قۇرئاندا «ھىجرەت ۋە جىھاد»

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدا، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە مەنا تەرجىمىسىدىكى«ھىجرەت ۋە جىھاد» سۆزى بار ئايەتلەر يوللاندى. «ھىجرەت ۋە جىھاد» ھەققىدە تەپسىلىسي مەلۇمۇتقا ئىگە بولماقچى بولغانلار مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىنى «تەپسىر-ئىبنى كەسىر»نىڭ ئۇيغۇرچە مەنا تەرجىمىسىدىن كۆرىۋالساڭلار بۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا شېھىد ئابدۇللا ئەززام رەھىمەھۇللاھنىڭ «كارۋانغا يتىشۋېلىڭ» ناملىق كىتاپنى چۈشۈرۈپ كۆرسىمۇ بۇلىدۇ.




قۇرئان كەرىمدە «ھىجرەت ۋە جىھاد»

ناھايىتى ۋە شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

1. سۈرە بەقەرە، 218 ـ ئايەت 
شۇبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار ئەنە شۈنداق كىشىلەر اﷲ نىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

2. سۈرە ئال ئىمران، 195 ـ ئايەت 
ئۇلارنىڭ دوئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلدى: « مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەرقانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن، ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى اﷲ نىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن)ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن ». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) اﷲ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار.

3. سۈرە نىسا، 89 ـ ئايەت 
ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كاپر بولۇشۇڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار اﷲ يولىدا ھىجرەت قىلمىغىچە (يەنى ھىجرەت قىلىش ئارقىلىق ئىمانىنى ئسپات قىلمىغىچە)ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار، ئەگەر ئۇلار اﷲ يولىدۇ ھىجرەت قىلىشتىن يۈز ئۆرىسە، ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار شۇ يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنى دوستمۇ تۇتماڭلار، ياردەمچىمۇ قىلماڭلار.

4. سۈرە نىسا، 97 ـ ئايەت 
ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى ھىجرەتنى تەرك ئېتىپ كۇففارلار بىلەن بىللە تۇرغۇچىلار) نىڭ جانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: « (دىنىڭلارنىڭ ئىشىدا) قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: « زىمىندا (يەنى مەككە زېمىنىدا) بىز (دىننى بەرپا قىلىشتىن) بوزەك قىلىنغان ئىدۇق » دەيدۇ. پەرىشتىلەر: « ھىجرەت قىلساڭلار اﷲ نىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇ (ھىجرەت قىلمىغان) لارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەنەمدۇر. جەھەننەم نېمە دېگەن يامان جاي!

5. سۈرە نىسا، 98 ـ ئايەت 
پەقەت ئەرلەردىن ئاياللاردىن، بالىلاردىن چارىسىز قالغان (يەنى ھىجرەت قىلىشقا چارە تاپالمىغان)، يول بىلمەيدىغان ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

6. سۈرە نىسا، 100 ـ ئايەت 
كىمكى اﷲ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى اﷲ نىڭ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم اﷲ بېرىدۇ. اﷲ ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر.
 
7. سۈرە ئەنفال، 72 ـ ئايەت 
ئىمان ئېيتقانلار، (اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يۇرتىنى تاشلاپ) ھىجرەت قىلغان، پۇل-ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن اﷲ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار)- ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر_بىرىگە ئىگىدۇر (يەنى بىر- بىرىگە ياردەمچىدۇر، بىر- بىرىگە مىراسخوردۇر). ئىمان ئېيتقان ئەمما (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆز ئارا ئىگە بولۇش (يەنى ياردەملىشىش، مىراسخور بولۇش) بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كىرەك، اﷲ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

8. سۈرە ئەنفال، 74 ـ ئايەت 
ئىمان ئېيتقانلار (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار، اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار)- ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (نىڭ گۇناھى) مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار (جەننەتتە) ئېسىل رىزىققا ئىگە بولىدۇ.

9. سۈرە ئەنفال، 75 ـ ئايەت 
كېيىن ئىمان ئېيتىپ (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار ۋە سىلەر بىلەن بىللە جىھاد قىلغانلار سىلەردىن سانىلىدۇ. اﷲ نىڭ ھۆكمىدە، ئۇرۇق- تۇغقانلار بىر بىرىگە مىراسخور بولۇشقا (ياتلاردىن) ئەڭ ھەقلىقتۇر، شۇبھىسىزكى، اﷲ ھەر شەيئىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

10. سۈرە تەۋبە، 20 ـ ئايەت 
ئىملن ئېيتقانلارنىڭ ،ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىتىگە ئېرىشكۇچىلەردۇر.

