قۇربان ھېيىتىڭلار مۇبارەك بولسۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ !
بارچە مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئالى ئېھتىرام ۋە سەمىمى سالام يوللاش بىلەن، ھەر-بىرىڭلارنىڭ بۈ ئۇلۇغ قۇربان ھېيت-بايرىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن . . . ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۇغ ۋە بەرىكەتلىك قۇربان ھېيتىڭلار مۇبارەك بولسۇن !
ھېيىت مۇبارەك
قۇربان ھېيىتى_ ئۇلۇغ يىتەكچىمىز ۋە سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز "ئىبراھىم خەلىلۇللاھ" ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئىمتىھانىدىن لاياقەتلىك ئۆتكەنلىكى (ئۆز ئۆغلى ئىسمائىل ئەلەھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىش ئەمرىگە ھەقىقى تۈردە ئىتائەت قىلغانلىقى) نىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە، جانابى ئاللاھ تەرپىدىن بىز ئىنسانلارغا ئالاھىدە بۇيرىغان سىناق ئىبادىتى بۇلۇپ، بۇ ئىبادەت (قۇربانلىق قىلىش) مۇقەددەس كىتابىمىز (قۇرانى-كەرىم) نىڭ 108-سۈرىسىدە ئۇچۇق كۆرسۈتۈلگەن .
ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئۆز ياراتقۇچىسى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانى تۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ بەرگەن بارچە نىمەتلىرىگە ھەمدۇ-سانا ئۇقۇپ، ئۆز شۇكرانەلىرىنى ئىزھار قىلشنى ئارزۇ قىلىدىكەن، ئۇ چۇقۇم مېھرىبان ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ.
ئەنە شۇ بۈيۈك شۇكرانەلەرنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىرىدىن بىرى، دەل بۈگۈنكى كۈندىكى مۇبارەك قۇرباي ھېيىتنى ئۆز لايىقىدا تەبرىكلەپ كۈتىۋېلىش ۋە بۇ ھېيىتنىڭ ئەسلى تەقەززاسى بولغان قۇربالىق (ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بىر جان بۇغۇزلاش) ئىبادىتىنى چۇقۇم ئورۇنلىشى كېرەك !
بىز بۇ مۇبارەك ھېيىتنىڭ، ياراتقان رەببىمىز ئاللاھ تەرپىدىن بىز ئىنسانلارغا بەلگىلەپ بەرگەن ئۇلۇغ نىمەت ۋە بۈيۈك بايرام-خۇرسەنلىكى ئىكەنلىكىنى ھەقىقى چۈشۈنىشىمىز ئۈچۈن كۆز ئالدىمىزغا تۈۋەندىكى مىساللارنى كەلتۈرۇپ كۆرەيلى !
بىز ھەممىمىز ئاللاھنىڭ بىرلىك-بارلىغىنى ئىتىراپ قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيىتقان مۇسۇلمانلارمىز. شۇنداقلا ئۇلۇغ يولباشچىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاتلىرى. بىز ھەممەمىز سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىتىراپ قىلغان، ئۇنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشقان ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ھەق دىن "ئىسلام دىن" نى قۇبۇل قىلغان ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلارمىز !.
ئۇنداق ئىكەن، ئاتىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا بۇيرۇلغان مەزكۇر ئىبادەت "ئۆز ئوغلىنى" ئاللاھ يۇلىدا قۇربانلىق قىلىش ئەمرى، بۇ دەۋرىدىكى بىز ئاخىرزامان ئۈممەتلىرىگىمۇ بۇيرۇلغان بولسا، شۇ ئىلاھى بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن ۋە ئەڭ سۈيۈملۈك بولغان بىر ئوغلىمىزنى ئاللاھ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا ھازىرلىنىپ، قۇلىمىزغا ئۆتكۈر خەنجەرنى ئېلىپ، شۇ يۈرەك پارىمىز بولغان ئوغلىمىزنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قول-پۇتلىرىنى باغلاپ، ئۇنىڭ نازۇك بوغۇزىغا ئۆتكۈر خەنجەرنى سۈرتكەنلىكىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرەيلى ...!!!
بۇنداق ھالەتنى كۆرگەن كۆزلىرىمىز قانداق لەرزىگە كېلەر ؟ بۇ ئاجىز ئىمان-ئىتىقادقا ساھىپ يۈرەكلىرىمىز نورمال ھەركەتلىنەلەرمۇ ؟ قول-پۇتلىرىمىز تىترىمەي تۇرالارمۇ ؟ مانا شۇنداق دەقىقىلەردە ئاللاھنىڭ ئېمتىھانىدىن ئۆتەلەرمىزمۇ ؟ ياكى بۇ ئىنسانلىق ئاجىزلىقىمىزدىن ئۆز ھۇشىمىزنى يۇقىتۇپ، مەزكۇر ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالارمىزمۇ ؟ !!! .
مانا شۇنداق ئەڭ يۇقىرى جەرىجىلىك ئىمان-ئېتىقاد تەلەپ قىلىدىغان شۇنداق چوڭ سىناققا دۇچ كەلگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇ ئېمتىھان-سىناقلارغا قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەرمىز ؟
"راھمان ۋە رەھىم" بولغان مېھرىبان ئىگىمىز ئاللاھ، بىز ئىنسانلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئاجىزلىق تەبىئىتىنى ئەزەلىدىنلا بىلگەنلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر ئىمتىھاننى ئەينى دەۋرىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى تەۋھىدى ئىمان-ئېتىقادقا ساھىپ بولغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز ئىبراھىم خەلىلۇللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بۇيرىدى . ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ ئىلاھى بۇيرۇقنى ئاڭلىغىنىدا ھىچ ئىككىلەنمەستىن ئەستايىدىللىق بىلەن مەزكۇر بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا ئاتلاندى ۋە بۇ ئىلاھى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا ئاتلىنىش ئالدىدا ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئايالى ھاجەر ئانىمىزغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىنىدە ئۇلاردىن بۇ ئىشقا قارىتا ھىچقانداق ئىتىراز ئاڭلىمىدى . چۈنكى ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقلىرىغا ھەقىقى ئىمان ئېيتىپ ئەگەشكەن تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ئۇلارمۇ بىردەكلا "ئي ئىبراھىم، سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىسەن" ئاللاھ ساڭا نىمىنى بۇيرىغان بولسا شۇنى قىل" دىگەن ئىجابى جاۋاپنى بىرىشتى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك روھى-جاسارەتكە ئىگە بولدىدە شۇ ھامان ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئورۇنداشقا ئاتلاندى. قۇربانلىق قىلىش كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا بارغىچە ئۇلارنى شەيتان-مەلۇن بىرقانچە قېتىم ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملاردەك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىمان-ئېتىقادقا ساھىپ بولغان ئۇ مۇبارەك ئىنسانلارنى ئەسلى يۇلىدىن تۇساپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە مەلئۇن شەيتاننىڭ ئۈستىگە تاش-بوران ئېتىلدى . شەيتان-مەلئۇنغا بۇخىل تاش-بوران ئېتىش بىلەن ئۇنى ئۇرۇپ-جازالاش پائالىيىتى، ئەنە شۇ ئاتىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن باشلاپ تاكى قىيامەتكە قەدەر كېلىدىغان بارچە مۇسۇلمانلار تەرپىدىن ھەريىلى ئىجرا قىلىنىدىغان (شەيتانغا تاش ئېتىشتىن ئىبارەت) بۈيۈك ھەج پائالىيىتىگە ئايلاندى .
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەزكۇر ئىلاھى بۇيرۇقنى (سىناق-ئىمتىھاندىن) ئۈتەشتە ھەرگىز ئىككىلەنمىگەن ئىدى. ھەتتا ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى بۇغۇزلاپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئۆز جايىدا بەجا كەلتۈرۈشكە ئەمىلى ھەركىتى بىلەن ئۆتتى ۋە ئوغلى ئىسمائىلنىڭ پۇت-قوللىرىنى مەھكەم باغلاپ ئۇنىڭ يۇمران گېلىغا ئۆتكۈر خەنجىرنى بىرقانچە قېتىم سۈرۈتتى.
بىراق، پىچاق ئىسمائىلنى كەسمىدى، يەنە تەكرار سۈرۈتتى پىچاق يەنىلا كەسمىدى، بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ بۇيرۇقنى تىزراق ئورۇنداشقا ئالدىردىدە ئارقىدىن پىچاقنى تاشقا ئۇردى، ئەنە شۇنداق ھالقىلىق مىنۇتلاردا ئاخىرقى ۋەھى "(ئەي... ئىبراھىم سىنىڭ قۇربانلىقىڭ قۇبۇل بولدى)، ئوغلۇڭ ئورنىغا بۇ قوينى قوربانلىق قىل" دىگەن ئاۋاز ئاڭلانغانغا قەدەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مەزكۇر ئىشىدىن قىلچە ئىكىلەنمىگەن ۋە تەرەددۇر قىلمىغان ئىدى .
مېھرىبان ئىگىمىز ئاللاھ تائالاغا سانسىز ھەمدۇ-سانالار ۋە شۈكرىلەر، سۈيۈملۈك يولباشچىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا سانسىز دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇنكى، مەزكۇر (ئىمتىھان) ئىبادەت ئەنە شۇنداق قۇبۇل قىلىندى.
