ئادەمىيلىك ھايات مىزانى(4)

 ئادەمىيلىك ھايات مىزانى

 ( ئا. مۆلجەرلى ) 

4 - «  ئادەمىيلىك ھايات مىزانىدىكى يېڭى ئەۋلاد يېتىلدۈرۈش باسقۇچى »

يېڭى ئەۋلاد يېتىلدۈرۈش باسقۇچى _ ھەربىر كىشىنىڭ ھەقىقى ئادەمىيلىك ھايات يۇلىنى، يېڭى تۇرمۇش يۇلىنى، يېڭى ئائىلە قۇرۇش يۇلىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك بېسىپ ئۆتكەنلىكى، شۇنداقلا شۇ ھايات سەپىرىنى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا قولغاكەلتۈرگەن ئۆزگىچە غەلبىسىنىڭ نامايەندىسى بۇلۇپ، بۇنداق مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ھەربىر يېڭى ئائىلە،
بۇندىن كېيىن ئۈزىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئۆز ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئارزۇسىدا بۇلىدىغانلىقى ئېنىق. بۇنداق ئالى ئارزۇدا بۇلىۋاتقان ئاتا-ئانالار ئۆز ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئۇلارنى كېلەچەكتىكى يېڭى جەمىيەتنىڭ ئۈلگىلىرى ۋە ئېگىلىرى بۇلۇش ئۈچۈن يېتىلدۈرۈشى كېرەككى ھەرگىزمۇ جەمىيەتنىڭ ئادەم سانىنى كۆپەيتىش، نەسەب-شەجەرەسىنىڭ يىلدىزلىرىنى زېمىنغا تارقىتىش، دىگەندەك يۈزەكى خىياللارغا خاتىمە بېرىشى لازىم.

بۇنداق دىگەنلىك ھەرگىزمۇ (بەزى دېكتاتۇر جەمىيەتنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئوخشاش) سانغا ئەمەس، سۈپەتكە قاراڭ دىگەنلىك بولماستىن،  بەلكى سىز ئۆزىڭىزگە ئىزباسار قىلىپ قالدۇرماقچى بولغان شۇ ۋارىسىڭىزمۇ خۇددى سىزگە ئوخشاش ھەقىقى ئالى-پەزىلەتكە ئىگە بولغان ئادەمىيلىك ھاياتنىڭ، يېڭى تۇرمۇشنىڭ، يېڭى ئائىلىنىڭ، يېڭى ئەۋلاد يېتىلدۈرۈشنىڭ، كەلگۈسى يېڭى جەمىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يوللىرىنى بىلىدىغان، شۇنداقلا ئۆز-ۈزىگە خوجا بۇلاپ ياشىيالايدىغان پارلاق بىر جەمىيەتنىڭ ئۈلگۈلۈك يىتەكچى-ئېگىلىرىدىن بولسۇن دىگەندىن ئىبارەت .

ئەگەر سىز كېلەجەك يېڭى ئەۋلاد ئىزباسارىڭىزغا تۇغۇلىشىدىن بۇرۇنلا، ھەقىقى ئادەمىلىك پەزىلەتلىرىدىن ئىبارەت ئىسلامنىڭ ئېسىل ئەنەنىۋى خىسلەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشمىسىڭىز، ھەقىقى ئادەمىيلىك خىسلەتكە ئىگە يېڭى ئەۋلاد يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان، پەرزەنت تەربىيىلەش باسقۇچىدا كېچىكىپ قېلىشىڭىز مۇقەررەر . بۇ پىكرىم بىراز غەلىتە تۇيۇلىشى، ھەمدە قانداقچە تېخى تۇغۇلمىغان بالىغا ئادەمىلىك تەلىم-ربىيىسىنى باشلىغىلى بولىدۇ ؟ دىگەن سۇئاللار قوزغىشى مۇمكىن . بىراق بۇ پىكىرلەر كۆپلىگەن ئەمىلى تەجىربە ۋە دەلىل-پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ھەقىقەت.

بۇ توغرىدا كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار مەۋجۇت، پەقەت بۇنىڭدىن بىرقانچىسىنى مىسال قىلىدىغان بولساق : ئىسلام دىنى_ بالىنىڭ دادىسىغا پەرزەنتلىك بولۇشتىن بۇرۇنلا مەزكۇر ئۈچ تۈرلى مەجبۇرىيەتلەرىنى ئورۇنداشقا ئالاھىدە تەشەببۇس قىلغان.

(1) بولغۇسى پەرزەنتىگە دىيانەتلىك، پاكىز، ئەخلاغلىق بىر ئانا تاللاش .
(2) پەرزەنتىگە چىرايلىق ئىسىم قويۇش.
(3) پەرزەنتىنىڭ دىنى تەربىيىسى .

ئىسلام دىنى _ دۇنياغا كېلىشتىن خېلى يىراق تۇرغان پەرزەنت تەربىيىسىگە شۇ قەدەر ئەھمىيەت بەرگەنكى، كېلەچەك بولغۇسى پەرزەنت ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرىنچى بۇلۇپ، دىندار، پاكىز، ئىپپەتلىك، ۋە ئەخلاغلىق بىر ئانا تاللاشنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن، يېڭى زامان بىئولىگلار ۋە نەزەرىيەچىلەرنىڭ تېخى ئويلاپ يەتمىگەن بىر باشقۇچلىرىدىن پەرزەنت تەربىيىسىنى باشلىغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز.
بىر ئەر كېلەچەك يېڭى ئائىلە قۇرۇشتا (ئايال تاللاشتا) يۇقارقى كۆرسەتمە بۇيىچە ئۆزىگە دىيانەتلىك، پاكىز ئىپپەتلىك ۋە ئەخلاغلىق بىر ئايالنى تاللايدىكەن، ئۇ كىشى ئەۋلاد تەربىيىسىدىكى ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى قەدەمنىمۇ غەلبىلىك باسالايدىغانلىقىدا شەك يوق .

پەرزەنت دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن قانداق تەربىيەلەر بېرىلىشى مۇمكىن ؟ :

 دەۋرىمىزدىكى بىئولىگ-پېداگوكلار پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ ئانا قارنىدا باشلىنىشىنى ئىلگىر سۈرۈشمەكتە . مەسىلەن ئانىنىڭ ھامىلە (ئېغىر ئاياق) بولغان ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ، يىمەك-ئىچمەك، جەمىيەت مۇھىتى، ئېكىلوگىيە ئەھۋالى (ساپ ھاۋادىن-نەپەس ئېلىش) ، ئىستىمال قىلغان دارا-دەرمەكلەر، ئۇزۇق-تۆلۈكلەر، ئائىلىۋى ياشاش مۇھىتى ۋە قايغۇلۇ-خوشاللىق قاتارلىقلارنىڭ ئانا قوسۇغىدىكى تۈرەلممىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا .

ئادەم ۋۇجۇدىدىكى (ئىنسانى) تەبى مىجەز-خۇلۇقلار بىلەن ئەتىراپ مۇھىتتىن ئۆزلەشتۈرىدىغان (سىڭدۈرىدىغان) خارەكتىر خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىرلىشىشىگە ئالاھىدە دىققەت-ئېتىۋار بېرىش، پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ئانا قوسىغىدىكى دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. ئاتا-ئانىغا ئامانەت بولغان مەزكۇر تۈرەلمە (پەرزەنت) ھەر ئېھتىمالغا قارشى، ئۆز خارەكتېرىنى (مىجەز-خۇلقىنى) مەزكۇر  تەبى ھادىسلەردىن قۇبۇل قىلىشى مۇمكىن.

يېڭى تۈرەلمە ياكى يېڭى بۇۋاق ئۆزىنىڭ گۆھەر كەبى پاكىز-ساپلىغى، چىرايلىق-مۇكەممەللىكى بىلەن، خۇددى چاقماق چېقىپ تۇرغان بىر ياقۇت-مەرمەرگە ئوخشايدۇ. ئۇ زۇمرەت مەرمەر كىمنىڭ قۇلىدا بولسا، ئۇنىڭغا قانداق نەقىش ئۇيالسا ئۇنىڭدا شۇ نەرسىنىڭ ئەسىرى-ئىزناسى ئورۇن ئالىدۇ.  ئانا خۇددى بىر پاك-پاكىز مۇنبەت تۇپراق مىسالى بۇلۇپ، ئۇنىڭغا قانداق (دان) زىرائەت تېرىلسا، ئۇنىڭدىن شۇ نەرسە چىرايلىق بىر شەكىلدە ئۆسۈپ يىتىلىدۇ. ئۇ پاك تۇپراققا پاكىز-ساپ زىرائەت (دان) تېرىغان كىشى، ئاخىرسىدا شۇنىڭ ھۇسۇلىنى ئالىدۇ .

ئەنە شۇنداق پاكىز مەنبەدىن دۇنياغا كەلگەن بالىنىڭ ياشىغان مۇھىتى، ئۇنىڭ يىتىپ چىقىشىدىكى مىجەز-خۇلقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ، ئەگەر بالىنىڭ ھەقىقى ئادەمىيلىك پەزىلەتكە ئىگە ياراملىق، ياخشى-ئەخلاغلىق ئادەم بۇللىشى ئارزۇ قىلىنسا، ئۇناقتا ھەربىر ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەقىقى ئۆرنەك بۇلالايدىغان بىر يىتەكچى بۇلىشى لازىم . پەرزەنتىنىڭ دىيانەتلىك، پاكىز، ئەدەپلىك، راسچىل، ئەخلاغلىق، ئاق كۆڭۈل، خۇشخۇي، سەمىمى سالاھىيەتلىك ئادەم بۇلۇپ يىتىشىشىنى ئارزۇ قىلغان ئاتا-ئانىلار، ئەۋۋەل ئۇلارغا تۈرلى يىتەرسىزلىكلەردىن خالى (پاكىز ۋە ساغلام) بىر مۇھىت بەرپا قىلىشلىرى كېرەك . تېرىلغان دان (ئۇرۇق) ئەلۋەتتە پاكىز ۋە ساغلام مۇھىتقا ئىگە بولغان ساپ تۇپراقتا مۇكەممەل مېۋە بىرىدىغانلىقى چۇڭقۇر تۇنۇپ يىتىشلىرى كېرەك .

ئادەمىيلىك ھايات مىزانىنىڭ كەلگۈسى پارلاق بۇلىشى ئۈچۈن، ئەنە شۇنداق مادى-مەنىۋى تەرەپلىرى پاكىز، تۈرلى قىسىنچىلىقلاردىن خالى بولغان بىر يېڭى مۇھىت (يېڭى جەمىيەت) ھازىرلانمايدىكەن، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئائىلىۋى تەربىيەسى ھەرقانچە كۈچلۈك بولغان تەغدىردىمۇ يەنىلا تاشقى مۇھىتنىڭ كۈچلۈك تەسىرى-زەربىسىىگە ئۇچراپ، ئەسلىدىكى تەلەپكە لايىق يېڭى ئەۋلاد يېتىلدۈرىشىمىز ۋە يېڭى جەمىيەت بەرپا قىلىشىمىز زور-كۆلەملىك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ .

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر ئاتا-ئانا ئالدى بىلەن ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە، كەلگۈسى يېڭى ئەۋلاد يېتىلدۈرۈشتىكى بۈيۈك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن بۇرۇن، شۇ ئىزباسار بولغۇسى يېڭى ئەۋلاتلارنىڭ كېلەجەك ياشاش ئورنى، جەمىيەت تەرتىبى، تەلىم-تەربىيەسى، ئىجتىمائى مۇھىتى قاتارلىق ئومۇمى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئالاھىدە باش قاتۇرىشى ھەممىدىن مۇھىم .

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى