بسم الله الرحمن الرحيم
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللە نىڭ ئىسمى بىلەن باشلەيمەن !
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللە نىڭ ئىسمى بىلەن باشلەيمەن !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ — ئەزىز ۋە مۆھتەرەم مۇسۇلمان قېرىنداشلار !
ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا بولسۇن.
بۇ تېمىدا ئوتتۇرغا قۇيماقچى بولغان پىكىر-مۇلاھىزەلىرىم — قۇرئان كەرىم اللەنىڭ كالامى ۋە ئۇنى ئۈزى قوغدايدىغانلىقى، اللە بىلەن ئىنسان ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش، ئىسلامدىكى دوس-دۈشمەنلىك ئۈلچىمى ۋە كىشىلەر بىر-بىرلىرى ئۈستىدە پىكىر قىلىشنىڭ ئىسلامدىكى بەلگىلىك دائىرىسى قاتارلىق مەزمۇنلاردا قۇرئان-ھەدىستىن دەلىل ئىزدەش ۋە ھەدىس پىشىۋالىرىنىڭ خاتىرلىرىدىن قىسقىچە ئۆرنەك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت !.1. قۇرئان كەرىم اللە نىڭ سۆزى. ئۇ بۇندىن ئونتۆت ئەسىر بۇرۇن ئىنسانلار ئىچىدىن تاللانغان سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيسىسسالامغا ۋەھى قىلىنغاندىن باشلاپ، يەريۈزىدىكى بارچە ئىنسانلارنى زالالەت يۇلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىككى دۇنيالىق بەخىت-سائادەت يۇلىغا چاقىرغان نۇرلۇق ئىلاھى كىتاپ. شۇنداقلا ئۇ— بارچە ئىلاھى كىتاپلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بۇلۇپ، تاكى قىيامەتكە قەدەر مۇتلەق ئۆزگەرمەيدىغان ئالەمشۇمۇل ئىلاھى قانۇندۇر.
بۇ ھەقتە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ— «ئەلىف، لام، مىم ﴿١﴾ بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر ﴿٢﴾» ‹سۈرە بەقەرە›!.
بىز بۇ ئىلاھى قانۇننى ئۈزىمىزگە قايسى دەرىجىدە يىتەكچى قىلساق ۋە تۇنىساق ئۇنى شۇنچە چۈشىنەلەيمىز ۋە ئۇنىڭ چاقىرىقلىرىغا شۇ دەرىجىدە ئاۋاز قۇشالايمىز. ھەرقانداق بىر كۆزگە كۈرۈنگەن شەھەر، تاغ-دەريا، دېڭىز-ئارال، ياكى بىرەر كىتاپ-ماتىريالنى تەپسىلى تۇنۇش ئۈچۈن شۇ نەرسىگە ھەرتەرەپتىن يېقىنلىشىش ئارقىلىق تۇنۇش ھاسىل قىلىش، بىز ئاجىز ئىنسانلارنىڭ تەبى ئېھتىياجى بولغان مەسىلە. بۇ مەسىلىنى ھەلقىلىشىمىز ئۈچۈن چۇقۇم شۇ نەرسىگە ھاقىقى يېقىنلىشىشىمىز كېرەك!. ئەگەر ئۇنىڭغا يېقىنلاشماي تۇرۇپ يىراقتىن كۈزەتسە، مەزكۇر نەرسىنى ئەستايىدىل تۇنۇش ۋە تەپسىلى چۈشىنىش نىسپىتى، قۇل بىلەن تۇتۇپ كۆرگەنگە قارىغاندا تۈۋەن بۇلىدۇ، مانا بۇ بىز ئىنسانلاردىكى تەبى ئاجىزلىق. بىر ئىنسان ئۈزىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ۋە نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۈز ۋۇجۇدىنى ياخشى كۈزىتىشى ۋە ھەربىر ئەزالىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل تەپەككۇر يۈرگۈزىشى كېرەك.
