز-مەدىكار بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ، مىڭ تەسلىكتە شۇ كارخانىغا ھەقسىز ئىشلەشكە ئەكىرىپ بەرگەن ئىكەن.
دادام نەۋرە ئاكامنىڭ ئۇستىسى بىلەن بىردەم ئەھۋاللاشقىنىدىن كېيىن نەۋرە ئاكامنى ئېلىپ چايخانىغا كىردۇق ۋە بىر ئاپقۇردىن كاللا-پاچاق شورپىسى بۇيرۇتتۇق. شورپىغا ئارلاشما گىردە (بۇغداي ئۇنى بىلەن قۇناق ئۇنى) نېنىنى چىلاپ يەپ، ئاچ قۇساقلىرىمىزنى تۇيغۇزۋالغاندىن كېيىن نەۋرە ئاكامنى دۇكىنىغا ئاپىرىپ قويۇپ كونا بازار تەرەپكە قاراپ ماڭدۇقتە ئۇدۇل ھېلىقى ئىشەكنى باغلاپ قويغان دەڭ-قوتانغا يىتىپ كەلدۇق. بىراق پۇتۇم يېڭى ئاياقنىڭ ئارزۇسىدا مۇزلاش ئۇياقتا تۇرسۇن قىززىپ كېتىۋاتاتتى. ئىچىمدە، دادام ماڭا ئاياق ئېلىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ ؟، ياكى ئېلىپ بەرگۈسى يوقمىدۇ ؟، دىگەن خىياللار كىلەتتى. يەنە تۇرۇپ، ھېلىقى باللارغا قاراپ ئۇلارمۇ يالاڭ ئاياق تۇرۇپ كۆمۈر پۈۋلەپ، تۆمۈر قىززىتىپ ئىشلەۋېتىپتىغۇ، مەنمۇ يالاڭ ئاياق مەكتەپكە بېرىۋەرسەم نىمە بوپتۇ دەيتىم. يەنە تۇرۇپ كۈندىن كۈنگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان كۈزنىڭ شىۋىرغان سوغاقلىرىدا مۇزلىغان پۇتلۇرۇمنى ئاستا سىلاپ قۇيۇپ، دادامغا بەلگە-ئىشارىتى قىلاتتىم.
رەھمەتلىك دادام بىلەن ئانام ئەزەلدىن بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى رەنجىتكەن ئەمەس، ياكى بىزنى نا-ئۈمۈت قويغان ئەمەس ئىدى. مەيلى قانداق ۋاقىت-شارائىتلاردا بولسۇن ئۆزلىرى يىمىسىمۇ-كەيمىسىمۇ بىزگە يىگۈزۈپ، بىزگە كەيگۈزۈپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا دادام ئۈزى بىر نەرسە دىمىگىچە ئاياق توغرىسىدا تەكرار ئېغىز ئېچىشتىن خىجىل بۇلاتتىم. دەل شۇنداق خىيال بىلەن تۇرغىنىمدا، دادام ماڭا قاراپ، كەل ئوغلۇم سەنى ئاۋۇ رەستە كوچىدىكى چوڭ دۇكانغا ئاپىرىپ ساڭا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان ئاياقنى ئېلىپ بىرەي دىگىنىچە، مېنى ئۈستىگە ھاپاش قىلىپ كۆتۈرۈپ دۇكانغا قاراپ چوڭ-چوڭ قەدەم تاشلاپ مېڭىشقا باشلىدى.
ئەتىگەندىن بېرى بازارنىڭ تاشلىق كوچىلىرىدا يالاڭ ئاياق يۈرۈپ پۇتلۇرۇم قىزىرىپ كەتسە كۆتەرمىگەن دادام، بىردىنلا مىنى كۆتۈرۋالغىنىدىن بىراز تەئەججۈپلەنگەن بولساممۇ، ئۆز ئۈزەمگە شۇنداق پىچىرلاپ، ھېلىمۇ ياخشى باياتىن دادامغا ماڭا نىمىشقا ئاياق ئېلىپ بەرمەيسىز ؟ دىمەپتىمەن. ئەگەر شۇنداق دىگەن بولسام، دادام ماڭا قانداق جاۋاپ بەرگەن بۇلاتتى ھە ؟. ئوغلۇم سەۋرىچان بول ...! بىرازدىن كېيىن ئاياق ئېلىپ بىرىمەن، دىسىغۇ مەيلى.
ئوغلۇم ئاۋۇ بازاردىكى يالاڭ ئاياق، يېلىڭ كىيىمدە يۈرگەن باللارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاۋۇ تۆمۈرچىنىڭ دۇككىنىدىكى يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ باللارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاياق ئېلىپ بىرىمەن دەپ سىنى بازارغا ئەكەلگەن داداڭ، ئاياق ئېلىپ بىرىشنى ئۇنتۇپ قالامدۇ؟ دىگەن جاۋاپنى بەرسە، ئۇندىن كېيىن دادامنىڭ يۈزىگە قانداق قارىيالىغان بۇلاتتىم .....؟ دىگەن خىجىللىق خىياللار بىلەن، بىردىنلا ئېسىمگە شۇ نەرسە كەلدى.
ئوغلۇم ئاۋۇ بازاردىكى يالاڭ ئاياق، يېلىڭ كىيىمدە يۈرگەن باللارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاۋۇ تۆمۈرچىنىڭ دۇككىنىدىكى يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ باللارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاياق ئېلىپ بىرىمەن دەپ سىنى بازارغا ئەكەلگەن داداڭ، ئاياق ئېلىپ بىرىشنى ئۇنتۇپ قالامدۇ؟ دىگەن جاۋاپنى بەرسە، ئۇندىن كېيىن دادامنىڭ يۈزىگە قانداق قارىيالىغان بۇلاتتىم .....؟ دىگەن خىجىللىق خىياللار بىلەن، بىردىنلا ئېسىمگە شۇ نەرسە كەلدى.
ئەجىبا ئەتىگەندىن كەچكىچە يالاڭ ئاياق يۈرۈپ چىدىغان پۇت، نىمىشقا يېقىن يەردىكى دۇكانغا بارغىچە چىدىمىسۇن؟ دادا مىنى يەرگە چۈشۈرۈپ قۇياڭ ! مەن دۇكانغا مېڭىپ بارىمەن دىدىم !. دادام ياق ئوغلۇن، ئەتىگەندىن بۇيان يالاڭ ئاياق يۈرۈپ پۇتۇڭمۇ ئاغرىپ كەتكەندۇ، سەبرىچانلىقىڭغا بارىكاللاھ. ھازىر ساڭا ئاياق ئېلىپ بىرەي، كېيىن يەنە ساڭا دەيدىغان ئۇنۇتۇلماس نەسىھەتلىرىم بار دىگىنىچە، ئاياق ساتىدىغان چوڭ دۇكان ئالدىغا باردۇق.
دادام ماڭا بۇ دۇكاندىن ناھايىتى چىرايلىق بىر ئاياقنى ئېلىپ بەردى ۋە ئاياقنى ماڭا كىيگۈزۈپ بۇلاپ قۇلامدىن تۇتقىنىچە ئۇددۇل ھېلىقى دەڭگە قاراپ يول ئالدى، دەڭگە كېلىپ ئىشەكنى ئالدۇقتە ئۆيگە قايىتتۇق.
دادام ماڭا بۇ دۇكاندىن ناھايىتى چىرايلىق بىر ئاياقنى ئېلىپ بەردى ۋە ئاياقنى ماڭا كىيگۈزۈپ بۇلاپ قۇلامدىن تۇتقىنىچە ئۇددۇل ھېلىقى دەڭگە قاراپ يول ئالدى، دەڭگە كېلىپ ئىشەكنى ئالدۇقتە ئۆيگە قايىتتۇق.
ئۆيگە كەلگىچە دادام ماڭا شۇنداق ئۇنۇتۇلماس نەسىھەتلەرنى قىلدى :
ئوغلۇم، بۈگۈن مەن ساڭا ئاياق ئېلىپ بىرىمەن دەپ پۈتۈن بازار كۇچىلىرىنى يالاڭ ئاياق ئايلاندۇردۇم، كوچىلاردىكى يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ ئۇيغۇر باللار بىلەن، ئۈستى-بېشىغا يېپ-يېڭى كىيىملەر كىيىپ، خوشال-خورام ئويناپ يۈرگەن خىتتاي باللىرىنى كۆرسەتتىم، نىمىشقا مەن شۇنداق قىلدىم ؟.
سەۋەبى، سىنى مۇشۇ كۈننى ۋە مۇشۇ كۈننىڭ نىمىلىكىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمىسۇن دىدىم .