11. سۈرە نەھىل، 41 ـ ئايەت 
زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن اﷲ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى دۇنيادا چوقۇم ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار بىلىدىغان بولسا، ئۇلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭدۇر.

12. سۈرە نەھىل، 110 ـ ئايەت 
ئاندىن (ئى مۇھەممەد‍‍‍‍‍‍‍!) زىيانلەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغان. ئاندىن (اﷲ نىڭ يولىدا) جىھاد قىلغان ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغانلارغا پەرۋەردىگارىڭ (مەغفىرەت قىلىدۇ)، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ شۇنىڭدىن (يەنى ئۇلارنىڭ ھىجرەت، جىھاد، سەۋر قىلغىنىدىن) كېيىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھمەت قىلغۇچىدۇر.

13. سۈرە ھەج، 58 ـ ئايەت 
اﷲ نىڭ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا، ئاندىن (جىھاد قىلىپ) ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە ياكى (كېسەل بىلەن) ئۆلگەنلەرگە اﷲ چوقۇم ياخشى رىزىق (يەنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلىدۇ. رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھەقىقەتەن يالغۇز اﷲ دۇر.

14. سۈرە ئەنبىيا، 74 ـ ئايەت 
لۇتقا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق (لۇت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان، ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلغان ئىدى)، ئۇنى (ئائىلىسى بەچچىۋازلىق، قاراقچىلىق قاتارلىق) يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان شەھەردىن قۇتقۇزدۇق، ھەقىقەتەن ئۇلار يامان پاسىق قەۋم ئىدى.

15. سۈرە نۇر، 22 ـ ئايەت 
ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش-ئەقرابالارغا، مىسكىنلەرگە ۋە دىن يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا (بىر نەرسە)بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، (ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، اﷲ نىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

16. سۈرە ئەنكەبۇت، 26 ـ ئايەت 
لۇت ئىبراھىمغا ئىمان ئېيتتى. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن چوقۇم پەرۋەردىگارىم تەرىپىگە ھىجرەت قىلىمەن (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش يۈزىسىدىن ۋەتىنىمنى تەرك ئېتىپ، اﷲ ئەمر قىلغان جايغا ھىجرەت قىلىپ بارىمەن). اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».

17. سۈرە ئەنكەبۇت، 59 ـ ئايەت 
ئۇلار (ھىجرەت قىلىشنىڭ جاپا- مۇشەققەتلىرىگە، اﷲ نىڭ يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلىدۇ، (ھەممە ئىشلىرىدا) پەرۋەردىگارىغا يۆلىنىدۇ.

18. سۈرە ئەھزاب، 50 ـ ئايەت 
ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، اﷲ ساڭا غەنىمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئۆزەڭ مالىك بولغانلارنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى (ساڭا ھالال قىلدۇق). بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۆمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەر ئۇنى (مەھرىسىز) ئېلىشىنى خالىسا، بۇنى مۆمىنلەرگە ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا (ھالال قىلدۇق)، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىرىمىز بىزگە مەلۈمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن (سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق)، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

19. سۈرە ساففات، 99 ـ ئايەت 
ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ.

20. سۈرە زۇمەر، 10 ـ ئايەت 
ئېيتقىنكى، «ئى (اﷲ نىڭ) مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. اﷲ نىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار)، پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ».

21. سۈرە ھەشىر، 9 ـ ئايەت 
ئۇلاردىن (يەنى مۇھاجىرلاردىن) مەدىنىدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار مۇھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئەتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى)دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.

22. سۈرە مۇمتەھنە، 10 ـ ئايەت 
ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە مۆمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى اﷲ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى (سىنىغاندىن كېيىن ھەقىقىي) مۆمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، كاپىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كاپىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار، ئۇلارغا بەرگەن مەھرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، كاپىرلارمۇ (ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىن ئاياللىرىغا بەرگەن) مەھرىلىرىنى تەلەپ قىلسۇن، اﷲ نىڭ ھۆكمى ئەنە شۇ. اﷲ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

قۇرئاندا «جىھاد»

. سۈرە بەقەرە، 190 ـ ئايەت 
سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى اﷲ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى اﷲ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ.

2. سۈرە بەقەرە، 216 ـ ئايەت 
سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىندى، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مومكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر؛ سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرشۇڭلار مومكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نىمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) اﷲ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر (شۇنىڭ ئۈچۈن) اﷲ بۇيرىغانغا ئالدىراڭلار.

3. سۈرە بەقەرە، 218 ـ ئايەت 
شۇبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار ئەنە شۈنداق كىشىلەر اﷲ نىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

4. سۈرە بەقەرە، 244 ـ ئايەت 
اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى، ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

5. سۈرە بەقەرە، 246 ـ ئايەت 
ساڭا مۇسا (ۋاپاتى) دىن كېيىن ئىسرائىل جەمەتىدىن بولغان بىر جامائەتنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە: « بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، (ئۇنىڭ يىلەن دۈشمەنلەرگە قارشى) اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلايلى » دېيىشتى. پەيغەمبەر: « سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: « يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. اﷲ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.

6. سۈرە ئال ئىمران، 139 ـ ئايەت 
(جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر.

7. سۈرە ئال ئىمران، 142 ـ ئايەت 
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) اﷲ سىلەردىن (ھەقىقىي) جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغۇچىلارنى بىلمەي (يەنى ئايرىماي تۇرۇپ)، (پەقەت ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دىيىش بىلەنلا)جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟

8. سۈرە ئال ئىمران، 153 ـ ئايەت 
ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر (ئى اﷲ نىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كېلىڭلار، مەن رەسۇلۇللاھدۇرمەن، كىمكى جىھاد مەيدانىغا قايتسا، ئۇجەننەتكە كىرىدۇ دەپ) ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىرىپ تۇراتتى، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچاتتىڭلار، (بۇنىڭدىن كېيىن)قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە (يەنى غەنىمەتكە)، بىشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە (يەنى مەغلۇبىيەتكە) قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە غەم ئۈستىگە غەم بەردى (يەنى سىلەرنى غەنىمەتتىن مەھرۇم قىلغاننىڭ ئۈستىگە مەغلۇبىيەت بىلەن جازالىدى). اﷲ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.

9. سۈرە نىسا، 74 ـ ئايەت 
دۇنيا تېرىكچىلىكىنى ئاخىرەتكە تىگىشىدىغانلار اﷲ يولىدا (جېنىنى، پۇل-مېلىنى پىدا قىلىپ) جىھاد قىلسۇن، كىمكى اﷲ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز.

10. سۈرە نىسا، 75 ـ ئايەت 
(ئى مۆمىنلەر!) سىلەرگە نېمە بولدىكى، اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر ۋە (دۇئا قىلىپ): « ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇ ئاھالىسى زالىم شەھەردىن بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىل، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىل» دەيدىغان ئاجىز ئەرلەر، ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇقۇزۇش ئۈچۈن جىھاد قىلمايسىلەر.

11. سۈرە نىسا، 76 ـ ئايەت 
مۆمىنلەر اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، كاپىرلار شەيتاننىڭ يولىدۇ ئۇرۇش قىلىدۇ؛ شەيتاننىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار (سىلەر ئۇلارنى يېڭىسىلەر)، شايتاننىڭ تەدبىرى ھەقىقەتەن ئاجىزدۇر.
 
12. سۈرە نىسا، 77 ـ ئايەت 
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ( يەنى مەككىدە تۇرۇپ ئۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلغانلارغا): « (ئۇرۇشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دىگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (يەنى ئۇلاردىن ئەجەبلەنمەمسەن؟) بۇلارغا جاھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دۇشمەندىن گويا اﷲ (نىڭ ئازابىدىن) قورققاندەك بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەررەك قورقىدۇ. ئۇلار(ئۆلۈمدىن قورقۇپ): « پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمە ئۇچۇن بىزنى ئۇزاققا قالماي كېلىدىغان ئەجەلگە تەخىر قىلمىدىڭ؟ (يەنى ئەجىلىمىز يەتكۈچە تەخىر قىلساڭ، ئۇرۇشتا ئـلتۈرۈلمىسەك بولماسمىدى؟)» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، « دۇنيانىڭ مەنپەئىتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نېمىتى پانىيدۇر)، (اﷲ دىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمىلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)».

13. سۈرە نىسا، 84 ـ ئايەت 
(ئى مۇھەممەد!) اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغىن ( يەنى ئۆزەڭ يالغۇز بولساڭمۇ جىھاد قىلغىن، ساڭا، ساڭا غەلبە ۋەدە قىلىنغان. مۇناپىقلارنىڭ جىھادتىن قېلىپ قالغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمە). سەن پەقەت ئۆزەڭگىلا جاۋابكارسەن، مۆمىنلەرنى (جىھادقا )قىزىقتۇرغىن، اﷲ نىڭ كاپىرلار كۈچىنى توسىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەتتۇر. اﷲ نىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر اﷲ نىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر.

14. سۈرە نىسا، 95 ـ ئايەت 
مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز (ئەما، توكۇر، كېسەلگە ئوخشاش ئۆزرىسى بارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا) جىھادقا چىقمىغانلار، اﷲ يولىدۇ ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. اﷲ ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىلەر(يەنى ئۆزرىسى بولۇپ جىھادقا چىقالمىغانلار ۋە جىھادقا چىققۇچىلار)نىڭ ھەممىسىگە اﷲ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. اﷲ جىھاد قىلغۇچىلارغا بۈيۈك ئەجر ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلاردىن ئارتۇق ) قىلدى.

15. سۈرە نىسا، 102 ـ ئايەت 
(ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادتا) بىللە بولۇپ ئۇلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قۇراللىرىنى (ئىھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئۆقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۈزەتچىلىن قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنجى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلەردىن) ئىھتىياتچانلىق بىلەن ھۇشيار بۇرسۇن.(دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قۇراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، كاپىرلار سىلەرنىڭ قۇراللىرىڭلاردىن. ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن)ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەرنىڭ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممەڭلار بىرلا ۋاقىتتا بىرلىشىپ ناماز ئوقۇماي، يۇقۇرقى ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭلار). ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئىھتىياتچان ۋە ھۇشىيار بولۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خورلۇغۇچى ئازاب تەييارلىدى.

16. سۈرە مائىد، 35 ـ ئايەت 
ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۇن اﷲ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار؛ اﷲ غا (تائەت ئىبادەت قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش بىلەن)يېقىنچىلىقنى تىلەڭلار، اﷲ يولىدا جىھاد قىلىڭلار.
 
17. سۈرە مائىد، 54 ـ ئايەت 
ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، اﷲ (ئۇنىڭ ئورنىغا)اﷲ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ اﷲ نى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگەكۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۇرىدۇ. بۇ (يەنى يۇقۇردىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش)اﷲ نىڭ پەزلىدۇركى، (اﷲ) ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (اﷲ) ھەممىنى بىلگۇچىدۇر.

18. سۈرە ئەنفال، 69 ـ ئايەت 
(ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىمەت ئالغان نەرسىلىرىڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، اﷲ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش)دىن قورقۇڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر،(بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر.

19. سۈرە ئەنفال، 72 ـ ئايەت 
ئىمان ئېيتقانلار، (اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يۇرتىنى تاشلاپ) ھىجرەت قىلغان، پۇل-ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن اﷲ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار)- ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر_بىرىگە ئىگىدۇر (يەنى بىر- بىرىگە ياردەمچىدۇر، بىر- بىرىگە مىراسخوردۇر). ئىمان ئېيتقان ئەمما (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆز ئارا ئىگە بولۇش (يەنى ياردەملىشىش، مىراسخور بولۇش) بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كىرەك، اﷲ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
 
20. سۈرە ئەنفال، 74 ـ ئايەت 
ئىمان ئېيتقانلار (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار، اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار)- ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (نىڭ گۇناھى) مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار (جەننەتتە) ئېسىل رىزىققا ئىگە بولىدۇ.
 
21. سۈرە ئەنفال، 75 ـ ئايەت 
كېيىن ئىمان ئېيتىپ (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار ۋە سىلەر بىلەن بىللە جىھاد قىلغانلار سىلەردىن سانىلىدۇ. اﷲ نىڭ ھۆكمىدە، ئۇرۇق- تۇغقانلار بىر بىرىگە مىراسخور بولۇشقا (ياتلاردىن) ئەڭ ھەقلىقتۇر، شۇبھىسىزكى، اﷲ ھەر شەيئىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

22. سۈرە تەۋبە، 16 ـ ئايەت 
اﷲ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جىھاد قىلغانلارنى، اﷲ دىن، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە مۆمىنلەردىن باشقىنى سىرداش قىلىۋالمىغانلارنى بىلمەي (يەنى ئوتتۇرىغا چىقارماي) تۇرۇپ سىلەرنى ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز، (يەنى سىنالمايمىز)دەپ ئويلامسىلەر؟ اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
 
23. سۈرە تەۋبە، 19 ـ ئايەت 
سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى، مەسجىدى ھەرامنى ئاۋات قىلىشنى اﷲ غا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ (ئىمانىغا) ئوخشاش ھېسابلامسىلەر؟ اﷲ نىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس، اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

24. سۈرە تەۋبە، 20 ـ ئايەت 
ئىملن ئېيتقانلارنىڭ ،ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىتىگە ئېرىشكۇچىلەردۇر.

25. سۈرە تەۋبە، 24 ـ ئايەت 
ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل- ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن اﷲ دىن، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىدىن، ۋە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا(يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى اﷲ نىڭ ئەمرى (يەنى مەككىنى فەتىھ قىلىش ئىزنى) كەلگۈچە كۈتۈڭلار، اﷲ پاسىق قەۋمنى (يەنى اﷲ نىڭ دىنىنىڭ چەك- چىگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى)ھىدايەت قىلمايدۇ».

26. سۈرە تەۋبە، 38 ـ ئايەت 
ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشقا چىقىڭلار دېيىلسە، نېمىشقا يۇرتۇڭلاردىن ئايرىلغىڭلار كەلمەيدۇ؟ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىكى (بەخت) بىلەن تېگىشىشكە رازى بولدۇڭلارمۇ؟ دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەرزىمەس نەرسىدۇر.
 
27. سۈرە تەۋبە، 39 ـ ئايەت 
ئەگەر سىلەر جىھادقا چىقمىساڭلار اﷲ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا سىلەردىن باشقاقەمىنى كەلتۈرىدۇ، سىلەر اﷲ غا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

28. سۈرە تەۋبە، 41 ـ ئايەت 
(ئى مۆمىنلەرجامائەسى!) سىلەر يېنىك بولغان ياكى ئېغىر بولغان ھالەتتە (يەنى مەيلى ياش- قېرى، پىيادە، ئۇلاغلىق بولۇڭلار، ھەممە ئەھۋالدا) جىھادقا چىقىڭلار، اﷲ نىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.

29. سۈرە تەۋبە، 44 ـ ئايەت 
(ئى مۇھەممەد!) اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلار سەندىن ماللىرى بىلەن ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشقا رۇخسەت سورىمايدۇ. اﷲ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
 
30. سۈرە تەۋبە، 46 ـ ئايەت 
ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن اﷲ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھورۇنلۇقنى سېلىپ) ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇردى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى.

31. سۈرە تەۋبە، 73 ـ ئايەت 
ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا، (قارشى غازات قىلىش ۋە قورقۇنچ سېلىش بىلەن) قاتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!.
 
32. سۈرە تەۋبە، 81 ـ ئايەت 
رەسۇلۇللاغا خىلاپلىق قىلىپ (تەبۇك غازىتىغا چىقماي) قېلىپ قالغانلار(يەنى مۇناپىقلار) ئۆيلىرىدە بىخرامان ئولتۇرغانلىقلىرى بىلەن خۇشال بولۇشتى، ئۇلار اﷲ نىڭ يولىدا ماللىرى بىلەن جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى، ئۇلار (بىر بىرىگە): «ئىسسىقتا چىقماڭلار» دېيىشتى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ قىززىقتۇر. ئەگەر ئۇلار چۈشىنىدىغان بولسا، (ئەلۋەتتە ئىسسىقتا رەسۇلۇللا بىلەن بىرگە چىقاتتى)».
 
33. سۈرە تەۋبە، 86 ـ ئايەت 
بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ: «اﷲ غا ئىمان ئېيتىڭلار ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى بىلە بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن مالدارلار سەندىن (غازاتتىن قېلىپ قېلىشقا) رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار: « بىزنى قوي (غازاتقا چىقماي، ئۆيلىرىدە بىخرامان) ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە بولايلى» دەيدۇ.
 
34. سۈرە تەۋبە، 88 ـ ئايەت 
لېكىن پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى، ئەنە شۇلار (ئىككىلا دۇنيانىڭ)ياخشىلىقلىرىغا نائىل بولىدۇ، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر.
 
35. سۈرە تەۋبە، 90 ـ ئايەت 
ئەئرابىلاردىن ئۆزرە بايان قىلغۇچىلار (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سوراپ كەلدى. (ئىماننى دەۋا قىلىپ) اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە يالغانچىلىق قىلغانلار جىھادقا چىقمىدى (يەنى ئەئرابىلاردىن يەنە بىر تۈركۈمى جىھادقىمۇ چىقمىدى، ئۆزرە بايان قىلىپمۇ كەلمىدى). ئۇلاردىن كاپىر بولغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

36. سۈرە تەۋبە، 91 ـ ئايەت 
ئاجىزلار (يەنى ياشانغان بوۋايلار)، كېسەللەر، (جىھادقا چىقىشقا)خىراجەت تاپالمىغانلار ۋە اﷲ نىڭ پەيغمبىرىگە سادىق بولسىلا، جىھادقا چىقمىسا گۇناھ بولمايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە يول يوقتۇر، اﷲ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
 
37. سۈرە تەۋبە، 92 ـ ئايەت 
يەنە مۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە يول يوقتۇركى، ئۇلار (جىھادقا چىقىش ئۈچۈن) سەندىن ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، (ئۇلارغا سەن) « مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق» دېدىڭ؟ ئۇلار (جىھادقا چىقىشقا) سەرپ قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقرى ئۈچۈن غەمكىن، كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھادا قايتىشتى.
 
38. سۈرە تەۋبە، 93 ـ ئايەت 
ئۆزلىرى باي تۇرۇپ، (جىھادقا چىقالماسلىققا) رۇخسەت سورىغانلار ئەيىبلىنىشى كېرەك، ئۇلار (جىھادقا چىقمىغان ئاياللار، كېسەللەر، ئاجىزلار) بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پىچەتلىۋەتتى، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئۇلار (اﷲ نىڭ ئەمرىنى) بىلمەيدۇ.
 
39. سۈرە تەۋبە، 102 ـ ئايەت 
يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى (يەنى باشقىلارغا ئوخشاش جىھادقا چىقمىغانلىقىغا يالغان ئۆزرە ئېيتمىدى). ئۇلار ياخشى ئىشقا يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى، اﷲ نىڭ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈمىدلىكتۇر، اﷲ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

40. سۈرە تەۋبە، 106 ـ ئايەت 
يەنە بىرقىسىم (جىھادقا چىقمىغان) كىشىلەر (نىڭ ئىشى) اﷲ نىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى، اﷲ يا ئۇلارنى (تەۋبە قىلمىسا) جازالايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ (ۋە مەغپىرەت قىلىدۇ). اﷲ ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

41. سۈرە تەۋبە، 111 ـ ئايەت 
شۇبھىسىزكى، اﷲ مۆمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار اﷲ نىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ(دۈشمەنلەرنى) ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەر بىلەن جىھاد قىلىپ شېھىت بولىدۇ)، (جىھاد قىلغۇچىلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلىش) تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان (اﷲ نىڭ) راست ۋەدىسىدۇر، ۋەدىسىگە اﷲ دىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ (يەنى اﷲ دىنمۇ ۋاپادار ئەھدى يوق) قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
 
42. سۈرە تەۋبە، 118 ـ ئايەت 
جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ اﷲ قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار اﷲ غا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ اﷲ نىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۆمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، اﷲ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. اﷲ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر.

43. سۈرە تەۋبە، 120 ـ ئايەت   
مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىلارنىڭ رەسۇلۇللا بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللا بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ (يەنى ئۇلارنى جىھادقا چىقماي قېلىپ قېلىشتىن مەنئى قىلىش) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار اﷲ نىڭ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا- مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەر بىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن ئېرىشكەن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش، مەغلۇپ قىلىش قاتارلىق) ھەربىر نەرسىسى ئۈچۈن (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) ئۇلارغا ياخشىلىق (يەنى ساۋاب)يېزىلىدۇ، اﷲ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.
 
44. سۈرە تەۋبە، 121 ـ ئايەت 
ئۇلارنىڭ (اﷲ نىڭ يولىدا) مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، سەرپ قىلغان نەرسىسى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەربىر مۇساپىسى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ.
 
45. سۈرە تەۋبە، 122 ـ ئايەت 
مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى لايىق ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىقتى)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمنىڭ قىشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمنىڭ اﷲ دىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟
 
46. سۈرە نەھىل، 110 ـ ئايەت  
ئاندىن (ئى مۇھەممەد‍‍‍‍‍‍‍!) زىيانلەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغان. ئاندىن (اﷲ نىڭ يولىدا) جىھاد قىلغان ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغانلارغا پەرۋەردىگارىڭ (مەغفىرەت قىلىدۇ)، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ شۇنىڭدىن (يەنى ئۇلارنىڭ ھىجرەت، جىھاد، سەۋر قىلغىنىدىن) كېيىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھمەت قىلغۇچىدۇر.

47. سۈرە ھەج، 58 ـ ئايەت 
اﷲ نىڭ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا، ئاندىن (جىھاد قىلىپ) ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە ياكى (كېسەل بىلەن) ئۆلگەنلەرگە اﷲ چوقۇم ياخشى رىزىق (يەنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلىدۇ. رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھەقىقەتەن يالغۇز اﷲ دۇر.
 
48. سۈرە ھەج، 78 ـ ئايەت 
اﷲ نىڭ يولىدا (پۇل- مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن) تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىڭلار، اﷲ (دىنغا ياردەم بېرىشكە ئۈممەتلەر ئارىسىدىن) سىلەرنى تاللىدى (ئەڭ مۇكەممەل شەرىئەت ۋە ئۇلۇغ پەيغەمبەرنى سىلەرگە خاس قىلدى). سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى). (بۇ) ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر (بۇ توغرا دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مەھكەم ئۇچلاڭلار)، اﷲ سىلەرنى ئىلگىرى (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرىكى كىتابلاردا) مۇسۇلمان دەپ ئاتىدى. قۇرئاندىمۇ شۇنداق ئاتىدى. (اﷲ) پەيغەمبەرنى سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا ۋە سىلەرنى كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا (تاللىدى)، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، اﷲ غا يېپىشىڭلار، اﷲ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، اﷲ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار!.

49. سۈرە نۇر، 53 ـ ئايەت 
(مۇناپىقلار) ئەگەر سەن ئۇلارنى (جىھادقا) چىقىشقا ئەمىر قىلساڭ، چوقۇم چىقىدىغانلىقىغا اﷲ بىلەن كۇچلۇك قەسەم قىلىدۇ. ئېيتقىنكى، «قەسەم قىلماڭلار، (قەسىمىڭلار يالغان، سىلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى) ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلىشتۇر، اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرداردۇر».

50. سۈرە نۇر، 61 ـ ئايەت 
(جىھادقا چىقالمىسا) ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. (ئى ئىنسانلار!) سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا (يەنى ئەرلىرىڭلارنىڭ، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە) ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداىشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە (يەنى ئۆي ئىگىسى سىرىتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆي بىلەن ئاچقۇچنى سىلەرگە تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە)، يا دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە (ئىجازەتسىز) بىرەر نېمە يىسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، سىلەر توپلۇشۇپ يىسەڭلارمۇ، يا يەككە يىسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر، سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزەڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) اﷲ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار، (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار) اﷲ سىلەرنى چۇشەنسۇن دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.
 
51. سۈرە ئەنكەبۇت، 6 ـ ئايەت 
كىمكى جىھاد قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان جىھادى ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، اﷲ ھەقىقەتەن تامامى ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر.

52. سۈرە مۇھەممەد، 4 ـ ئايەت 
سىلەر كۇففارلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ (مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ)، ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار، ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر) ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر اﷲ خالىسا ئەلۋەتتە (سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لىكىن اﷲ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمىر قىلدى)، اﷲ نىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى اﷲ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.
 
53. سۈرە مۇھەممەد، 20 ـ ئايەت 
مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار اﷲ غا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى.
 
54. سۈرە مۇھەممەد، 31 ـ ئايەت 
بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمىر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (اﷲ نىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر.
 
55. سۈرە فەتىھ، 17 ـ ئايەت 
(جىھادقا چىقمىسا) ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى اﷲ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى (ئۆزرىسىز جىھادتىن) باش تارتىدىكەن، اﷲ ئۇنى (دۇنيادا خورلۇق بىلەن، ئاخرەتتە ئوت بىلەن) قاتتىق ئازابلايدۇ.
 
56. سۈرە ھۇجۇرات، 15 ـ ئايەت 
شۈبھىسىزكى، (ھەقىقى مۆمىنلەر اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر».

57. سۈرە مۇمتەھنە، 1 ـ ئايەت 
ئى مۆمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار اﷲ غا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (ئۇ چاغدا مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ.
 
58. سۈرە سەپ، 4 ـ ئايەت 
شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى (يەنى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەرگە ئۇچراشقان چاغدا مەۋقەسىدە ساباتلىق تۇرۇپ غازات قىلغانلارنى) دوست تۇتىدۇ.
 
59. سۈرە سەپ، 11 ـ ئايەت 
اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن) ئىمان ئېيتقايسىلەر، اﷲ نىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار، سىلەر ئۈچۈن بۇ ياخشىدۇر.
 
60. سۈرە مۇزەممىل، 20 ـ ئايەت 
(ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر)دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ (ئۇزۇنلۇقى)نى اﷲ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى اﷲ بىلىدۇ، اﷲ سىلەرگە رەھىم قىلدى (يەنى كېچىدە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى) ئەمەلدىن قالدۇردى، تەھەججۇد نامىزىدىن سىلەرگە قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار، اﷲ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر اﷲ نىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى تەھەججۇد نامىزىدىن) قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، اﷲ غا قەرزىي ھەسەنە بېرىڭلار (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل- مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزەڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر (دۇنيا بولسا پانىيدۇر، ئاخىرەت بولسا باقىيدۇر، ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ھەممىدىن ئارتۇقتۇر)، اﷲ دىن مەغپىرەت تىلەڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

غازات سۆزى بار ئايەتلەر

1. سۈرە ئال ئىمران، 156 ـ ئايەت 
ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يىنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، دىگەن كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، اﷲ بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. اﷲ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ). اﷲ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
 
2. سۈرە ئال ئىمران، 157 ـ ئايەت 
شۇبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر اﷲ يولىدا (ينى غازاتتا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى (غازاتقا كىتىپ بېرىپ ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار، سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ئارتۇقتۇر.
 
3. سۈرە نىسا، 34 ـ ئايەت 
ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ اﷲ نىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ- قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىدىندۇر). ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا اﷲ نىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر، سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەپلەش مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدابولماڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (اﷲ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ).
 
4. سۈرە نىسا، 94 ـ ئايەت 
ئى مۆمىنلەر! اﷲ يولىغا (يەنى غازاتقا) ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار (يەنى مۆمىن ياكى كاپىرلىقى ئىنىق بولغۇچە ئۆلتۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭلار)، سىلەرگە مۇسۇلمانلىقىنى بىلدۈرۈپ سالام بەرگەن ئادەمگە دۇنيانىڭ مال-مۈلكىنى (غەنىمەتنى)كۆزلەپ سەن مۆمىن ئەمەسسەن دېمەڭلار (يەنى ئۆلۈشتىن قورقۇپ سالام بەردىڭ دەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار). اﷲ نىڭ دەرگاھىدا(مۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈشتىن سىلەرنى بىھاجەت قىلىدىغان) نۇرغۇن غەنىمەتلەر (يەنى ساۋاب) بار، ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق (كاپىر)ئىدىڭلار، كېيىن اﷲ سىلەرگە (ئىماننى) ئىلتىپات قىلدى، (ئۇلارنى ئۆزەڭلارغا سېلىشتۇرۇپ) ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار. اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
 
5. سۈرە تەۋبە، 73 ـ ئايەت 
ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا، (قارشى غازات قىلىش ۋە قورقۇنچ سېلىش بىلەن) قاتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!.

6. سۈرە تەۋبە، 83 ـ ئايەت 
ئەگەر اﷲ سېنى (تەبۇك غازىتىدىن) قايتۇرۇپ (ئۆزرىسىز قېلىپ قالغان مۇناپىقلاردىن) بىر تۈركۈمىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسا، ئۇلار (ئىككىنچى بىر غازاتقا) چىقىشقا سەندىن ئىزنى سورىسا: (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، « سىلەر مەن بىلەن بىللە مەڭگۈ (غازاتقا چىقماڭلار، ھەرگىز مەن بىلەن بىللە چىقىپ ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەمدى (غازاتقا چىقماي) قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار) بىلەن ئولتۇرۇڭلار».

7. سۈرە تەۋبە، 86 ـ ئايەت 
بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ: «اﷲ غا ئىمان ئېيتىڭلار ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى بىلە بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن مالدارلار سەندىن (غازاتتىن قېلىپ قېلىشقا) رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار: « بىزنى قوي (غازاتقا چىقماي، ئۆيلىرىدە بىخرامان) ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە بولايلى» دەيدۇ.
 
8. سۈرە تەۋبە، 94 ـ ئايەت   
ئۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى مەدىنىگە تەبۇك غازىتىدىن) قايتىپ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە (غازاتتىن قېلىپ قالغانلىقلىرى توغرىسىدا)ئۆزرە بايان قىلىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «ئۆزرە بايان قىلماڭلار(سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارغا) ئىشەنمەيمىز، اﷲ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى (ۋە دىلىڭلاردىكى مۇناپىقلىقنى) بىزگە خەۋەر قىلدى، اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ (بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ(مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلامسىلەر؟ ياكى ئۇنىڭدا چىڭ تۇرامسىلەر؟)، ئاندىن كېيىن (يەنى ئۆلگۈنىڭلاردىن كېيىن)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنى بىلگۈچى (اﷲ) دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، اﷲ سىلەرگە پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن.
 
9. سۈرە ئەھزاب، 23 ـ ئايەت 
مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇاﷲ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) اﷲ غا بەرگەن ۋەدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى(شېھىت بولۇشنى) كۆتمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق.
 
10. سۈرە ساففات، 1 ـ ئايەت 
سەپ- سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ دىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى.
 
11. سۈرە سەپ، 4 ـ ئايەت 
شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى (يەنى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەرگە ئۇچراشقان چاغدا مەۋقەسىدە ساباتلىق تۇرۇپ غازات قىلغانلارنى) دوست تۇتىدۇ.

ئۇلۇغ ئاللاھ، بىزلەرنىمۇ مۇجاھىدلار سېپىگە قۇشۇلۇشقا ۋە  شېھىدلىك ماقامىغا يىتىشكە نىسىپ قىلغاي…ئامىن...!!!

 مەنبە — مەرىپەت مۇنبىرى
http://www.merifet1.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1633&extra=page%3D1

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى