ئادەمىلىك ھايات مىزانى
( ئا. مۆلجەرلى )
3- « ئادەمىيلىك ھايات مىزانىدىكى يېڭى ئائىلە قۇرۇش باسقۇچى »
يېڭى ئائىلە قۇرۇش باسقۇچى _ ھەربىر ئنساننىڭ ئادەمىيلىك ھاياتى ۋە يېڭى تۇرمۇش يۇلىنىڭ غەلبىلىك نەتىجە بىلەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنىڭ ئەمىلى ئىپادىسى بۇلۇپ، يېڭى ئائىلە قۇرۇشنى باشلىغان كىشىنىڭ بىرىنچى قەدەمدە دۇچ كېلىدىغىنى، بۇ يېڭى ئائىلىنىڭ تۇنجى ھۇلىنى (ئاستى-پۇندامېنتىنى) ناھايىتى پۇختا ۋە مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىشنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ۋاسىتىلىرىنى توغرا تاللاشتىن ئىبارەت بولىدۇ .
سىز شۇ ۋاستىلارنى توغرا تاللاشقا دۇچكەلگىنىڭىزدە ئەۋۋەل مۇراجىئەت قىلىدىغىنىڭىز چوقۇم ئەزەلدىنلا ئادەمىيلىك ھاياتقا، توغرا تۇرمۇش يولىغا، يېڭى ئائىلە قۇرۇشقا ئۇيغۇن ۋە مۇۋاپىق، ئاقىۋىتى مەغلۇبىيەتسىز بولغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئائىلە قۇرۇش تەلىماتلىرىدىن ئىبارەت مىزان تارازىسىنى ئۆزىڭىزگە يېتەكچى ۋاسىتە قىلىپ تاللىشىڭىز كېرەك .
ئەگەر سىزنىڭ يېڭى ئائىلە قۇرۇش يولىڭىزنى تاللاشتىكى ئىدىيۋى مىزان-پىرىنسىپلىرىڭىزدا، ماددى دۇنياغا ئىگە بۇلاش، بىرەر ئەمەل-مەنسەپكە يىتىش، بىرەر نام-شۆھرەت چىقىرىش، شەيتانى ھاۋايى-ھەۋىسىگە بىرىلىش، مەلۇم مۇددەتلىك ماددى لەززەت ھاسىل قىلىۋېلىش غەرىزىدە بۇلاش قاتارلىق بەش تۈرلى ئىللەتلەردىن بىرەرسى ئارىلىشىپ قالغان، ياكى يېڭى ئائىلە قۇرۇش ۋاسىتىسىنى تاللاشتىكى مىزان-پىرىنسىپلىرىڭىزدا مۇقىم ئورۇن ئالغان، ۋەياكى شۇ يېڭى ئائىلىڭىزغا ۋاستىلىق رولچى بۇلۇۋاتقان بولسا مۇتلەق ئىشىنىشىڭىز كېرەككى، سىز بۇ يېڭى ئائىلە قۇرۇش قەدىمىنى خاتا باسقان بولىسىز. شۇنداقلا بۇ يېڭى ئائىلىنىڭ ھۇل-پۇندامېنتىنى چىرىگەن خام-خىشتا باشلىغان بۇلىسىزدە، ئاقىۋەتتە بۇ يېڭى قۇرماقچى بولغان ئائىلىڭىز بىلەن زور زىيانغا يۇلۇققىنىڭىزدىن تاشقىرى، چوقۇم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايسىز .
« يېڭى ئائىلە قۇرۇش يولىنى تاللاش »
روھىيەت ۋە ماددىيەت : ئىنساننىڭ روھىيەت دۇنياسى بىر-بىرىگە ئوخشاشمايدىغان بۇلۇپ، شۇ جەھەتتىن ئادەملەر بىر-بىرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
بەزىلەرنىڭ كۆزلىرىگە ماددى بۇيۇملار ئالاھىدە كۆرۈنسە، بەزىلەرنىڭ كۆزلىرىگە ئۇنىڭ مەنىۋى تەرىپى ئالاھىدە كۆرىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ماددىيەتكە يۇقىرى كۆز بىلەن قارايدىغان كىشىلەر، پۇلدار ۋە چىرايلىق ئاياللارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرشىدۇ.
بەزىلەر ئاللاھقا بولغان ئىمانىغا ۋە ئەتىراپ مۇھىتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارايدۇ . ماددى مال-مۈلۈك ۋە چىراي-گۈزەللىكىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدۇ.
