ئۈزىنى قۇتۇلدىرالمىغان، باشقىلارنى ئەسلا قۇتۇلدۇرالمايدۇ !
((ئەي ئىمان ئېيىتقانلار! ئۈزەڭلارنى ۋە ئەھلىڭلارنى، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بۇلىدىغان ئوتتىن (دەۋزەخ ئازابىدىن) ساقلاڭلار)) . (سۈرە تەھرىم 6-ئايەت).
بىز ئىنسانلارنى ۋە كائىناتتىكى بارچە نەرسىلەرنى يوق يەردىن ياراتقان يەككە - يىگانە رەببىمىز جانابى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا، بىزلەرگە يۇقارقىدەك خىتاپنى قىلىپ، ھەربىر ئىنسان ئالدى بىلەن ئۈزىنى قۇتۇلدۇرىشى، كېيىن ئەھلى-قەۋىملىرىنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەكلىگى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە .
دىمەككى، جانابى ئاللاھنىڭ بۇ خىتابى بارچە ئىنسانلارغا بىر ئاگاھلاندۇرۇش بۇلۇپلا قالماي، كەسكىن ئىلاھى بۇيرۇق بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى قۇران-كەرىمدىكى ( قۇ ئەنفۇسەكۇم ) سۆزى بۇيرۇق فىلى بۇلۇپ، بۇ بۇيرۇق جانابى ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارغا ئالدى بىلەن ئۈزىمىزنى قۇتقۇزۇش، كېيىن ئەھلى-جەمەت ۋە قەۋىم-قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز ئۈچۈن بىزلەرگە بەرگەن ئىلاھى بۇيرۇق-بىشارىتىدىن ئىبارەت .
بىز ئىنسانلار ئۈزىمىزنىڭ ئەقىدە-ئىمان، ئەمەل-ئىبادەت، ئىلىم-مەرىفەت، تەلىم-تەربىيە، ئەدەپ-ئەخلاق، قاتارلىق دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخىت-سا'ئادەت يۇلىمىزنى تېپىش ئۈچۈن، ھاياتىمىزدىكى مۇھىم بولغان مەنىۋى تەربىيەلەرنى توغرا ئۈگۈنۈش ئارقىلىق، دۇنيا ھاياتىمىزدىكى يول خەرىتىمىزنى ساغلام ۋە توغرا تاللىشىمىز توغرىسىدا ئاشكارە بىشارەتلەرنى بېرىدۇ. شۇنىڭدەك بۇخىل تەلىم-تەربىيەلەر بىلەن ئۆز ئەھلىنى تەربىلەش بارچەمىزنىڭ (ئائىلە مەسۇلىنىڭ) باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتلىرىدىن ئىبارەت ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىدۇ .
سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ- ( ھەربىرڭلار بىر پادىچى ۋە ھەربىرىڭلار ئۆز پاداڭلاردىن ھىساپ بىرىسىلەر )- دىگىنىدەك، ھەربىر ئاتا-ئانا ئۆز ئەھلىدىن خۇددى پادىچى ئۆز پادىسىدىن خوجىسىغا ھىساپ بەرگىنىدەك، بىزلەرمۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۆز ئەھلىمىزدىن جانابى ئاللاھقا ھىساپ بىرىدىغانلىقىمىز كۆرسۈتۈلمەكتە.
دىمەككى ھەربىر ئائىلە باشلىقى ئۆز ئەھلىدىن ھىساپ بىرىدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن، ھەربىر يۇرت باشلىقىنىڭمۇ ئەلۋەتتە ئۆز قەۋمىدىن ھىساپ بىرىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ھەربىر يۇرت جامائەتلىرىنىڭ پىشىۋاسى بولغان ئىماملارنىڭمۇ ئەلۋەتتە ئۆز جامائىتىدىن ھىساب بىرىدىغانلىقىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە !.
ئاللاھنىڭ كالامى، مۇقەددەس دەستۇرىمىز قۇرانى-كەرىمگە، ئۇلۇغ يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك سۆزلىرى ھەدىس-شېرىفكە ھەقىقى ئىمان كەلتۈرگەن ھەربىر مۇسۇلمان، يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەفەككۇر قىلىپ كۆرىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۈزىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەڭەن پەرىز ۋە شۇنىڭدەك بارچە ئىلاھى ئەمىر-پەرمانلارنى تۇلۇق تۇنۇپلا قالماي، خۇسۇسەن ئائىلە-جەمەت، قەۋىم-قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى ھەق-ھۇقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنىمۇ ئەلۋەتتە تۇنىغان ۋە شۇ مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئالدىرغان بۇلاتتى .
مىڭ ئەپسۇسكى، دەۋرىمىزدىكى مۇسۇلمان مىللىتىمىزنىڭ ئىسلامنى چۈشۈنۈش ئاڭ-سەۋىيەسىنىڭ تۈۋەنلىكى، ئىزدىنىشلىرىنىڭ كەملىكى، تەلىم-تەربىيەسىنىڭ يىتەرسىزلىكى، ئىمان-ئىتىقادىنىڭ ئاجىزلىقى، ئىبادەت-ئىخلاسىنىڭ زەئىفلىكى سەۋەپلىك، ئىلاھى ئەمىر-پەرمەنلارنى ئۆز جايىدا ئىجرا قىلالماسلىقتەك (ئىنسانلىق) زىيانكارلىق ئاجىزلىقىمىز تۈپەيلى، بۇ ئازغىنا ئىمتىھان دۇنياسىدا ھىچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ئۈتەپ كىتىۋاتماقتىمىز .
بۇنىڭ سەۋەپچىلىرى بارمۇ ؟ دىگەن سۇئاللارنى ئۆز-ئۈزىمىزگە قۇيۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئەلۋەتتە يۈزلەپ سەۋەپلەر كۆرىلىدۇ. بۇ سەۋەپلەرنى توغرا تەھلىل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھەربىر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكى يىتىلىپ چىقىش جەريانىنى ۋە جەمىيەت مۇھىتىنى تەپسىلى كۆزدىن كۆچىرىش كېرەك .
ئائىلىمىزدىكى مەسئۇل ئاتا-ئانا، ياكى شۇلارنىڭ ئورنىدىكىلەر بىزنى قانداق تەربىلەپ يىتىشتۈردى، قانداق يولغا باشلىدى، قانداق ئاڭ-سېزىمنى بىزگە سىڭدۈردى، قانداق ئىددىلوگىيە بىلەن قوراللاندۇردى ۋە قانداق نىشانغا يىتەكلىدى .
ئەلۋەتتە ھەربىر مۇسۇلمان ئاتا-ئانا ئۆز ئەھلىنى خاتا يولغا يىتەكلىمەيدىغانلىقى ئېنىق، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆز ئەھلى-فەرزەندىگە بەرگەن ئىمانى-ئىتىقاد ۋە ئىنسانى ئەدەپ-ئەخلاق تەلىم-تەربىيەسى قانچىلىك دەرىجىدە، بۇلارنىڭ بەرگەن ماددى-مەنىۋى ئۇزۇقلىرى ئەۋلاتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يىتەرلىكمۇ ياكى قانداق، مان بۇلار ھەممىدىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغان ئائىلىۋى تەربىيەلەر .
شۇنىڭدەك، ھەربىر جامائەت پىشىۋالىرىنىڭمۇ ئۆز قەۋىم-جامائىتىگە، ئىلاھى ئەمىر-پەرماننىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە بەرگەن ئىمان-ئىتىقاد، ئەقىدىۋى-ئىبادەت، ئىخلاس-ئەمەل، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرى بولغان مۇھاببەت-نەفرەت كۆزقارىشى قاتارلىق مۇھىم مەسىللەردە، قۇرئان-سۈننەتكە ئويغۇن ھالدا تەپسىر-تەبلىغ قىلىپ، قەۋىم-جامائەتلىرىنىڭ روھى دۇنياسىدا ئىسلامى چۈشەنچىلەرنى قانچىلىك ئۇمۇلاشتۇرالىدى، بۇ سۇئاللارنى ئەنە شۇ شۇ يۇرت پىشىۋالىرىنىڭ ئىمانىغا ھاۋالە قىلىمىز. چۈنكى شۇخىل تەلىم-تەربىيەلەر، شۇ يۇرت-جامائەتنىڭ ئاساسى يىتەكچىسى بولغان يۇرت پىشىۋاسى، دىنى زاتلار ۋە ئىمام-خاتىپلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتلىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
يەنە شۇنىڭدەك، ھەربىر بىلىم ئىگىلىرىنىڭمۇ ئۆز قەۋىم-قېرىنداشلىرىغا ، دەۋرىنىڭ تەقەززاسى بۇيىچە بەرگەن تەلىم-تەربىيە، ئەقىل-ئىدراك، ئىلمىي-كەشپىيات، ۋە شۇنىڭدەك كۆپلىگەن ئىلغار يېڭىلىق-تەرەققىياتلار، بۇلۇپمۇ قەۋىمنىڭ ئۆز تارىخى-كەچۈرمىشلىرىنى ئىزچىل ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن مىللىتىمىزگە تۇنۇشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق مىللى روھ ۋە مىللى سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يۈكسەلدۈرىدىغان قىممەتلىك ماددى-مەنىۋى بىلىملەرنى تەقدىم قىلىشتا قانچىلىك ئىجابى رول-ئوينىدى، بۇ سۇئاللارمۇ ئەنە شۇلارنىڭ ۋىجدانىغا ھاۋالە بۇلۇپ، يۇقارقى مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز يۇلىدا ۋە ئۆز لايىقىدا ئادا قىلىش ھەربىر ئىلىم ئىگىلىرى بولغان دوكتۇر-پىراففەسسۇر، ئۇستاز-مۇئەللىملىرىمىزنىڭ ۋىجدانى قەرزى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
21-ئەسىر ئىنسانلار دەۋرىدىكى تەرەققىيات دەۋرى دەپ تۇنۇلدى. ئەمىلىيەتتىمۇ ئىنسانلار ئىستىمال قىلىۋاتقان بارچە نەرسىلەردە زور تەرەققىياتلار كۆرۈلدى. ھەتتا بەزى قۇتۇپ ئىنسانلىرىنىڭ مۇھىتلىرىدىمۇ تۈرلى ئۆزگىرىشلەر، ئالاھىدە ئىلگىرلەشلەر ۋە ئاڭ-سەۋىيەدىمۇ زور يۈكسىلىشلەر پەيدا بولدى. ئۇزۇن يىللار ياۋايى ئادەملەر دەپ تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەن ئافرىقا خەلقى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنى بارچە دۇنيا ئىنسانلىرىغا تۇنۇتۇپ، بىز ياۋايى ئەمەس... سىلەر بىلەن ئوخشاش ئىنسان تائىپىسىدىنمىز ... دەپ جاكارلىدى .
دۇنيانىڭ تۆت بۈرجىگىدە ئەنە شۇنداق تۈرلى يېڭىلىقلار يىلدىن-يىلغا كۆپلەپ كۆرىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق دۇنيانىڭ غەربىدە ئەسىرلەر بۇيى داۋام قىلغان ئىنسانى (كەمسىتىش) خورلاش، مىللى قىرغىن قىلىش ئازاۋى، تامامەن دىگىدەك دۇنيانىڭ شەرقىدىكى خىتتايغا كۆچمەكتە ۋە شۇ (خىتتاي دۆلىتى) تەۋەلىكدە داۋام قىلماقتا .
بۇنداق قۇتۇپ خارەكتىرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ فاجىئەسى بولغان مىللى كەمسىتىش ۋە مىللى قىرغىنچىلىقنىڭ خىتتاي دۆلىتىدە ئەسىرلەر بۇيى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ زۇلۇم تېخىمۇ چېكىدىن ئېشىۋاتقانلىقىنى، بارچە دۇنيا ئىنسانلىرى بىلسىمۇ-بىلمەسكە سېلىپ، ئاڭلىسىمۇ-ئاڭلىماسقا سېلىپ ياشىماقتا.
يىللار بۇيى شۇنداق - (بالا يىغلىمىسا ئانا ئەمچەك بەرمەپتۇ) دەيدىغان ماقال-تەمسىللەرگە ئاساسلىنىپ، بىز ئۇيغۇرلارنى ئەزەلدىن تۇنىمايدىغان ياتلارغا يېلىنىپ-يىغلىشىپ ئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتتى . شۇنچە يىغلىغان بىلەن، بۇ بىچارە ئۇيغۇرغا شۇ ياتلار قۇلىدىن بىرەر دانە سۈتلۈك ئەمچەك ئەمەس، بىرەر قۇرۇق ئىمىزىكنىمۇ چىقمىدى . يەنە شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان خەلىقنى ئالداش پانتازىيە خىياللىرى، خۇددى ياسىر ئەرەفاتنىڭ ئۆز خەلقىنى 40 يىل ئالدىغىنىدىنمۇ بەكرەك شىرىن چۈشلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەممىگە مۇئەييەنلەشتى .
مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى ئەنە شۇنداق فاجىئەلىك-ئازاپنىڭ ئۈستىدە تۇرۋاتقان دەۋرىلەردە، مىللىتىمىزنىڭ كۆپلىگەن دىنى پىشىۋالىرى ۋە قارىم-تالىپلىرى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان مىللىتىنىڭ غېمىنى يىيىشىپ، سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ يىتەكچىلىك قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئافرىقا قىتەسىگە ھاكىم مۇتلەق بۇلىۋالغان تاغۇت ھۆسنى مۇبارەكمىڭ ئىمان-ئىتىقادى ئۈستىدىكى (كافىر--كافىر ئەمەس) كۆز-قاراشلىرى ئۈستىدە يىللار بۇيى تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ھەتتا چاپان سېلىشىپ بىر-بىرلىرىنىڭ گېلىنى سىقىشتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ سىرلارمۇ ئاشكارە بولدى ، بىراق بىچارە موللاملىرىمىز يەنىلا ھۇشىنى تاپمىدى . ھەتتا دۇنيا ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۆزلىرىنى قۇتقىزالمايدىغان دەرىجىگە كېلىشتى .
"5-ئىيۇل خەلىق قوزغىلىڭى" تاجاۋۇزچى خىتتاي كومىنىستلىرى تەرپىدىن ۋەھشىلەرچە قىرغىن قىلىنىپ، مىللى قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندە، (بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ئىنقىلاپچىلىرىمىزدىن باشقا) شۇ پىشىۋالار ۋە قاراخۇنۇملارنىڭ بىرەرسى بولسىمۇ ئوتتۇرغا چىقىپ "(نۇر بەكرى كافىر، ئۇنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۈتەش بىزلەرگە فەرىز )" دىگەن زۇۋانىنى سۈرۈشمىدى .
مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى ئەنە شۇنداق فاجىئەلىك-ئازاپنىڭ ئۈستىدە تۇرۋاتقان دەۋرىلەردە، (بىر تۈركۈم ۋىجدانلىق كىشىلەردىن باشقا) مىللىتىمىزنىڭ كۆپلىگەن ئالىم-پراففەسسۇر ۋە دوكتۇر-ماجەستىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللى قان-قېرىنداشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى ئۈستىدە كەسكىن ئىپادە بىلەن، خەلىقىمىز ئالدىغا چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ مىللى ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان بىرەر جاراڭلىق شۇئار، ياكى بىرەر بايانات ئېلان قىلىشمىدى. ئەكسىچە خەلىق ئۇلارنى قامچىلاپ تۇرغۇزمىسا، ئۇلار ئولتۇرۇشقان يۇمشاق ئورۇندۇقلىرىدىن تۇرۇشمىدى. ھەتتا بەزىلىرى كۈندىلىك ھاياتى تۇرمۇشى ئۈچۈن سائەتلەپ ئىشلەپ، شۇ ئىش ھەققى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقىزالمايدىغان ھالغا چۈشۈشتى.
يەنە بەزىلىرى نۆۋەتتىكى ۋەتىنىمىزدە يۈزبەرگەن پاجىئەلەر توغرىسىدىكى "شەرقىي تۈركىستان" ئىبارىسى ئىشلىتىلگەن ماقالە-يازمىلارنى توربەتلىرىگە قۇيۇشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستان"نىڭ مەھكۇملۇق تارىخىغا 62 يىلل توشقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ، مەنكى "شەرقىي تۈركىستان"لىق بارچە ئۇيغۇر خەلقى شۇنداق نىدا قىلىمىزكى ....... !!!
ئەي مىللىتىمىزنىڭ پىشىۋالىرى ۋە بىلىم ئىگىلىرى، سىلەر ئالدى بىلەن ئۆزەڭلارنى قۇتۇلدۇرۇڭلار !!!
ئىمانى ۋىجدانىڭلارنى دۇنيا ھەلەكچىلىكىدىن ئازات قىلىش ئارقىلىق، بىچارە-مەزلۇم قېرىنداشلىرىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار !!!
بۇ ئالتە كۈنلۈك پانى دۇنيادا ئۆز ھاياتىنى قۇتقىزالمىغان، ئۆز ئەھلىنى ھەرگىزمۇ قۇتقىزالمايدۇ !!!.
بىلىڭلاركى، بىزنى يوق يەردىن ياراتقان ئاللاھ، بىزنى ئۆزى يوق قىلمىغۇچەن، باشقا مەخلۇقلار ھەرگىزمۇ يوق قىلالمايدۇ !!!.
بىز بارچە ياردەم ۋە مەدەتلەرنى يالغۇز بىر ئاللاھتىن كۈتىمىزكى، ئۇنىڭ غەيرىدىن مەدەت سورىمايمىز !!!.
ئاللاھ يۇلىدا قۇربان بولغانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئوتلۇق سالام يوللايمىزكى، ئۇلارغا ھەرۋاقىت ئالى ئېھتىرام بۈلدۈرىمىز، ئۇلارنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمىز !!!.
ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، مۇسۇلمان مىللىتىنىڭ غەم-قايغۇسىدا شەھىد بولغانلارغا چۇڭقۇر دۇئايى-سالام يوللايمىزكى، ھەرگىزمۇ مەيۇسلەنمەيمىز، چۈنكى ئۇلار جەننەتتە، دۇشمەنلىرىمىز دەۋزەختە !!!.
ئاللاھ رىزاسى ئۇچۇن، مۇسۇلمان مىللىتىنىڭ غەم-قايغۇسىدا ھەرقانداق پا'ئالىيەتدە شۇغۇللۇنۇش بىلەن، زالىملارنىڭ قۇلىغا ئەسىر چۈشۈپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ بۈيۈك ئىززەت-ھۆرمەت بۈلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا جانابى ئاللاھتىن چەكسىز سەبرى-تاقەت، كۇچ-قۇۋۋەت تىلەيمىز .
جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى تۇنۇيدىغان ۋە شۇ مەجبۇرىيەتلەرنى ئەمەلى ئادا قىلىشقا ئالدىرايدىغان، ھەقىقى ئىمان-ئىتىقادلىق، تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن . ئامىن .
ئا..مۆلجەرلى—— بالاساغۇنى
2011-10-01