مېھرىبان ئاللاھنىڭ فەزلى-مەرھىمىتى بىلەن، ئاللاھ يۇلىدا ئۆز ئوغلىمىزنى قۇربانلىق قىلىش ئىمتىھانى ئۆزگەردى . ئۇنىڭ ئورنىغا بىرەر جانلىق ھايۋان (تۆگە-كالا، قوي-ئۆچكە، بۇغا-جەرەن) ۋە شۇنىڭدەك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆرسىتىپ بەرگەن يوللار بۇيىچە ئىقتىدارىمىز يتەكەن مىقداردا قۇربانلىق قىلىش ئىبادىتىگە مۇيەسسەر ۋە مۇۋەپپەق بولدۇق. بۇنداق بۈيۈك نىمەتكە ئېرىشكەنلىكىز بەدىلىگە يەنە قانچىلىغان تۆگە-قويلارنى ئۆلتۈرۈپ ئاللاھ يۇلىدا قۇربانلىق قىلساق يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ .
جانابى ئاللاھ بارچىمىزنىڭ قۇربانلىقلىرىمىزنى ئۆز دەرگاھىدا قۇبۇل قىلسۇن، مۇبارەك ھېيىتلىرىمىزنى بەرىكەتلىك قىلسۇن، ئۆز-ئارا مېھرىشەپقەت ئاتا قىلسۇن. ئامىن ، ئامىن .
مانا يۇقارقىدەك قۇربانلىق ئىبادىتىنى خالىس نىيەت ۋە ھەقىقى ئىمان-ئېتىقادىمىز بىلەن ئادا قىلىشىمىز، بۇ جەرياندا قىلچە ئىككىلەنمەسلىكىمىز، مالنىڭ ئەڭ ساغلام ۋە لاياقەتلىك بولغانلىرىنى قۇربانلىق قىلىشىمىز قاتارلىق ئىبادەتلىرىمىزگە ئاللاھنىڭ بىرىدىغان ئەجرى-مۇكاپاتىلىرى، خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىبراھىم ئېلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتى بىلەن بارابەر ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدىغان بولۇلۇپ، بۇ بۈيۈك ئىبادەتنى ئىمكانى بار تۇرۇپمۇ ئادا قىلىشنى خالىمىغانلار، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن بالا-چاقا، مال-دۇنيا ۋە نازۇ-نىمەتلىرىگە نا شۇكرىلىق قىلغان بۇلىدۇ.
بۇنداق دەرىجىسى يۇقىرى، ئەجرى-مۇكاپاتى چەكسىز، ئۇنى ئۆز لايىقىدا ئادا قىلغانلارنىڭ ئېرىشىدىغان بۈيۈك نەتىجىسىدىن بىرى ئاللاھنىڭ دوستلىقىغا ئېرىشىش بۇلۇپ، مەزكۇر ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك ئۆتكەن ئۇلۇغ ئاتىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاللاھ يۇلىدا قۇربانلىق قىلىش ئىبادىتىنى ھەقىقى ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۇرۇنداپ، ئاللاھنىڭ بۈيۈك دوستلىقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت (خەلىلىم دىگەن) ئالى ئۈنۋانغا ئېرىشكەن .
ئەنە شۇ داغدام كۆرسەتمە بىلەن، بۇ ئۇلۇغ قۇربانلىق ئىبادىتىنى ناھايىتى قىزغىنلىق ۋە خۇرسەنلىك كەيپىياتى ئىچىدە ئادا قىلىشقا ئالدىراش، ھەربىر مۆمىن-مۇسۇلماننىڭ ئىمانى-ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ھەر-بىر دىنى قېرىنداشلار مەزكۇر ئىبادەتنى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن تەلەپلەرگە ئويغۇن ھالدا، ناھايىتى قىزغىنلىق ۋە خۇرسەنلىك كەيپىيات ئىچىدە ئۆز لايىقى بىلەن ئادا قىلىشى ھەممىدىن مۇھىم ۋە زۈرۈل !
مېھرىبان ئاللاھ بارچىمىزنى ئەنە شۇ مۇكاپاتى چەكسىز، مەرتىۋىسى يۇقىرى بولغان، ئۇلۇغ قۇربانلىق ئىبادىتىنى سەمىمى ئىخلاس ۋە يۈكسەك قىزغىلىق بىلەن ئادا قىلىشقا مۇيەسسەر ۋە مۇۋەپپەق قىلسۇن ئامىن !!!.
ئا...مۆلجەرلى
ھ 1432- يىلى ( 10- زولھەججە )
م 2011 - يىلى ( 6 - نۇيابىر )