ئادەمىيلىك ھايات مىزانى
( ئا. مۆلجەرلى )
ئادەمىيلىك ھايات، يېڭى تۇرمۇش، يېڭى ئائىلە، يېڭى ئەۋلاد ۋە يېڭى جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى خالامسىز ؟
ئەگەر بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىڭىز (- ياق) بولسا سىزگە دەيدىغان سۆزۈم، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلمىغىنىڭىز ياخشى .
ئەگەر بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىڭىز (+ ھە) بولسا، ئۇنداقتا كۈندىلىك ھاياتىىڭىزدىكى بىرقانچە مىنۇتلۇق ۋاقتىڭىزنى سەرىپ قىلىپ تۆۋەندىكى پىكىر-تەۋسىيەلەرنى ئاخىرىغىچە ئۇقۇپ كۆرۈڭ .
ئۇ پىكىرلەر ئارىسىدا سىز دۇچكەلگەن، دۇچكېلىۋاتقان ياكى بۇندىن كېيىن دۇچكېلىش ئالدىدا تۇرغان بىرەر مەسلىگە قارىتا، يېڭى پىكىر، يېڭى مەسلىھەت ۋە يېڭى ئىدىيەلەر تېپىلىپ قالسا، سىز ئۇنىڭدىن ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا قارىتا پايدىلانسىڭىز، بۇ ھەقتە خالىس قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ سەمىمى ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بۈيۈك ھەسسىڭىزنى قوشقان بۇلىسىز.

1 - « ئادەمىيلىك ھايات مىزانىدىكى يېڭى ھايات باسقۇچى »
ئادەمىيلىك ھايات مىزانىدىكى يېڭى ھايات باسقۇچى _ ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك دەۋرى بۇلۇپ، ئۇنى قانداق باشلاش، قانداق داۋاملاشتۇرۇش، قايسى يول بىلەن داۋاملاشتۇرۇش، قايسى ئۇسۇلدا داۋاملاشتۇرۇش ۋە قايسى كۆرسەتمە بىلەن داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق ھايات مىزانىنى بەلگىلەيدىغان توغرا يولنى تاللاشمۇ ناھايىتى مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بولغىنىدەك، بۇ ئۆتكۈنچى ھايات دەۋرىنى ئۇنىڭ ئەسلى تەلەپ ۋە تەقەززالىرىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە تەرتىپكە سېلىپ ياشاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ھەربىر ئىنساننىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك ۋە يېشىغا تولغان قىرانلىق دەۋرى ئاياغلاشقاندىن كېيىنلا، بىرىنچى بۇلۇپ دۇچ كېلىدىغىنى ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ھەقىقى ئادەمىيلىك مەۋقەسىنى تىلكلەش ۋە يېڭى تۇرمۇشىنى توغرا مىزان ئۈستىدە بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم باسقۇچ بۇلىدۇ.
بۇ بىرىنچى قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىش ئۈچۈن ئۇنىڭ توغرا ھايات يولى تاللاشتىكى مىزان-پرىنسىپى چوقۇم ھەقىقى ئادەمىيلىك ھايات ئۆلچىمىگە لايىق ئىلمىي ۋە ئەقلى كۈچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە بۇلىشى، شۇ يىتەكچى ۋاستىنىڭ كۆرسەتكەن ھەقىقى ئادەمىيلىك ئەخلاق پېزىلىتىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرەلىىشى، بۇنداق ئالى خىسلەتنى ئۆزىگە يىتەكچى ۋاستە قىلىشتا ئۇنىڭ تاللاش يۇلى، ئەسىرلەر بۇيى بارچە ئىنسانلارنى مەڭگۈلۈك بەخىت-سائادەت يۇلىغا يېتەكلەپ ۋە ئېرىشتۈرۈپ كەەلگەن (بۇندىن كېيىنمۇ ئېرىشتۈرەلەيدىغان) ئۇلۇغ يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتكەن ھەقىقى ھايات يۇلى ۋە ئۇنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن مىزان تارازىسى بۇلۇشى شەرتكى، ھەرگىزمۇ باشقا ئىنسانلار تەرپىدىن تەرغىپ ۋە تەشۋىق قىلىنغان، ئۈزىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن باشقىنى قۇربان قىلىش، قاتارلىق شەخسىيەتچىلىك (ئۆزىدىن باشقىنى تۆۋەن كۆرۈش) دائىرىسىگە كىرىدىغان ھەرقانداق غەيرى ئامىللار، ئۇنىڭ ئادەمىيلىك ھايات يولىنى تاللاشتىكى ۋاستىسىغا قەتتى ئارلىشىپ قالماسلىقى لازىم .
ئەگەر سىزنىڭ ئادەمىيلىك ھايات يولىڭىزنى تاللاشتىكى مىزان-پىرىنسىپلىرىڭىزدا، يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان (غەيرى-ئىنسانى) ئىشلاردىن بىرەرسى ئارىلىشىپ قالغان، ياكى مۇقىم ئورۇن ئالغان بولسا مۇتلەق ئىشىنىشىڭىز كېرەككى، سىز بۇ ئادەمىيىلىك ھايات قەدىمىنى خاتا باسقان بۇلىسىز، شۇنداقلا بۇ يولدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايسىز .

2 - « ئادەمىيلىك ھايات مىزانىدىكى يېڭى تۇرمۇش باسقۇچى »
يېڭى تۇرمۇش باسقۇچى _ ئادەمىيلىك ھاياتنىڭ يېڭىدىن باشلانغان ئىككىنچى قەدىمىنىڭ ئەمىلى ئىپادىسى بۇلۇپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىغان ھەربىر كىشىنىڭ تۇنجى بولۇپ دۇچ كېلىدىغىنى، بۇ يېڭى تۇرمۇش يولىنى مەغلۇبىيەتسىز داۋاملاشتۇرۇشنىڭ توغرا ۋاسىتىسىنى تاللاشتىن ئىبارەت بولىدۇ . سىز بۇنداق توغرا ۋاستىنى تاللاشقا دۇچ كەلگىنىڭىزدە ئەۋۋەل مۇراجىئەت قىلىدىغىنىڭىز چوقۇم ئەزەلدىنلا ئادەمىيلىك ھاياتقا ئويغۇن بولغان (مۈھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ھايات تەلىماتىدىن ئىبارەت مىزان تارازىسى بۇلىشى ۋە شۇنداق تارازىنىڭ ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى غەلىبىلىك ئېلىپ بارغان ۋە باشقىلارغىمۇ ھەقىقى ئۆرنەك بۇلالىغان بىرەر كىشىنى ئۆزىڭىزگە (ئۆرنەك) يېتەكچى قىلىشىڭىز كېرەك .
شۇنىڭدىن قەتتى ساقلىنىشىڭىز كېرەككى، بەزى ئىنسانلار تەرپىدىن تەشۋىق-تەرغىپ قىلىنىدىغان ماددى بۇيۇم، مەنسەپ-ئابرۇي، نام-شۆھرەت، ھاۋايى-ھەۋەس، ياكى مەلۇم ۋاقىتلىك لەززەت ئارزۇسىغا يىتىۋېلشتىن ئىبارەت غەيرى-ئىنسانى ئامىللار سىزنىڭ ئادەمىيلىك ھايات يولىڭىزنى تاللاشتىكى ۋاستىڭىزغا قەتتى ئارلىشىپ قالماسلىقى لازىم .
چۈنكى ئادەمىيلىك تۇرمۇشتىكى تۇنجى يېڭى قەدەم توغرا بېسىلمىسا، ئىككىنچى (يېڭى ئائىلە قۇرۇش) قەدىمىنى توغرا مەنزىلگە باسالماي قالىسىز. بۇ تۇنجى قەدەمنى توغرا بېسىشىڭىز ئۈچۈن ئادەمىيلىك ھاياتتا دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان يۇقىردىكى بەش تۈرلى ئىشلاردىن قەتئىي يىراق تۇرۇش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكى بەش تۈرلى ئىشلارنى ئۆز ۋۇجۇدىڭىزغا ھەقىقى مۇجەسسەملەشتۈرۈشىڭىز كېرەك .

ئەگەر سىزنىڭ ئادەمىيلىك ھايات مىزانىدىكى يېڭى تۇرمۇش يولىڭىزنى تاللاشتىكى مىزان-پىرىنسىپلىرىڭىزدا، يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان بەش تۈرلى ئىشلاردىن بىرەرسى ئارىلىشىپ قالغان، ياكى مۇقىم ئورۇن ئالغان، ياكى سىزنىڭ شۇ ئادەمىيىلىك تۇرمۇشىڭىزغا ۋاستىلىق رولچى بۇلۇۋاتقان بولسا مۇتلەق ئىشىنىشىڭىز كېرەككى، سىز بۇ ئادەمىيىلىك ھايات قەدىمىنى خاتا باسقان بۇلىسىز، شۇنداقلا بۇ يولدا چوقۇم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايسىز .
چۈنكى ئادەمىيلىك تۇرمۇشتىكى تۇنجى يېڭى قەدەم توغرا بېسىلمىسا، ئىككىنچى (يېڭى ئائىلە قۇرۇش) قەدىمىنى توغرا مەنزىلگە باسالماي قالىسىز. بۇ تۇنجى قەدەمنى توغرا بېسىشىڭىز ئۈچۈن ئادەمىيلىك ھاياتتا دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان يۇقىردىكى بەش تۈرلى ئىشلاردىن قەتئىي يىراق تۇرۇش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكى بەش تۈرلى ئىشلارنى ئۆز ۋۇجۇدىڭىزغا ھەقىقى مۇجەسسەملەشتۈرۈشىڭىز كېرەك .
(1)ئىمان_ھەربىر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى توغرا تونۇتىدىغان بىرىنچى ۋاسىتە بۇلۇپ، بۇ ۋاستىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا ھەقىقى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ۋە ئۇنى ئۆزىگە يىتەكچى ئىدىيە قىلغان كىشى چوقۇم ئادەمىيلىك تۇرمۇشتىكى ئالى-پەزىلەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. باسماقچى بولغان ھەربىر قەدىمىنى شۇ ئىمان ۋاسىتىسىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن باسىدۇ. قەيەردىلا بولىدىكەن، قايسىبىر يولغا قەدەم قۇيىدىكەن، ۋە قانداقلىكى بىر ئىشنى قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چۇڭقۇر مۇجەسسەملەشكەن ھەقىقى ئىمان يېتەكچىسى ئۇنى توغرا يولغا مېڭىشقا ۋە توغرا قەدەم بېسىشقا يېتەكلەيدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇنى بىرەر خاتا نىيەتكە، خاتا يولغا، خاتا ئىش-ھەركەتكە، قەدەم بېسىشقا قويۇۋەتمەيدۇ. مانا بۇنداق ھەقىقى ئىمان ۋاستىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلغانلارنىڭ ئادەمىيلىك ھاياتىدىكى يېڭى تۇرمۇش يۇلى توغرا بېسىلغان بۇلىدۇ. قىلغان ۋە قىلماقچى بولغان ھەربىر ئىشى توغرا پىلان ئۈستىگە قۇرۇلۇپ، ئاخىرقى خۇلاسىسىمۇ توغرا ۋە غەلىبىلىك نەتىجەلەر بىلەن يەكۈنلىنىدۇ .
(2)ئىخلاس_ھەربىر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ سەمىمىي-ساداقىتىنى تونۇتىدىغان ئىككىنچى ۋاسىتە بۇلۇپ، بۇ ۋاستىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا ھەقىقى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ۋە بۇ ۋاستىنى دائىم ئۆزىگە يېتەكچى ئىدىيە قىلغان كىشى يۇقىرىقى ئىمان ۋاستىسىغا ھەقىقى تۈردە ساھىپ بولغان بولىدۇ . ھەقىقى ئىمان بىلەن ھەقىقى ئىخلاسقا ساھىپ بولغان ۋە بۇ ئىككى ئامىلنى ئۆزىگە يېتەكچى ئىدىيە قىلغان كىشىنىڭ باسقان ئادەمىيلىك ھايات قەدىمى ۋە يېڭى تۇرمۇش يۇلى توغرا بېسىلغان بولىدۇ. قىلماقچى بولغان ھەربىر ئىشى توغرا پىلان بىلەن ئورۇندۇلۇنۇپ، ئاخىرقى خۇلاسىسىمۇ توغرا ۋە غەلىبىلىك نەتىجە بىلەن يەكۈنلىنىدۇ .
ئەگەر بىركىشى ھەقىقى ئىمانغا ساھىپ بولمىغان بولسا ئۇنىڭدا ئىخلاس بولمايدۇ. ھەقىقى ئىخلاسقا ساھىپ بولمىغان كىشىدە سەمىمىيەت-ساداقىتى بولمايدۇ. بار دېيىلگەن تەغدىردىمۇ ئۇنىڭ قەلبىدە غايىبقا (ئاللاھنىڭ بارچە مەخپىيەتلىكنى بىلگۈچى ۋە كۆرگۈچى ئىكەنلىكىگە) ئىشىنىشتىن ئىبارەت (مەنىۋى) سەمىمىيەت تۇيغۇسى ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدە تۇلۇق تېپىلمايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ خالىسلىقى، يۇقىردا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئادەمىيلىك ھاياتقا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكۈچى ۋە ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى بەش تۈرلى ئامىللارنىڭ قايسى-بىرىدىن ھېچبىر ۋاقىت خالى ئەمەس .
(3)ئەمەل_ھەربىر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئىمانى-ئىخلاسىنىنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇتىدىغان ئۈچىنچى ۋاسىتە بۇلۇپ، بۇ ۋاستىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا ھەقىقى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ۋە بۇ ۋاستىنى دائىم ئۆزىگە يېتەكچى ئىدىيە قىلغان كىشى يۇقىرىقى ئىخلاس ۋاستىسىغا ھەقىقى تۈردە ساھىپ بولغان بولىدۇ. شۇنداقلا ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق بۇلۇپ، ھەقىقى ئەمەل بىلەن ھەقىقى ئىخلاسقا ساھىپ بولغانلىقى ئاشكارە كۆرۈلگەن ۋە بۇ ئىككى ئامىلنى ئۆزىگە يېتەكچى ۋاسىتە قىلغانلىقى ئەمىلىيىتىدىن كۆرۈلگەن كىشىنىڭ باسقان ئادەمىيلىك ھايات قەدىمى، يېڭى تۇرمۇش قەدىمى ۋە يېڭى ئائىلە قۇرۇش قەدىمىمۇ توغرا بېسىلغان بولىدۇ. قىلغان ۋە قىلماقچى بولغان ھەربىر ئىشلىرى توغرا پىلان بىلەن ئورۇندۇلۇنۇپ، ئاخىرقى خۇلاسىسىمۇ توغرا ۋە غەلىبىلىك نەتىجە بىلەن يەكۇنلىنىدىغانلىقىدا شەك يوق .
ئەگەر بۇ كىشىنىڭ ئىش-ھەركەت ئەمەللىرى يۇقارقى ئىخلاس ۋاسىتىسىنى ۋە ئىمان ۋاسىتىسىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەيدىكەن، ئۇنداق كىشىنىڭ ئاغزىدىكى ئىمان، ئاغزىدىكى ئىخلاس ۋە ئاغزىدىكى ئەمەللەرمۇ، مەزكۇر ئادەمىيلىك ھاياتقا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكۈچى ۋە ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى بەش تۈرلى ئامىللارنىڭ قايسى-بىرىدىن ھېچبىر ۋاقىت خالى ئەمەسلىكىنىڭ ئىپادىسى .
