ئىستىخارە نامىزى

ئىستىخارە نامىزىنىڭ دەلىلىلىرى 
جابىر رەزىيەللاھۈ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرگە بارچە ئىشلىرىمىزدا ئىستىخارە قىلىشنى، خۇددى قۇرئاننى تەلىم بەرگەندەك تەلىم بىتەرەتتى . سىزلەردىن بىرسى بىرەر ئىشتا غەم قىلسا، فەرىز نامازدىن باشقا ئىككى رەكەئەت ناماز ئۇقىسۇن . كېيىن شۇنى دۇئانى ئۇقىىسۇن :
 دليل صلاة الاستخارة
عَنْ جَابِرٍ رضي الله عنه قَالَ : كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم يُعَلِّمُنَا الاسْتِخَارَةَ فِي الأُمُورِ كُلِّهَا كَمَا يُعَلِّمُنَا السُّورَةَ مِنْ الْقُرْآنِ يَقُولُ : إذَا هَمَّ أَحَدُكُمْ بِالأَمْرِ فَلْيَرْكَعْ رَكْعَتَيْنِ مِنْ غَيْرِ الْفَرِيضَةِ ثُمَّ لِيَقُلْ :

دعاء صلاة الاستخارة
ئىستىخارە نامىزىنىڭ دۇئاسى
اللَّهُمَّ إنِّي أَسْتَخِيرُكَ بِعِلْمِكَ, وَأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ, وَأَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ الْعَظِيمِ فَإِنَّكَ تَقْدِرُ وَلا أَقْدِرُ , وَتَعْلَمُ وَلا أَعْلَمُ , وَأَنْتَ عَلامُ الْغُيُوبِ , اللَّهُمَّ إنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الأَمْرَ (هنا تسمي حاجتك) خَيْرٌ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي أَوْ قَالَ : عَاجِلِ أَمْرِي وَآجِلِهِ, فَاقْدُرْهُ لِي وَيَسِّرْهُ لِي ثُمَّ بَارِكْ لِي فِيهِ, اللَّهُمَّ وَإِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الأَمْرَ (هنا تسمي حاجتك) شَرٌّ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي أَوْ قَالَ : عَاجِلِ أَمْرِي وَآجِلِهِ, فَاصْرِفْهُ عَنِّي وَاصْرِفْنِي عَنْهُ وَاقْدُرْ لِي الْخَيْرَ حَيْثُ كَانَ ثُمَّ ارْضِنِي بِهِ (وَيُسَمِّي حَاجَتَهُ)  وَفِي رواية ( ثُمَّ رَضِّنِي بِهِ ) .  رَوَاهُ الْبُخَارِيُّ 1166)

     ئىستىخارە  نامىزىنىڭ  دۇئاسى  (تەرجىمىسى) 

ئى  ئاللاھ - بۇ ئشىمدا قانداق قىلسام ماڭا ياخشى بۇلىدىغانلىقىنى سېنىڭ ئىلمىڭ بىلەن تىلەيمەن ۋە  ئۇ ئشنى قىلىشقا ماڭا ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن كۇچ-قۇۋۋەت بېرىشىڭنى تىلەيمەن. سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەنكى سەن ھەممىگە قادىرسەن، مەن قادىر ئەمەسمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن مەن بىلمەيمەن، بارچە غېيىپنى سەن بىلگۈچىسەن.
ئى ئاللاھ - ئەگەر بۇ (.....) ئشىم مېنىڭ دىنىم ۋە دۇنيالىقىم ئۈچۈن خەيرىلىك بۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ ئشىمنىڭ  ئاقىۋىتىنىڭ خەيرىلىك بۇلىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇ ئشنى ماڭا تىزراق مۇيەسسەر قىلىغىن ۋە ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن. ئەگەر ئۇ (.....) ئشىم مېنىڭ دىنىم ۋە دۇنيالىقىم ئۈچۈن زىيانلىق بۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ (.....) ئشىمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىق بۇلىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇ ئىشنى مەندىن ۋە مېنى ئۇ ئىشتىن تىزراق يىراقلاشتۇرغىن ۋە قەيەردىلا بولسام ماڭا ياخشىلىق نەسىب قىلغىنكى ئاخىردا مەندىن رازى بولغىن . (بۇخارى 1166)

                            ئىستىخارە نامىزى قانداق ئۇقۇلىدۇ ؟ 


1- نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىنىدۇ .


2- نامازغا تۇرۇشتىن بۇرۇن، ئىستىخارە نامىزى ئۇقۇش ئۈچۈن نىيەت قىلىنىدۇ .


3- ئىككى رەكەئەت ناماز ئۇقىلىدۇ .. ۋە سۈننەت بۇيىچە ئەۋۋەلقى رەكەئەتتە سورة الفاتحة دىن كېيىن سۈرە (قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ)، ۋە ئىككىنجى رەكەئەتتە سورة الفاتحة دىن كېيىن سۈرە (قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ) ئۇقىلىدۇ.


4- نامازنىڭ ئاخىرىدا سالام بىرىلىدۇ .


5- نامازدىن كېيىن ئىىككى قولنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، الله سبحانە وتعالى نىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە قۇدرىتە سېغىنىپ ئىلتىجا قىلىپ دۇئا ئۇقۇلىدۇ


6- دۇئانىڭ ئەۋۋىلى الله سبحانە وتعالى غا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش بىلەن باشلىنىپ، كېيىن پەيغەمبىرىمىز محمد صلى الله عليه وسلم دۇرۇد-سالام ئېيتىلىدۇ. دۇردلارنىڭ ئەۋزىلى تەشەھھۇدتا ئۇقىلىدىغان «اللّهُمَّ صَلّ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحمَّدٍ كمَا صَلَّيْتَ عَلَى إبراهيم وَعَلَى آلِ إبْرَاهيمَ وَبَارِكْ عَلَى مُحمَّدٍ وعَلَى آلِ مُحمَّدٍ كمَا بَارَكْتَ عَلَى إبْرَاهيمَ وَعَلَى آلِ إبْرَاهيمَ في العالمينَ إنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ » تىن ئىبارەت. بۇ دۇرۇدنى بىلمىسە ئۈزى بىلىدىغان باشقا دۇرۇدلار ئۇقۇلسىمۇ بۇلىدۇ .


7- ئىستىخار دۇئاسى ئاخىرىغىچە تۇلۇق ئۇقىلىدۇ : اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْتَخِيرُكَ بِعِلْمِكَ وَأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ .....).


8- دۇئا مۇشۇ يەرگە يەتكەندە : (اللَّهُمَّ إِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الأَمْرَ .....ئەسلى مەكسەت تىلغا ئېلىنىدۇ). 
مەسىلەن :  اللَّهُمَّ إِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الأَمْرَ ... مىنىڭ مۇشۇ سەپىرىم ۋە شۇ شەھەرگە بېرىشىم، مىنىڭ شۇ توي ئىشىم ۋە شۇ ئايال بىلەن توي قىلشىم ) دىگەندىن كېيىن : خَيْرٌ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي.  ياكى: عَاجِلِ أَمْرِي وَآجِلِهِ فَاقْدُرْهُ لِي وَيَسِّرْهُ لِي ثُمَّ بَارِكْ لِي فِيهِ . دىگەن دۇئالارنى ئۇقۇيدۇ.

دۇئانىڭ مۇھىم قىسمى (ياخشىلىقنىڭ كېلىشى ۋە يامانلىقنىڭ يىراق بۇلىشى) تەكرار ئۇقۇلسىمۇ بۇلىدۇوَإِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الأَمْرَ شَرٌّ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي ... ئاخىرغىچە ئۇقىلىدۇ.

9- كېيىن محمد صلى الله عليه وسلم ..گە ئەۋۋەلقىدەك تەشەھھۈدتا ئۇقىلىدىغان دۇرۇد-سالاملار ئېيتىلىدۇ .

10- بۇلارنى تاماملىغىنىڭدىن كېيىن ئىشىڭنى اللەقا ھاۋالە قىلىپ تەۋەككۈل قىلغىن. تەلىپىڭنى كەڭرى تىلە، ھەرخىل گۇمانۋە سىقىلىشلاردىن يىراق بول. بىر ئىشتا ھەرگىز جىددىلىپ كەتمە. ئىشىڭنىڭ ئاخىرىنى ۋىقارلىق ۋە ئازادىلىك بىلەن باشلا، ئىنشا اللە خەيرىلىك بۇلىدۇ .


تەرجىمىدە -   ئا ... 


2011-11-04  

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى