ساخاۋەت - ئېھساندا نە قوللار كۆردۈم
بىر "ئوكيان" مىسالى كۆز ياشقا تولغان،
پەريادى ئاڭلانماس، كۆز يېشى كەلكۈن .
ئىشسىزلىق كوچىسىدا يۇلى يۇقالغان ،
سەھەرگە تەلمۈرگەن غېرىپلار كۆردۈم .
كىم بىلىر، ئۈمۈت بىلەن قانچە ئىشىك چەكمىش،
بىر قۇتا دارا بىلەن بىر نانغا موھتاج .
تولغۇنۇپ يوقلۇقتىن، جاندىن ۋاز كەچمىش ،
بىر "ئۈمۈت" كۆزلىگەن، غېرىپلار كۆردۈم .
ياستۇقتۇر بېشىدا سايلارنىڭ تېشى ،
بىر "ئىلتىپات-مەرھەمەت" ياردەم تىلىگەن .
تۇرالغۇ ماكانى يوللار دوقمۇشى ،
ئادرېسى ماكانسىز، غېرىپلار كۆردۈم .
ھەر ئىنساننىڭ تەقدىرى ئۆزگىچە يىتەر ،
بايلىق ۋە پەقىرلىك ھەممە ئېمتىھان .
ھەر ئىنسان ئۆمرىدە بىر ئىشلار كۆرەر ،
ساخاۋەت-ئېھساندا نە قوللار كۆردۈم !.
شائىر _ جەمىل دۇرسۇن (Cemil Dursun)
( تۈرۈكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى )
ئا. مۆلجەرلى