سەۋەبى، سىنى مۇشۇ كۈننى ۋە مۇشۇ كۈننىڭ نىمىلىكىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمىسۇن دىدىم .
بۇ كۈن، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەڭگۈ ئۇنۇتۇلماس كۈنىمىز، چۈنكى شۇ كۈندە بىزنىڭ مەسجىد-مەدرىسلىرىمىز تاقالغان، دىنى ئەركىنلىكىمىز تامامەن يوق قىلىنغان كۈن . بۇ كۈن، بارچە ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن قايغۇ-ئەلەملىك كۈن، چۈنكى شۇ كۈندە مىللىتىمىزنىڭ مىللى ئەركىنلىكى تامامەن قامال قىلىنغان كۈن. بۇ كۈن، بارچە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن ئەڭ ئېچىنارلىق-ئازاپلىق كۈن، چۈنكى شۇ كۈندە مىڭلىغان ئانىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان ۋە مەجبۇرى ئەمگەك ئورنىغا ھەقسىز ئىشلەشكە ھەيدەلگەن كۈن. بۇ كۈن، بارچە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ئېچىنارلىق كۈن، چۈنكى شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئانا تىلى تۇنجى قېتىملىق چەكلىمىگە ئۇچىرغان كۈن. بۇ كۈن، بارچە ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈچۈن شۇنداق ئازاپلىق كۈنكى، شۇ كۈندىن باشلاپ ھەربىر كىشى ئەتىگەندە ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن مەجبۇرى، يول دوقمۇشىدىكى ھەيكەل (بۇت) قا تازىم قىلدۇرۇپ چۇقۇندۇرۇلغان كۈن. بۇ كۈن، شۇنداق ئۇنۇتۇلماس كۈنكى، شۇ كۈندە مۇستەقىل ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئورنىغا، تاجاۋۇزچى كومىنىستلارنىڭ قىزىل بايرىقى قادالغان كۈن.
ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بىز ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ بېشىغا بالايى-ئاپەتلىك قارا چەمبەر كىيىلگەن كۈن، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەبى باللىرى يالاڭ ئاياق، يالاڭ ئىشتان يۈرۈشكە مەجبۇر بالغان كۈن، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىمىزدىن قان-ياش ئېقىشقا باشلىغان كۈن، شۇنىڭ ئۈچۇن بۇ كۈن بىزگە قايغۇ-ئەلەم، دۈشمىنىمىزگە خوشاللىق بولغان كۈن....!!!.
بۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنۇتما ئوغلۇم ......!!! دىدى .
شۇندىن بۇيان ئۇ كۈننىڭ نىمىلىكى ۋە قانداق باشلانغانلىقى قەتتى ئېسىمدىن كەتمەيدۇ...!!!
دادامنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن، ھەردائىم شۇ ئۆتكەن ئۆسمۈرلۈك كۈنۈمنى ۋە ھازىرقى ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئۆتكۈزۋاتقان كۈنلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، چۈڭقۇر ئازاپلىنىمەن. چۈنكى، ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ يېنىلا يۇرتىمىزدىكى شۇ مەن ئۇقۇئىغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىتلىرى بىلەن ھازىرقى شارائىتى ئوتتۇرسىدا ئۇنچە كۆپ پەرىق يوق !
ئۇقۇغۇچىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرمۇش ئەھۋالى بىلەن ھازىرقى ئەھۋالى، مەكتەپ شارائىتلىرى، دەرىس ماتىرياللىرىدىكى قىيىنچىلىقلار، ئۆي بىلەن مەكتەپ ئارىسىدىكى يولنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە مەكتەپكە پىيادە بېرىپ-كىلىش قاتارلىقلار ...!!!.
دادامنىڭ شۇ ۋەسىيىتى بىلەن مەنمۇ ئۆز ئەۋلاتلىرىمغا ۋە بارچە قېرىنداشلىرىمغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، بۇ كۈن بىزنىڭ ئاجداتلىرىمىز يىغلىغان ، دۈشمىنىمىز كۈلگەن كۈن.....!!!!
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ كۈننىڭ نىمىلىكىنى بىلمىگەن ياكى ئۇنۇتقان ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر، ئۆزىنىڭ ئىمانى-ۋىجدانىنى يۇقاتقان بۇلۇپلا قالماي، ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتلىرىدىن ھەرگىزمۇ نەسىۋە كۆرەلمەيدۇ ..... !!!
ئا...
2011-9-21