(4) - [سەۋىر] سەبىر-تاقەت ھەربىر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي-ئىخلاسىنىڭ ھەقىقىتىنى نامايان قىلىدىغان تۆتىنچى ۋاسىتە بۇلۇپ، بۇ ۋاستىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا ھەقىقى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ۋە بۇ ۋاستىنى دائىم ئۆزىگە يېتەكچى ئىدىيە قىلغان كىشى يۇقىرىقى ئەمەل ۋاستىسىغا ھەقىقى ساھىب بولغان بولىدۇ. ھەمدە سەۋرىدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ۋاستىنى ئەمەل، ئىخلاس ۋاستىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرەلىگەندىلا ھەقىقى ئىماندىن ئىبارەت باش ئاپاراتلىق ۋاستىغا تۇلۇق ئېرىشكەن بولىدۇ. چۈنكى ئىماننىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى سەۋىر، ئىخلاسنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى سەۋىر، ئەمەلنىڭ تەلەپ قىلىدىغانمۇ سەۋىردىن ئىبارەت . ھەربىر ئىمان ساھىبىدا، ئىخلاس ساھىبىدا، ئەمەل ساھىپلىرىدا ئۇنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا يەتكەن بارچە جاپا-مۇشاققەت ۋە جەۋرى-جاپالارغا بداشلىق بېرىب ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىدىغان سۋىر-تاقەت ۋاستىسى بولمايدىكەن، ئۇ كىشى خۇددى، بوران-چاپقۇندىن ئۆزىنى ساقلىيالمايدىغان يىتىم قارىغايغا ئوخشاپ قالىدۇ . ھەربىر ئىمان ساھىبىدا، ئىخلاس ساھىبىدا، ئەمەل ساھىبىدا چۇقۇم بولمىسا بولمايدىغان ئاساسى ۋاسىتە يېنىلا سەۋىر-تاقەتتىن ئىبارەت. قاچانكى ئىنسان ۋۇجۇدىدا ھەقىقى ئىمان، ھەقىقى ئىخلاس، ھەقىقى ئەمەل ۋە ھەقىقى سۋىر-تاقەت قاتارلىق بۇ تۆت ئامىل بىرلىشىپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىدىكەن ئۇنىڭ ئادەمىيلىك ھاياتى ھەر زامان خوشال-خورام، بەخىت-سائادەتلىك ھايات ئىچىدە ئۆتكەن بۇلىدۇ. بۇنداق مۇكەممەل بىر ۋاسىتىلار ئاستىدا ئادەمىيلىك ھايات مىزانىنى تىكلەش، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاش، يېڭى ئائىلىنى قۇرۇش، يېڭى ئەۋلات يىتىلدۈرۈش ۋە يېڭى جەمىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۈيۈك غايىنى تىكلىگەن ئىرادىلىك گەۋدىنى ھەرقانداق بوران-چاپقۇن سۇندىرالمايدۇ، ھىچكىم زىيانغا ئۇچرىتالمايدۇ ۋە مەغلۇپمۇ قىلالمايدۇ .
(5)پىداكارلىق_ ھەربىر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ سەۋىرىچانلىقىنى، ئەمىلىيەتچانلىقىنى، ئىخلاسمەنلىكىنى ۋە ئىماننىڭ ھەقىقىتىنى نامايەن قىلىدىغان بەشىنچى ۋاسىتە بۇلۇپ، بۇ ۋاستىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا ھەقىقى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ۋە بۇ ۋاستىنى دائىم ئۆزىگە يىتەكچى ئىدىيە قىلغان كىشى، يۇقارقى تۆت تۈرلى ۋاستىلارغا ھەقىقى ساھىپ بولغان بۇلىدۇ. پىداكارلىقتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ۋاسىتىنى سەۋرى، ئەمەل، ئىخلاس، ئىمان ۋاستىلىرى بىلەن ئەمىلى بىرلەشتۈرگەندىلا ھەقىقى ئىماندىن ئىبارەت باش ئاپاراتلىق ئاساسى ۋاسىتىغا تۇلۇق ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. چۈنكى ئىماننىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ پىداكارلىق، ئىخلاسنىڭ تەلەپ قىلىدىنىغىنىمۇ پىداكارلىق، ئەمەلنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ پىداكارلىق، سەۋرىنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ پىداكارلىق. ھەبىر ئىمان ئىگىسى، ئىخلاس ئىگىسى، ،ئەمەل ئىگىسى ۋە سەۋىر ئىگىلىرىدە ئۇ ۋاستىلارنى تۈرلى قارشىلىقلاردىن دائىم مۇداپىئە قىلىدىغان ئاساسى قۇرالدىن ئىبارەت ھەقىقى پىداكارلىق ۋاستىسى بولمايدىكەن، ھەمدە ئۇ پىداكارلىقنىڭ ئەمىلى ئىپادىسى ئۇنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىدە كۆرۈلمەيدىكەن، ئۇ كىشى خۇددى ئۈزىنى يىرتقۇشلاردىن ساقلىيالمايدىغان يالغۇز پىلغا ئوخشايدۇ . گەرچە پىل شۇنچە كۈچلۈك ۋە شۇنچە چوڭ جىسىملىق جانىۋار بولسىمۇ، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش پىداكارلىقى بولمىسا، كىچىككىنە بىرتال ساچقانمۇ ئۇ پىلنىڭ ئۈسىگە چىقىۋېلىپ ئۇنى خالىغانچە بوزەك قىلىدىغانلىقى ئېنىق !.