بۇغدا ئاتا تۇرما سۈكۈتتە

بۇغدا ئاتا تۇرما سۈكۈتتە !!!  
سەن ھەيكەل ئەمەس تىرىك ئابىدە،
چۈشەنمەس ئۇنى ئۆلۈك ۋىجدانلار،
قەددىڭ پۈكۈلمەس كۆكلەرگە تۇتاش،
گۇۋاھتۇر پەلەك، ھەمدە ئىنسانلار !!!.

تەرىپىڭ مەشھۇر بارچە ئىقلىمدا،
يازغان سەن ئۈچۈن تارىخ - داستانلار.
مەن قانچە يازسام ئازلىق كېلىدۇ،
ئاتا دەپ بىلگەن سېنى ئىنسانلار !!!.

سەن بۇغدا ئاتا، ھەيكەل ئەمەسسەن،
ياڭراتقىن ھەيۋەت، سۈرلۈك چۇقانلار.
سەندىن كۇچ ئالسۇن ئاجىز ئەۋلادىڭ،
قەددىنى رۇستلاپ كەيسۇن قالقانلار!!!.

تەكلىماكاندا قەدەم ئىزلىرىڭ،
قالدى كۆمۈلۈپ بولدى بارخانلار.
بوستانلىرىڭنى باستى سېغىزغان،
توغراقلىرىڭغا قوندى قۇزغۇنلار !!!.

ئەي بۇغدا ئاتا، تۇرما سۈكۈتتە-،
ئۈنسىز-ساداسىز گۇيا مازارلار.
قەددى-قامىتىڭ تىرىك ياشنىسۇن،
چىقسۇن باغرىڭدىن تىرىك بۇغرالار !!!.

ئا.مۆلجەرلى

2013-01-17

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى