ئۇيغۇر يىگىت-قىزلىرى
يارىتىلغاچ ھاۋۋا ئانا، ئادەم-ئاتا ھەمرىيى ،
بولدى ھەمراھ بىر-بىرىگە ئۆتكىچە ئۆمۈرلىرى .
نەسىل قويدى يەريۈزىگە مېھرى-مۇھاببەت بىلەن ،
شۇ ھاۋۋانىڭ نەسلىدۇر ئۇيغۇر قىزى-گۈزەللىرى ،
ئانا ئىزىنى قىزلار باسار, چىن-ۋاپا ۋىجدانلىرى .
ئەرلىرى شەمشەرنى ئالسا ، قىزلىرى ساداق بىلەن ،
كۈرەش قىلغان كۈچ-بىرلىكتە، زەپەر قىلغان خاقانلىرى .
ئۆتسە يىللار ئۆتسە قىشلار كەلمەسمۇ باھارلىرى ،
ئۆتتى جاندىن قارا قىشنىڭ شىۋىرغان سوغاقلىرى .
ئىللىق نۇرغا ئىنتىزار بوپ تۇرسىمۇ يىتىم-يېسىر ،
توستى بىزدىن شۇ نۇرنىمۇ زۇلمەتنىڭ بۇلۇتلىرى .
قوشنا ئەلگە كەلدى بىركۈن غايىپنىڭ باھارلىرى ،
خۇشاللىققا چۈمدى شۇكۈن تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى .
تەبرىكلەشتى قوشنىسىنى شۇ ئىللىق باھار بىلەن ،
ئۈزى قىشتا مۇزلىسىمۇ شۇ باھار ھەقدارلىرى .
رەھىمسىزچە تۈكۈلمەكتە قارا قىشنىڭ قارلىرى ،
مۇزلىدى جۇت-سوغاقتىن، يېتىم ئۇيغۇر باللىرى .
گۈلخان ياقتى ۋولقان كەبى، شانلىق كۈرەش-تارىق بىلەن .
ھۇررا...دىدى ھەممە بىردەك_ بارىن، ئىلى، بۇغدالىرى .
ئۆتتى يۈزلەپ ئوت يۈرەك_ باھار چىللاپ ئۆمۈرلىرى ،
يازدى شۇنچە شىئىر-داستان ئاقتى قان، ھەم تەرلىرى .
ئۆتتى ئۇيغۇر، تەۋفىق ، سابىت ، لۇتفۇللاھ ، ئەھمەتمۇ ھەم،
ھەزرەت، ئالماس، شۇكۇر، زوردۇن، ئۆتكۈر كەبى دانالىرى !!!.
بىلىپ قۇيۇڭ ئۇيغۇرۇمنى ، شۇنداق ئەجداد نەسىللىرى ،
مۇستەھكەمدۇر ئۇغۇل-قىزنىڭ ئىمانى-ۋىجدانلىرى .
ئاتلىنار ھۆرلۈك ئۈچۈن _ تەكبىر ئېيتىپ كۈرەشلەرگە ،
شۇندا قالماس "تۈركىستاندا" زالىمنىڭ ئەۋلاتلىرى...!!!
بەش ئىيۇلدا كۆردى دۇنيا "باتۇر" ئۇيغۇر قىزلىرى ،
ياندى ئۇيغۇر كۆزلىرىدە كېلەچەك ئۈمۈد نۇرى .
تامغا ئۇرۇپ تارىخىغا "ئۇيغۇر" دىگەن نامى بىلەن ،
كۈرەش قىلدى قول-تۇتۇشۇپ، باتۇر ئوغۇل-قىزلىرى .
كېلۇر بىر كۈن "تۈركىستانغا" نەۋ-باھارنىڭ يازلىرى !!!.
ھەر تەرەپتىن مۇڭلۇق سايرار ھۆر-ھاياتنىڭ سازلىرى !!!.
جاھان ئەھلى ئاڭلار ئۇ كۈن، ئۇيغۇرۇمنىڭ مارشىنى !!!.
شۇ كۈن تۇنۇر، ھەم تۇنۇلۇر " ئۇيغۇر يىگىت - قىزلىرى " !!!.
_____ئا.مۆلجەرلى _____ 2011-04-20 _________