تەندە ماغدۇر قالمىدى
ئازدۇرۇپ شەيتان، ئاتامنى بارمىغان جاي قالمىدى .
زېرىكىپ ئۆيدە ئاناممۇ بارمىغان چاي قالمىدى .
ئازدۇرۇپ شەيتان، ئۇكامنى بەلدە - بەلۋاغ قالمىدى .
ئالدىنىپ شەيتانغا سىڭلىم باشتا ياغلىق قالمىدى .
ئازدۇرۇپ شەيتان ئاكامنى ئالى- شۇئار، نەيرەڭ بىلەن .
تاشلا قۇرال، توۋلا شۇئار- دەپ، ساتتى بىزنى، كەلمىدى .
قالمىدى ھېچ قالمىدى، بىزدە ۋىجدان قالمىدى .
دەيدۇ شۇنداق ئۇيغۇر قىزى "ئەركەك ساداسى" قالمىدى .
ناركامان - رەققاسچى بوپ يۈرسە مىڭلاپ قىز-ئوغۇل .
شۇ دوزاختىن قۇتقۇزارغا، ساپ ۋىجدانلار قالمىدى .
ئەي ... خۇدا بەرسەڭ ئىدى "بۇغرا كەبى" ئۆتكۈر قىلىچ .
كەسسە ئۇ، شەيتان بېشىنى مەزلۇم قۇلۇڭ بولسا تىنىچ .
ئىڭرىماقتا جان-تارتىشىپ بىكەپەن، جانسىز بۇۋاق .
نالە-پەرياد دەھشىتىدىن تەندە ماغدۇر قالمىدى .
( ۋەتەندىكى بىر قىزنىڭ نالە-پەريادلىرىغا قارىتا يېزىلدى )
ئا. مۆلجەرلى
2011-11-12
.......................................................................................................................
.......................................................................................................................
ئۇيغۇر قىزلىرى ۋىسال ئىزلەيدۇ
يۈرەك تارىنى سالار لەرزىگە،
قىزلار تۇقىغان مۇڭلۇق مىسرالار.
ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ،
ئۇلار توۋلىغان ئوتلۇق سادالار !!!.
ئۆزلىكىمىزنى ئەسلىتەر بىزگە،
قەددى تىك تۇرغان قانلىق مەيدانلار.
شانلىق كۈرەشتە قالقان بوپ بىزگە،
ئۆزلىرى ”شېھىد“ بولغان شۇ ئانلار!!!.
شۇڭىلاشقا دەيمەن ئۇيغۇر قىزىگە،
سىلەر زۇلەيخا، سىلەر يەتتە قىز .
ھىجراننى كۆيلەر ۋىسال ئىشقىدا،
ۋىجدانغا سۇئال، يۈرەككە ئۇرۇپ ئىز.
ۋىجدان سورايدۇ بىزلەردىن سۇئال،
كەلتۈرۈپ شانلىق تارىقتىن مىسال .
قىزلار زۇلەيخا-يىگىتلەر يۈسۈپ،
بۇلالىدۇقمۇ ؟ شەيتاننى قىلىپ لال .
نامى - شەرىپى ئالەمگە مەشھۇر،
يۈسۈپ پەيغەمبەر ھەم زۇلەيخانىڭ.
قىسسەنى ئىشتكەن، ئۇقىغان ھەر كىم،
دەيدۇ يۈسۈپ پاك، گۇناھ زۇلەيخانىڭ.
مۇھاببەت دىگەن شۇنداق سېھرى كۇچ،
يېڭەلمەس ئۇنى ئاجىز ئاشىقلار،
ۋىسال مەنزىلى يۈسۈپنىڭ يۇلى ،
تاپالماس ئۇنى شائىر-ناتىقلار.
ئۇيغۇر زۇلەيخالار ۋىسال ئىزلەرمىش ،
ئوتلۇق كۆي بىلەن ھىجران كۆيلەرمىش.
يوقمىدۇ ئەجەپ ئۇلارغا يۈسۈپ ؟
ئۇيغۇر يۈسۈپلەر نەلەرگە كەتمىش ؟
يات زۇلەيخالار "كەل يۈسۈپ" دىسە ،
يۈسۈپلەر قېچىپ "ياق-ھارام" دىسە.
رەببىدىن قورقۇپ "پاناھ" تىلىسە،
ۋىسال شۇنىڭدۇر "بۇ سىرنى" بىلسە !!!.
ئا. مۆلجارلى
2012-08-04
ئۇيغۇر قىزىغا ئاپىرىن
تۇرمۇش قۇرۇپ ئۆيلۈك بۇلۇپ ،
ئايال بۇلۇپ ‹ خانىش› بۇلۇپ .
پەرزەت تۇغۇپ ئانا بۇلۇپ ،
" ئاللاھ بىر" دەپ تىل چىقارغان -
ئۇيغۇر قىزىغا ئاپىرىن .
تۈندە تۇرۇپ يۇيۇپ تازلاپ ،
ئاق سۈت بىرىپ سۈيۈپ ئازلاپ .
مىڭ ئارزۇلاپ ھەم ئېزىزلاپ ،
" ئەركەك " بولغىن ئوغلۇم، دىگەن -
ئۇيغۇر قىزىغا ئاپىرىن .
ئانا بولۇپ باللىرىم دەپ ،
ئايال تۇرۇپ مىللىتىم دەپ .
ئىلىم ئۇقۇپ ئەقىدەم دەپ ،
ئىسلام ئۈچۈن تۆھپە قوشقان -
ئۇيغۇر قىزىغا ئاپىرىن .
قىز بولسىمۇ يىگىت بولۇپ ،
ھەقتە، كۆكرەك كېرىپ تۇرۇپ .
ئەر ئورنىدا بىز بارمىز دەپ ،
باتۇرلارچە سەپتە تۇرغان ... -
ئۇيغۇر قىزىغا ئاپىرىن .
مەيدانغا چىقار مەرت بارمۇ ؟ دەپ ،
زۇلۇمغا قارشى ئەر بارمۇ ؟ دەپ .
بىزگە قارشى ‹رەقىپ› كىم ؟ دەپ ،
ئەر ئورنىدا كۆرەشكە چۈشكەن -
ئۇيغۇر قىزىغا ئاپىرىن .
ئات مىنىشكە ئەر بارمۇ ؟ دەپ .
ئەر قۇلىدا قىلىچ بارمۇ ؟ دەپ ،
قىز قۇلىدا خەنجەر تەييار... - ،
ئوۋ سويۇشقا يۈرەك بارمۇ ؟ دەپ ،
ئەركەكلەرگە نىدا قىلغان ... -
ئۇيغۇر قىزىغا ئاپىرىن .
« ئاپىرىن، ئۆزلىرى ئاجىز بولسىمۇ شۇنچە ئېغىر جەۋرى - جاپالارنى يېڭىپ، دادىللىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ كىلىۋاتقان جەڭگىۋار ئۇيغۇر قىزلىرىغا مىڭ ئاپىرىن »
ئا. مۆلجەرلى
2009-6-14
ئا. مۆلجەرلى
________________________________________________________________________________
ئاتا - ئانالار ئۇنتۇپ قالماڭ قىزلارنى
قىزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ ئاتىلار،
قىز كۆڭلىنى سوراپ تۇرۇڭ ئانىلار.
"ئۇقۇشقا" دەپ، يولغا سېلىپ قىزلارنى،
پەخىرلىنىپ داۋراڭ سالماڭ ئاچىلار.
يات ئەللەرگە يولغا سېلىپ قىزلارنى،
سۈرۈشتۈرمەي ئۇلار يۈرگەن ئىزلارنى.
سەرسانلىقتا ساغارتۇرۇپ قىزلارنى،
مەغرۇرلۇنۇپ مەنلىك قىلماڭ ئاكىلار.
بۇ سۆزۈمگە قارشى چىقماڭ ئاتىلار،
سەۋرى قىلىپ سۆزنى تىڭشاڭ ئانىلار.
ياقا يۇرتتا سەرسان قىزلار ئاز ئەمەس،
قىزلار بەختى "سېتىلمىسۇن" سىڭىللار !!!.
قىزلار كەتسە رۇسىيەگە، مىسىرغا،
ياكى كەتسە تۈركىيەگە، غەرىپكە.
يوللاپ تۇرۇڭ ھەر ئېيىغا مىڭ دوللار،
قىزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ ئاتىلار !!!.
كۆرگىنىمنى يازاي دىسەم يۈزۈم ئوت،
ئاڭلىغاننى يازاي دىسەم يوقتۇر سوت.
تەۋسىيەم شۇ ئۇنتۇپ قالماڭ قىزلارنى،
قىز بۇزۇلسا، سىزھەم ۋەيران - ئەل ۋە يۇرت.
* * * *
ياقا يۇرتتا ئۇقۇيدىكەن ئۇيغۇر پەرى،
ئاشىق بوپتۇ ئۇيغۇر، ئەجەم، كۆرگەن بەرى.
ھەر تەرەپتىن ئەلچى بۇلۇپ قىز يېنىغا،
كىرىشىپتۇ ئۇيغۇرۇمنىڭ يىگىتلىرى !!!.
پور كېتىپتۇ گۈزەل قىزنىڭ نام-شۆھرىتى،
كۈندىن-كۈنگە ھەم ئېشىپتۇ "مېھىر" قىممىتى،
بىر-بىرىدىن قىزغىنىشقان ئاشىقلارنىڭ،
ئۈزۈلمەپتۇ سوغا-سالام "دوللار" خېتى !!!.
بۇ ھىممەتتىن كۆرەڭلىگەن ئۇيغۇر قىزى،
غادىيىپتۇ مەنسىتمەستىن سوغاتسىزنى.
كۆرۈنۈپتۇ باي ئەجەملەر بەك كېلىشكەن،
ياراتماسمىش، ئۇيغۇر يىگىت دوللارسىزنى.
قىزلار ئۈچۈن، ساياھەتكە بىلەت تەييار،
ئانا يۇرتقا يىلدا بىرەر ئۇچۇپ قۇيار.
ئاتا-ئانا، قىزدىن خۇرسەن كۆز-ياش قىلار،
«ئۇنداق قىزلار ئۆز يۇلىنى پىنھان تۇتار».
ئاتا-ئانىلار ئۇنتۇپ قالماڭ قىزلارنى !!!.
ئا. مۆلجەرلى
(كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمدىن تەسىرات)
2012-10-06