باتۇر ئوغلانلار

باتۇر ئوغلانلار
ئاسماننى بېزىسە كۆپ-كۆك بۇلۇتلار،
زىمىننى بېزەيدۇ مارجان يامغۇرلار.
ئېچىلسا رەڭگارەڭ  گۈللەر زېمىندا،
تارقايدۇ ئالەمگە خۇشبۇي پۇراقلار .


دەريانى بېزىسە شاۋقۇنلاپ سۇلار ،
دېڭىزنى بېزەيدۇ دولقۇنلاپ سۇلار .
ئادەملەر سۇ  كەبى بىر دولقۇنلىسا،
ئالەمگە ئاڭلىنار سادا - شاۋقۇنلار .


چۆللەرنى بېزىسە گىياھسىز سايلار ،
تاغلارنى بېزەيدۇ ئېرىمەس  قارلار .
ئېگىلسە شامالغا مەجنۇن  تاللار  ،
ئېگىلمەس ۋىجدانلىق چىنار- قارغايلار.


جەڭگاھنى بېزىسە  باتۇر پالۋانلار  ،
پالۋاننى بېزەيدۇ  نەيزە  قالقانلار    .
باش ئەگسە رەقىپكە  ۋىژدانى يوقلار ،
ئۆلسىمۇ  تىز پۈكمەس باتۇر ئوغلانلار .


قىلسىمۇ مىڭ زۇلۇم  قانخور ياۋلار ،
سالسىمۇ پۇت-قولغا زەنجىر، تاقاقلار.
تۆكۈلسە دەريالاپ ئىسسىق قانلار ،
 تىك تۇرار مىسالى سابىت، ئۇيغۇرلار.


باھار دەپ سايرايدۇ مىليۇن جانلار ،
ئۈمۈد بىلەن كۈتىدۇ ئۆتسە يىل-ئايلار .
ھۆرلۈك دەپ شەھىد بولدى مىليۇن ئىنسانلار ،
ۋازكەچمەس يۇلىدىن ئۆتسە "مىڭ" ئايلار .

   ئا.مۆلجەرلى

2009-4-18

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى