مۇھىم 10 سۇئال

قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى مەزمۇنىدىن قىسقىچە 10 سۇئال .

ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىزدەنگەن ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا، جانابى ئاللاھتىن بۈيۈك ئەجىر-ئەزىم ۋە ئالى مۇكاپاتلار تىلەيمەن  .
1- بسم اللە الرحمن الرحيم  _ قۇرئان كەرىمنىڭ قايسى سۈرىسىدە ئىككى يەردە كىلىدۇ ؟

2- ئاللاھ تائالانىڭ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلغان بىرىنجى بۇيرۇق سۆزى (ۋەھىسى) قايسى كەلىمە ؟

3- قۇرئان كەرىمدە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ  (محمد)  ئىسمى قانچە جايدا تىلغا ئېلىنىدۇ ؟

4- قۇرئان كەرىمدىكى، ئىككى پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر سۈرە  قايسى  ؟

5- قۇرئان كەرىمنىڭ ئوتتۇرسى ھىساپلىنىدىغان بىر ئايەت بار “ئېھتىيات قىلسۇن“ ئۇ ئايەت كەلىمە قايسى سۈرىدە كېلىدۇ ؟

6- قۇرئان كەرىمدىكى قىسسەلەر ئىچىدە، ھاشارەتلەر بىلەن  قۇشلار ئىچىدىن ئىككىسىنىڭ سۆھبىتى (سۆزلىگەنلىكى) بايان قىلىنىدۇ، ئۇلار قايسىلار ؟

7- قۇرئان كەرىمدە، قىيامەت كۈنى بەزى ئىنسانلارنىڭ ئاغزى پىچەتلىنىپ قۇلى بىلەن بۇتى سۆزلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان بىر سۈرە بار، ئۇ قايسى سۈرە ۋە قايسى ئايەت ؟

8- ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، مۇئىمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى جەننەت بىلەن سېتىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى، ئۇ قايسى سۈرىدە كېلىدۇ ۋە ئۇلار قانداق سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر ؟

9- ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ئىككى تۈرلى كىشىلەرنى بايان قىلىپ، ئۇلار بىر-بىرلىرى بىلەن (ھەرگىز بارابەر بۇلالمايدۇ) دىدى، ئۇلار قانداق كىشىلەر ؟

10- قۇرئان كەرىمنىڭ بىر سۈرىسى "مۇئىمىنلەر نىجات تاپتى" دىگەن بىشارەت بىلەن باشلاندى ۋە ئۇلارنىڭ ئون تۈرلى سۈپىتى ئارقىمۇ-ئارقا بايان قىلىندى، ئۇ قاسى سۈرە ۋە ئۇلار قايسىلار ؟


تۈزگۈچى— ئا ... مۆلجەرلى
                               

        يۇقارقى  سۇئاللارنىڭ  جاۋابى 

1-  27- سۈرە نەملىدە  - {سۈرە بېشىدا ۋە 30- ئايەتتە } كەلىدۇ .

2-  96- سۈرە ئەلەق  - سۈرە بېشى  { اقرا بسم ربك الذى خلق} "ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئۇقۇ" كەلىمىسى .

3-  قۇرئانى كەرىمدە،  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ {محمد} ئىسمى تۆت جايدا كېلىدۇ .

4-  87- سۈرە ئەلا،   بۇ سۈرەنىڭ ئاخىرى { ئىبراھم  ۋە  مۇسا} ئىككى پەپغەمبەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ .

5-  18- سۈرە الكھف 19- ئايەتتە {وليتلطف} كەلىمىسى، قۇرئانى كەرىمنىڭ ئوتتۇرسى ھىساپلىنىدۇ .

6-  قۇرئانى كەرىمدە، تۈرلى قۇشلار ۋە ھاشارەتلەر بايان قىلىنغان بۇلۇپ،  ئۇلاردىن  سۆزلىگەنلىرى {چۆمۈلە بىلەن ھۆپۆپ}.

7- ياسىن سۈرىسى 65-ئايەتتە، قىيامەت كۈنى بەزى ئىنسانلارنىڭ ئاغزى پىچەتلىنىپ قۇلى بىلەن پۇتى سۆزلەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

8- سۈرە تەۋبە111-ئايەتتە، ئاللاھ يۇلىدا جىھاد قىلىپ {ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەن} لەرنىڭ جانلىرىنى، جەننەت بىلەن سېتىۋالغانلىقىنى بايان قىلىندۇ.

9- قۇرئان كەرىمدە- كۆرسىتىلگەن بىر-بىرلىرى بىلەن بارابەر بۇلالمايدىغان ئىككى تۈرلى كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرى : { ئاللاھ يۇلىدا جىھاد قىلغانلار بىلەن ئۆزرىسىز جىھادقا چىقمىغانلار، ئاللاھ يۇلىدا جىھاد قىلغانلار بىلەن ھاجىلارغا سۇ بەرگەن ۋە ھەرەم مەسجىدىنى تەمىر قىلغانلار، ئاللاھتىن قورىققۇچى ئىلىم ئىگىلىرى بىلەن جاھىل-بىلىمسىزلەر، كۆرىدىغانلار بىلەن (ھەقنى كۆرمەس) كور-ئەمالار بارابەر بۇلالمايدۇ}. دەپ بايان قىلىنىدۇ .

10- 23-سۈرە المۇمنۇن، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى { مۆمىنلەر، نامازدا ئاللاھتىن قورقۇپ تۇرغۇچىلار، بىھۇدە-لەغۋى ئىشلاردىن يىراق تۇرغۇچىلار، زاكاتنى ئادا قىلغۇچىلار، جىنسى ئەزالىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلار، پەقەت ھالال ئايالى ۋە ھالال بولغان دىدەكلىرى بىلەن بۇلۇپ پىتنە-ئىغۋادىن ساقلانغۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلغۇچىلار، ئۈستىدىكى ئامانەتكە ۋە ئەھدىسىگە رىئايە قىلغۇچىلار، نامازنىڭ ۋاقتىنى ساقلىغۇچىلار، ئەنە شۇلار مىراسخورلار، ئۇلار جەنناتۇل-فىردەۋىسنىڭ مىراسخورلىرى بۇلۇپ، ئۇلار ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر} .

مېھرىبان ئاللاھ بارچىمىزنى شۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان مۇمىن بەندىلىرىدىن قىلىپ، ئەڭ ئالى ماكان جەنناتۇل پىردەۋىسنىڭ مىراسخورلىدىن قىلسۇن .          
   
 ئامىن    ئامىن    ئامىن 


              تۈزگۈچى   -    ئا ... مۆلجەرلى

          2011-10-10     

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى