ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىسلام كۈرىشى
يازغۇچى : ئەبۇ مۇسئەب سۇرى
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەبۇل ئەسەد ھامىدى
1999- يىلى 04- دېكابىر
جىمى ھەمدۇ – سانالار اللەقا خاستۇر، ئۇ زاتقا ھەمدە ئېيتىمىز . بىزلەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىپ، بارلىق گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلىشىنى تىلەيمىز . يامان ئەمەللىرىمىزنىڭ ئاقىبىتىدىن، نەپسىمىزنىڭ يامان خاھىشلىرىدىن ئۇ زاتنىڭ پاناھىغا سېغىنىمىز . اللە ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ .
ئى اللە ! بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز ، ھەقىقەتەن سەن غەيىبلەرنى بىلگۈچىسەن .
« ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ! ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ) ’ﺭﻩﺑﺒﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﻼﺭ‘ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯗﻕ، ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺘﯘق .
ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ! ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﻏﻔﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯩﻦ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻗﻪﺑﺰﻯ ﺭﻭﮪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ. ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ! ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ) ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ. ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺭﻩﺳﯟﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻦ، ﺳﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﯞﻩﺩﻩﯕﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺴﻪﻥ».
سېنىڭ تەرىپىڭدىن ئەھلى جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن كۆز قارچۇغىمىز ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ساھابىلىرىغا چەكسىز دۇرۇد ۋە سالام يوللايمىز.
مۇقەددىمە
ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام دىيارلىرى قايسىلار؟ ئۇ دىيارلار توغرىلىق ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ ، بولۇپمۇ مۇجاھىدلارنىڭ بىلىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر قايسى؟ ئۇ دىيارلاردا جىھاد قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە ؟ بۇ دىيارلاردا جىھاد قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ خۇسۇسەن بۇ دىيارلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۆرىنى – مۆرىگە تىرەپ جىھاد قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مۇھىم ئامىللار قايسى ؟
يۇقىرقىدەك سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى نەزەردە تۇتۇپ « ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىسلام كۈرىشى » ناملىق بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم .
بۇ كىتاب تۆۋەندىكى ماۋزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
مۇقەددىمە : ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات .
بىرىنچى باب : ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسلام ئېچىلغاندىن باشلاپ تاكى رۇس ئىستىلاسىغىچە بولغان قىسقىچە تارىخى .
ئىككىنچى باب : رۇسنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام دىيارلىرىغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئۇنىڭ باسقۇچلىرى .
ئۈچىنچى باب : مۇستەقىللىقتىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە سوۋېتنىڭ پارچىلىنىشى .
تۆتىنچى باب : ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جىھادىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن يېڭى دۇنيا قانۇنى ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشكە بولغان ئالاقىسى .
ئالتىنچى باب : ئاخىرقى سۆز .
ئوتتۇرا ئاسىيا دىيارلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات
ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام دىيارلىرى شەرقتە خىتاي ، غەربتە ئىران ۋە كاسپى دېڭىزى ، جەنۇپتا پاكىستان ۋە ھىندىستان ، شىمالدا سىبىرىيە ۋە نورال تاغلىرىغىچە بولغان زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
1-شەرقى تۈركىستان : قەدىمقى پايتەختى – قەشقەر . بۇ ئىسلام دىيارنى خىتايلار بېسىۋالغان بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 852 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر . ئەسلى ئاھالىسى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 40 مىليون بولۇپ، ئۇلار خىتايدىن باشلىنىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز رايونلىرىغا قوشۇلۇپ، تۈركىيەگىچە سوزۇلغان تۈرك ئېرىقىغا مەنسۇپتۇر.
خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىنى مۇستەھكەملەش رولىنى ئويناۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى، بۇ دىيارنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولغان تۈرۈك مۇسۇلمانلىرى بىلەن باراۋەر، بەلكى كۆپرەك .
2- قىرغىزىسىتان : پايتەختى – بېشكەك . ئومۇمىي يەر كۆلىمى تەخمىنەن 198مىڭ 500 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ . ئومۇمىي ئاھالىسى 4 مىليون 547 مىڭ بولۇپ ، مۇسۇلمانلار ئومۇمىي ئاھالىنىڭ 75% نى ئىگەللەيدۇ . ئۇلارمۇ تۈرك ئېرىقىغا مەنسۇپ .
3- ئۆزبەكىستان : پايتەختى – تاشكەنت . ئومۇمىي يەر كۆلىمى 447 مىڭ 400 كۇۋادىرات كىلومېتر. ئومۇمىي ئاھالىسى 25 مىليون بولۇپ ، مۇسۇلمانلار 85% نى تەشكىل قىلىدۇ . ئۇلارمۇ تۈرك ئېرىقىغا مەنسۇپ .
4- قازاقىستان : كونا پايتەختى – ئالما ئاتا ، ھازىرقى پايتەختى ئاستانا . ئومۇمىي يەر كۆلىمى 2 مىليون 717 مىڭ 300 كۇۋادىرات كىلومېتىر . ئومۇمىي ئاھالىسى 17 مىليون 27 مىڭ بولۇپ ، مۇسۇلمانلار 55% نى ئىگەللەيدۇ . ئۇلارمۇ تۈرك ئېرىقىغا مەنسۇپ .
5- تۈركمەنىستان : پايتەختى – ئاشىق ئاباد . ئومۇمىي يەر كۆلىمى 488 مىڭ 100 كۇۋادىرات كىلومېتىر . ئومۇمىي ئاھالىسى 4 مىليون 560 مىڭ بولۇپ ، مۇسۇلمانلار 86% نى تەشكىل قىلىدۇ . ئۇلارمۇ تۈرك ئېرىقىغا مەنسۇپ .
6- تاجىكىستان : پايتەختى – دۈشەنبە . ئومۇمىي يەر كۆلىمى 143 مىڭ 100 كۇۋادىرات كىلومېتىر . ئومۇمىي ئاھالىسى 5 مىليون 888 مىڭ بولۇپ ، مۇسۇلمانلار 80% نى ئىگەللەيدۇ . ئۇلار پارىس ئېرىقىغا مەنسۇپ .
قىرغىزىستان ، ئۆزبەكىستان ، قازاقىستان ، تۈركمەنىستان ، تاجىكىستان قاتارلىق بەش مەملىكەت قوشۇلۇپ غەربى تۈركىستان دەپ ئاتىلىدۇ .
بۇ مەملىكەتلەر رۇس ئىستىلاسىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن رۇسىيە ۋە ئامېرىكا، ئىسلام دىنىنىڭ بۇ رايونلاردا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن « مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى » دېگەن نام بىلەن ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىش ئىتتىپاقىنى تۈزۈپ چىقتى .
7- پاكىستان : بۇ ، ئوتتۇرا ئاسىيا دىيارلىرىدا باش كۆتۈرىۋاتقان ئىسلام ئويغۇنۇش ھەرىكەتلىرىگە سىياسى ۋە جۇغراپىيىۋى جەھەتلەردە كۈچلۈك ياردەمچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەت . ئۇنىڭ پايتەختى – ئىسلام ئاباد، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 680 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر ( بۇ كەشمىرنىڭ يەر مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ )، ئومۇمىي ئاھالىسى 146 مىليون . ئۇلار ھىندى ، پەنجاب ، بىلۇجى ، پوشتۇن ، سىندى قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان .
8- ئافغانىستان : پايتەختى – كابۇل . ئومۇمىي يەر كۆلىمى 652 مىڭ 300 كۇۋادىرات كىلومېتىر، ئومۇمىي ئاھالىسى 24 مىليون . ئۇلار پوشتۇن ، پارىس ، ئۆزبەك ، تۈركمەن ۋە بىلوجى قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان . ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى پوشتۇن مىللىتى تەشكىل قىلىدۇ.
بۇ سەككىز دۆلەتتىكى تەخمىنەن 8 مىليون كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان زېمىننى، ئىككى يۈز مىليوندىن ئارتۇق ھەنەپى مەزھىپىگە مەنسۇپ بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىگەللەپ تۇرىشى، دۇنيا سەھنىسىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . بۇ دىيارلارنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى ئەبزەللىكى، مۇسۇلمانلار ئاھالىسىنىىڭ كۆپلىكى، تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى، شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئامىللار دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەرزىيدۇ .
1- بۇ دىيارلار شەرقتىكى خىتاي، شەرقى ئاسىيا، جەنۇبى دېڭىزلار بىلەن ئەرەپ دېڭىزى بوغۇزلىرى، مۇھىم دېڭىز قاتناش لىنىيەلىرى ۋە نىفىت رايونلىرى ئوتتۇرسىنى باغلاش ۋە ئاجرىتىۋېتىش جەھەتلەردە مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك رول ئوينايدۇ .
2- بۇ دىيارلاردا نىفىت – گاز توپلانمىسى، ئالتۇن كانلىرى، ئوران، قىممەتلىك تاشلار ۋە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان 90 خىلدىن ئارتۇق سانائەت تەبىئى يەر ئاستى بايلىقلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، دۇنيادا ...
3- ...
4- ... ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ۋە مەھسۇلاتلار ، بولۇپمۇ ھەربى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ۋە قۇرال – ياراقلار ناھايىتى كۆپ .
5- مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئىسلام دىنى يادىكارلىقلىرى ، ئىسلام مەدىنىيتىنى نامايەت قىلىدىغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان بۇخارا، سەمەرقەنت، تىرمىز، تاشكەنت، خارەزىم، قەشقەر، كابۇل ۋە مەرۋىلەرگە ئوخشاش تارىخى ۋە قەدىمى ئىسلام پايتەختلىرى بۇ دىيارلارغا ئورۇنلاشقان.
6- ئۈچ ساماۋى كىتاپتا خەۋەر بېرىلگەن يەھۇدىلارنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى بولغان دەججالنىڭ ئۆز ئىچىدىن چىقىشىنى كۈتىۋاتقان 350 مىڭ يەرلىك يەھۇدىلار بۇ دىيارلاردا ياشاۋاتىدۇ .
7- بۇ دىيارلار ئۇزۇن يىللاپ رۇس مىللەتچىلىرىنىڭ ئىستىلاسى ۋە كوممۇنىزىمنىڭ رىجىمى ئاستىدا قالغان بولسىمۇ ، بۈگۈنكى كۈندە ئىسلامى ئويغۇنۇشلار ۋە جىھاد پائالىيەتلىرى ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ.
8- بۇ دىيارلار ، رۇس خىرىستىيانچىلىرىنىڭ دىنى كۆرىشى بوش قالدۇرۇپ چىقىپ كەتكەن ئورۇننى ئىگەللەشكە ئۇرۇنىۋاتقان غەربلىك چېكىدىن ئاشقان خىرىستىيانچىلارنىڭ دىنى كۈرۈشىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولۇدىغان ئىقتىسادى جەھەتتە مۇنقەرىز قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا قۇرۇلغان چوڭ تپتىكى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ، كان – كارخانىلىرى ۋە يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن جازانە قىلىدىغان بانكىلىرى ، ئىقتىسادى جەھەتتە قاقتى – سوقتى قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل سۈيقەستكە رىياسەتچىلىك قىلسا ؛ يەنە بىر تەرەپتىن گورباچىپنىڭ تەخىتتىن چۈشىشى ۋە رۇسلارنىڭ بۇ دىيارلاردىن چىقىپ كېتىشى ھارپىسىدا بوش قالغان يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ ، چىركاۋلار ۋە خىرىستىيان دىن تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ تەشكىللىك ھالدا تېزلىك بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرى ، غەربنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى مۇستەملىكىچىلىك غەرىزىنى تېخىمۇ رۇشەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ .
9- بۇ دىيارلار ، ئاھالىسىنىڭ كۆپلىكى بىلەن مۇھىم تىجارەت بازىسىغا ۋە سانائىتى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلانماقتا .
10 – بۇ دىيارلاردا كۆپ ساندىكى ئاھالىلارنىڭ كەمبەغەل بولۇشى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ، دىنى پائالىيەتلەر ۋە جىھادى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئىستىراتىگىيىلىك رول ئوينايدۇ .
11 – بۇ دىيارلاردىكى مۇسۇلمانلار ئەسكىرى مەردانىلىق ، جەڭلەردىكى باھادىرلىق ۋە غۇرۇر جەھەتتىكى كۈچلۈكلۈك بىلەن تونۇلغان بولۇپ ؛ ئۇزۇن مۇددەت دىنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى ئۈچۈن دىنغا بولغان تەشنالىقى ۋە كۆيۈمچانلىقى ئىنتايىن چوڭقۇر . يەنە كېلىپ ئەجدادلىرى رۇس خىرىستىيانچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلار داۋاملىق تارىخى قىساسلىرىنى ئەسلەش ئىچىدە ياشايدۇ . بۇلارنىڭ يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بۇ دىياردا جىھاد ھەركىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا پۇختا ئاساس يارىتىدۇ.
12 – ئافغانىستاندا ئىسلامى جەمئىيەت ، شەرئى ھاكىمىيەت ۋە خىلاپەتنىڭ بەرپا بولۇشى ؛ جىھاد تەييارلىقلىرىغا ئالاقىدار قۇرال – ياراق ، ئوزۇق – تۈلۈك ۋە كۆپلىگەن مۇجاھىدلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ؛ ئىسلامى ئويغۇنۇش ۋە جىھادى ھەرىكەتلەرگە ئالاقىدار بىلىملىك ۋە ئىختىساسلىق مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ زېمىنغا توپلىنىشى ؛ بۇ دىيارلار ( يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا ) دىكى جىھاد ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك شارائىتلارنى ھازىرلايدۇ ۋە ئاساس سالىدۇ .
13- ئەڭ ئاخىرقى ۋە شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم ئامىل – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ، ئاخىرقى زاماندا ھەقىقەت ئىگىلىرىنىڭ مۇشۇ دىيارلارغا توپلىنىپ ئىسلامنىڭ غەلبە بايرىقىنى تىكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن بىشارىتى بىلەن ، ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئىستىقبالى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشتۇر . ئەھلى كىتابلارنىڭ ماتېرىياللىرىدىمۇ يۇقىرقى بىشارەتلەرگە ئوخشاش ياكى يۇقىرقى بىشارەتلەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە خەۋەرلەر زىكىر قىلىنغان .
پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدىكى ھەدىسلەرگە قارىساق ، يەھۇدىلارنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى بولغان دەججالنىڭ ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۆزبىكىستاندىن ئەزەربەيجانغىچە بولغان ئارلىقتىن چىقىپ يۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىراقنىڭ ئىسپاھان رايونىدىكى 70 مىڭ يەھۇدىنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئىراندىكى سۈرگۈندى يەھۇدىلار ، ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى بولغان دەججالنى كۈتىۋاتقان دۇنيا يەھۇدىلىرى قاتارىدا دەججالغا بىرلىكتە ئەگىشىش ئۈچۈن ، ئۆزلىرىنى ئىسرائىلىيەگە ھىجرەت قىلىشتىن چەكلەپ تۇرماقتا .
ئاخىرقى زاماندا ، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىن ماۋرائۇننەھىرگىچە بولغان ئارلىقتىن قارا بايراقلىق ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ چىقىدىغانلىقى ۋە بۇ قوشۇننىڭ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئىمام مەھدىنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشۇپ ، ئەھلى ئىسلامنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ غەلبە – نۇسرەتكە ئىگە بولۇدىغانلىقى ، شۇنداقلا بۇ ئىسلام قوشۇنلىرى ئىمام مەھدىنىڭ يىتەكچىلىكىدە شامغا يۈرۈش قىلىپ ئۇ جايدىكى يەھۇدلار ۋە خىرىستىيانلار بىلەن ئاخىرقى زامان ئۇرۇشى قىلىدىغانلىقى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمام مەھدىنىڭ پۈتۈن دۇنيانى ئەدلى – ئىنساپقا توشقۇزۇدىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىسلەردە بىشارەت بېرىلگەن .
يۇقىرقى مەلۇماتلاردا زىكىر قىلىنغان شەرئى بىشارەتلەر ، سىياسى تەھلىللەر ۋە ئەسكىرى ھازىرلىقلارغا دائىر خۇلاسىلەردىن شۇ نەتىجىنى چىقىرىمىزكى ، ھازىرقى ۋاقىتتا مۇشۇ دىيارلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، دۇنياۋى ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئىسلام جىھادى ئۈچۈن پىلان تۈزۈلىشى كېرەك !!!
(ئەسەرنىڭ تېكىستى تۇلۇق بولمىغانلىقتىن قىسقارتىپ بېرىلگەن ) (شاھادەت يوللىمىسى)
مەنبە _ تەۋھىد ۋە دەۋەت مۇنبىرى