يۇقارقى ئىككى خىل كۆز قاراشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىمۇ بىر-بىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق : ماددىيەتلەرنى بىرىنچى ئورۇندا قويغانلارنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى زىيان تارتىش ۋە ۋەيران بۇلاش بىلەن خۇلاسىلانغان بولسا، روھىيىتىنى بىرىنچى ئورۇندا قويغانلارنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى چىن-مۇھەببەتلىك ئىللىق ئائىلىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بەخىتلىك بۇلۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغانلىقى ئىسپاتلانغان .
بۇ ھەقتە ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن - « ئايال كىشى تۈرلۈك خىسلەتلىرى ئۈچۈن نىكاھقا ئېلىنىدۇ. گۈزەللىكى، قەددى-قامىتى، ئەخلاقى ۋە دىنى. سەن ئۇلارنىڭ دىندار بولغىنىنى تاللا، ئەكسىنچە قىلساڭ زىيانغا ئۇچرايسەن . ‹ھەدىس›
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : پەريغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن - « ئايال كىشى تۆت خىسلىتى ئۈچۈن نىكاھقا ئېلىنىدۇ. مېلى، نەسەبى، گۈزەللىكى ۋە دىنى . سەن ئۇلارنىڭ دىندار بولغىنىنى تاللا، بولمىسا زىيانغا ئۇچرايسەن . ‹ھەدىس›
تاللاش نەتىجىسى :
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن شۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ : پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن - « كىمىكى بىر ئايالغا كۈچلۈك بۇلۇش (يۇقىرى ئىمتىيازغا ئېرىشىش) مەقسىتىدە ئۆيلەنسە، ئاللاھ ئۇنى خار قىلىدۇ. بايلىقىنى مەقسەت قىلىپ ئۆيلەنسە، ئاللاھ ئۇنىڭ پېقىرلىقنىى ئاشۇرىدۇ . مەنسەپ-ئابرۇيى ئۈچۈن ئۆيلەنسە، ئاللاھ ئۇنى ئىناۋەتسىز-پەس قىلىدۇ . ئەمما كۆزىنى ھارامدىن مۇھاپىزەت قىلىش، ھارامدىن ئۆزىنى ساقلاش، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ئۆيلەنسە، ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئۇ ئايالغا، ئۇ ئايالنى ئۇ كىشىگە مۇبارەك (بەركەتلىك) قىلىدۇ. ‹ھەدىس مەزمۇنى›
ئاللاھنىڭ_ بىر ئەرنى ئايالىغا، ئايالىنى ئۇ ئەرگە مۇبارەك ۋە بەرىكەتلىك قىلىشىدىنمۇ چوڭ يەنە قانداق بەخىت-سائادەت بولسۇن ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىنى كۆپەيتىدۇ. ئۇلارنى ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. بىر-بىرلىرىگە ئىززەت-ھۆرمەت قىلدۇرىدۇ. ئۆز-ئارا ھۇزۇر-ھالاۋەت كۆرۈشكە، بىر-بىرلىرىنى ھەقىقى سۆيۈشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ.
بۇنداق بەخىتلىك ئائىلىدە دائىم ئىككىخىل سېھرىي كۈچ ھۆكۈمران بولىدۇ. بۇ ئىككىخىل سېھرىي كۈچنىڭ بىرى ئەردە بولسا يەنە بىرى ئايالدا بولغان بولىدۇ. ئەردىكى سېھرى كۈچ ئۆزىنىڭ سېھرىي-جەلىپكارلىقى بىلەن ئايالنى دائىم ئۆزىگە تارتىپ تۇرسا، ئايالدىكى سېھرىي كۈچمۇ ئۆزىنىڭ سېھرىي-جەلىپكارلىقى بىلەن دائىم يولدىشىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ .
ئەردىكى سېھرىي جەلىپكارلىقنىڭ ھاسىل بۇلىشى:
ئەرنىڭ، ئاللاھقا بولغان ئىمانى ناھايەت دەرىجىدە مۇستەھكەم بۇلىشى، ئىبادەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشى، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قۇرئان-كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن بەھرى-ھۇزۇر ئېلىپ تۇرۇشى، ئۆيدە ۋە سىرتلاردا دائىم تەقۋا بۇلىشى،كۆزىنى نامەھرەم-ھاراملاردىن ساقلىشى، قول-پۇتلارنى ھاراملاردىن ساقلىشى، ھالال يېيىشنى مۇتلەق ئادەت قىلىشى، تىلنى يامان سۆزلەردىن ساقلىشى، مۇلايىم - ئىللىق چىراي بۇلىشى، يىتىم-يېسىرلارنى ئۆزىگە دوست تۇتۇشى، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا كۆيۈمچان-غەمخور بۇلىشى، ئۆز ئائىلىسىگە مېھرىبان-رەھىمدىل بۇلىشى، ئايالىغا دائىم ئىززەت-ئىكرام بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئۇنى چىن يۈرىكىدىن سۆيىدىغانلىقىنى دائىم تەكىتلەپ تۇرۇشى، سۆيگىنىڭ ئىپادىسى بولغان سەمىمى ساداقىتىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشى، يۈرىكىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا ئايالىنىڭ ئورنى بارلىقىنى بىلدۈرۈشى، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتلەردە ئەخلاق ۋە تەرتىپكە دىققەت قىلىشى، ئەخلاقسىزلىق بىلەن تەرتىپسىزلىك ئىنسان كۆڭلىگە تىزلا غەشلىك ۋە سوغاقچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى، ئايالىدىن تەلەپ قىلغان ئەدەپ-ئەخلاق، گۈزەللىك ۋە پاكىزلىققا ئۆزىمۇ ئالاھىدە رىئايە قىلىشى، ئايالىدىن ئۆتكەن بەزى سەھۋى-خاتالىقلارنى چىرايلىقچە تۈزىتىشى، ئايالىغا باشقىلار ئالدىدا قوپال مۇئامىلە قىلماسلىقى ۋە كۆڭلىگە ئازار بەرمەسلىكى، ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بىر-تۇغقانلىرىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشى، ئۇلارنى ئۆيىگە مېھمان بۇلاشقا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇشى، ئۇلار مېھمان بۇلۇپ كەلسە (زۆرۈرىيەت بولمىغاندا) ئۇلارنى ئايالىغا قۇيۇپ سىرتلارغا كېتىپ قالماسلىقى، ئايالى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ئاددى بولسىمۇ بىرەر سوغا-سالام ئېلىپ ئەۋەتىشى.
يۇقىرىقى خىسلەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئەر شۇنداق كۈچلۈك سېھرىي كۈچكە ئىگە بولىدۇكى، ھەرقانچە تەتۈر-جاھىل ئايالمۇ بۇخىل سېھرىي كۈچنىڭ تەسىرىدە، ئۆزىنى ئېرىنىڭ ئايىغى ئاستىغا تاشلايدىغانلىقىغا شەك يوق. ئەگەر بۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز، ئادەمىيلىك سېھرىي كۈچىنى ھاسىل قىلغۇچى يۇقىرىقى خىسلەتلىرىنى ئۆزىڭىزگە ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كۆرۈڭ ! .
ئايالدىكى سېھرىي جەلىپكارلىقنىڭ ھاسىل بۇلىشى:
ئايالنىڭمۇ، ئاللاھقا بولغان ئىمانى ناھايەت دەرىجىدە مۇستەھكەم بۇلىشى، ئىبادەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشى، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قۇرئان-كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن بەھرى-ھۇزۇر ئېلىپ تۇرۇشى، ئۆيدە ۋە سىرتلاردا دائىم تەقۋا بۇلىشى، ئېرىنىڭ مال-مۈلكىگە ئامانەتكار بۇلىشى، كۈندىلىك ۋاقىتنى مەنىلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشى، نەپسىنى ھاراملاردىن ساقلىشى، غېيبەتتىن يىراق تۇرۇشى، ھالال يېيىشنى مۇتلەق ئادەت قىلىشى، تىلنى يامان سۆزلەردىن ساقلىشى، مۇلايىم - ئىللىق چىراي بۇلىشى، خۇلۇم-خوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، يىتىم-يېسىرلارنى ئۆز پەرزەنتىلىرىدەك كۆرۈشى، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا كۆيۈمچان ۋە خۇش-چىراي بۇلىشى، ئائىلە پەرزەنتلىرىگە مېھرىبان-رەھىمدىل بۇلىشى، يولدىشىغا دائىم ھۆرمەت-ئىكرام بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، يولدىشىنىڭ چىرايىغا ھەر ۋاقىت تەبەسسۇم بىلەن قارىشى، كۆزلىرىنىڭ نازۇك ھەرىكىتى بىلەن يولدىشىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ تۇرۇشى، ئۇنى چىن يۈرىكىدىن سويىدىغانلىقىنى دائىم تەكىتلەپ تۇرۇشى، ھەقىقى سۆيگىنىڭ ئىپادىسى بولغان سەمىمى ساداقەت-ۋاپادارلىقىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشى، يۈرىكىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا يولدىشىنىڭلا بارلىقىنى بىلدۈرۈشى، يولدىشىسىز بەخىتلىك ھايات بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىشى، ئۆي ئىچى ۋە سىرتىدا پاكىزلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆيدە بولسۇن ياكى سىرىتقا چىقماقچى بولسۇن ئېرى ياخشى كۆرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشكە ئادەتلىنىشى، زىبۇ-زىننەت گۈزەللىكلىرىنى پەقەت ئېرى ئۈچۈن ئىشلىتىشى، ئېرىدىن ئارزۇ قىلغان كۆركەملىك-گۈزەللىك ۋە پاكىزلىققا ئۆزىمۇ ئالاھىدە رىئايە قىلىشى، ئېرى ئۆيگە كېلىشى بىلەن سالام بېرىپ يۈزىگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قارىشى، ئۆيگە نېمە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سوراشتىن بۇرۇن ئېرىنىڭ نېمە ئىچىدىغانلىقى ۋە نېمە يەيدىغانلىقىنى سورىشى، ھەرۋاقىت ئېرىنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ سۆز-مۇئامىلە قىلىشنى بىلىشى، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان ۋە ئاچچىقىنى قوزغايدىغان ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزدىن قەتئىي ساقلىنىشى، ھېچقاچان ئېرى بىلەن گەپ تالىشىپ جىدەللەشمەسلىكى، ئېغىر-بېسىق سەۋىرچان بۇلىشى، ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بىر-تۇغقانلىرىغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتىشى، دائىم ئۇلارنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ تۇرۇشى، ئۇلار مېھمان بۇلۇپ كەلسە ئۇلارنى يالغۇز قۇيۇپ سىرىتلارغا كېتىپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشى، ئۇلارغا ئاددى بولسىمۇ بىرەر سوغا-سالام يوللۇق بېرىشى.
يۇقىرىقى خىسلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئايالمۇ شۇنداق كۈچلۈك سېھرىي جەلىپكارلىققئا ئىگە بولغان بولىدۇكى، ھەرقانچە تاشيۈرەك-زالىم ئەرمۇ بۇخىل سېھرىي كۈچىنىڭ تەسىرىدە، ئۆزىنى بۇ پەرىشتە سۈپەت ئايالىنىڭ باغرىغا تاشلايدىغانلىقىدا ھەرگىز شەك يوق. ئەگەر بۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز، ئادەمىيلىك سېھرىي-جەلپكارلىق كۈچىنى ھاسىل قىلغۇچى يۇقىرىقى خىسلەتلىرىنى ئۆزىڭىزگە ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كۆرۈڭ ! .
« بۇ ئاللاھنىڭ لۇتپىدۇركى، سورىغۇچىلارغا بېرىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك ئىنئام ساھىبىدۇر » ‹ئايەت مەزمۇنى›
يۇقىرىدا كۆرسەتكەن ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىدىنمۇ شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى: ھەركىم ئۆزىنىڭ ئادەمىيلىك ھاياتىنى، يېڭى تۇرمۇشىنى ۋە يېڭى ئائىلىسىنى قۇرۇش، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى يېڭى ئەۋلاد يېتىلدۈرۈش ۋە يېڭى جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى نىشاننىڭ تاللاش ۋاستىلىرىنى چوقۇم يۇقارقى تەلىماتلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىشى، ئۆزىنىڭ تاللاش مىزانىنى ئەنە شۇ پرىنسىپلار ئۈستىدە ئەمىلىلەشتۈرىشى لازىم .
شۇنداق قىلغاندىلا بەخىتلىك يېڭى ئائىلىنى بەرپا قىلغىلى، ساغلام يېڭى ئەۋلاد يېتشتۈرگىلى، شۇ ساغلام ئەۋلاتلار بىلەن كەلگۈسى پارلاق بولغان يېڭى جەمئىيەتنى بەرپا قىلغىلى بۇلىدۇ.