بۇ ھەقتە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ— «ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن ﴿٥﴾ ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى ﴿٦﴾ ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ ﴿٧﴾ شەك - شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر ﴿٨﴾ سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، ﴿٩﴾ ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر ﴿١٠﴾» ‹سۈرە تارىق›!. ئەنە شۇنداق تەپەككۇردىن كېيىن، ئىنسان ئۈزىنىڭ چۇقۇم بىر ياراتقۇچى تەرپىدىن پەيدا بولغانلىقىنى تۇنۇيدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىدۇ. ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتىنى تۇنۇش، ئۇنىڭ كائىناتتىكى ئىنسان ئەقلى يەتمەيدىغان مۆجىزىلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، شەيئىلەرنىڭ ئۆلۈش-تىرىلىش جەريانلىرىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر كزىتىش ئارقىلىق ئۆز ياراتقۇچىسىغا يېقىنلىشىشى چۈشەنچىسى چۇڭقۇرلىشىدۇ ۋە ياراتقۇچى اللە بىلەن ئۈزى ئوتتۇرسىدا بىر مەنىۋى باغلىنىش پەيدا بۇلىدۇ. مانا بۇ ئىنسان قەلبىدىكى (فىترەت) غېيىپقا ئىشىنىشنىڭ ئىپادىسىدىن بۇلۇپ، بۇ ئىپادىنى دىل بىلەن تەستىقلاش تىل بىلەن جارى قىلىش (ئاشكارىلاش) بولسا، يەككە-يىگانە بىر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ شاھادەت ئېيتىش (لا ئىلاھە ئىللەلاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ)تىن ئىبارەت بۇ ئىمان كەلىمىسىنى ئاشكارە ئۇقۇش بىلەن، بۇ كەلىمەنىڭ كۆرسەتمەلىرىگە ھەقىقى ئەمەل قىلىش، تەكلىپلىرىنى تۇلۇق ئۇرۇنداش بىلەن ئەمىلىلىشىدۇ.
اللەنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولغان ھەربىر ئىنسان، شۇ بىباھا ئىمان نىمىتىگە ئېرىشكىنىدىن باشلاپ، ھەرئىككى دۇنيالىق بەخىت-سائادەت يوللىرىنى ھازىرلىغان بۇلىدۇ. بۇ ئۇلۇغ، ئىلاھى داغدام يولدا ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملىق، مۇستەھكەم-تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز ئۈچۈن چۇقۇم شۇ يولنىڭ سىزىق-كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىشىمىز ۋە شۇ ئىلاھى خەرىتىگە تايىنىشىمىز، بىز ئىنسانلار ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان مەنبەدۇر.
ئۇ مەنبە — بارچە ساماۋى كىتاپلارنىڭ ئاخىرقىسى بولغان مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم» دۇر!. ئۇ، بارچە پايغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى، بارچە ئۈممەتلەرنىڭ ئاخىرقىسى، ئۈممەتى مۇھەممەدىيەگە بىرىلگەن مۇقەددەس دەستۇردۇر !. بۇ مۇقەددەس دەستۇرىمىزنى ئۇلۇغلاش، ئۇنى ھىمايە قىلىش، ئۇنىڭ تەلىماتى بىلەن قۇراللىنىش، ئۇنىڭ يوليۇرىقى بىلەن قەدەم بېسىش، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن يول يۈرۈش، ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرىشى بىلەن دىققەت قىلىش، ئۇنىڭ چەكلىمىسى بىلەن توختاش، بىربرسىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، بۇ دۇنيادا ئۈزىمىزنىڭ ھەقىقى ئادىمىلىك پەزىلىتىنى جارى قىلدۇرپ، ئىنسانلار بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچنى، مېھرى-شەپقەت، ھەق-ئادالەت، ئەھدى-ۋاپا، سەمىمى-ساداقەت ۋە مېھرى-مۇرۇۋەت باغچىسىنى گۈللەندۈرەلەيمىز. شۇنداق خۇشپۇراق گۈلچېچەكلەرگە پۈركەنگەن ئىسلام باغچىنى بەرپا قىلالىغان ئىنسانلار جەمىيىتى، ئۆزلىرىگە بىرىلگەن مۇقەددەس ئىلاھى دەستۇرنى ھەقىقى ئۇلۇغلىغان، ئۇنى تۇلۇق ھىمايە قىلغان، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلانغانلار بۇلۇپ، ئۇلار ھەر ئىككىلا دۇنيالىق بەخت-سائادەت يۇلىنى تاپقان بۇلىدۇ، ئەكسىچە ھالدا بارچە ئىنسانلار زىيانكارلىقتا !!!.
بۇ ھەقتە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ—«زامان بىلەن قەسەمكى، ﴿١﴾ ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر، ﴿٢﴾ ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر ﴿٣﴾» ‹سۈرە ئەسىر›!.
يۇقارقى ئايەتتىن شۇنى بىلدۇقكى — بىز ئىنسانلار، رەببىمىز اللەقا ئىمان ئېيىتىپ، ئۇنىڭ ئەمرىگە باش ئەككىنىمىزدىن كېيىن چۇقۇم ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز، بىر-بىرىمىزگە ھەقنى ۋە سەبرىنى تەۋسىيە قىلىشىمىز بىزنىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتىمىز، شۇنداقلا ئىككى دۇنيالىق بەختىمىز ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەكسىچە بارچىمىز (خۇسران ئىچىدە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بۇلىدىغانلىقىمىز بىلدۈرۈلگەن. (مېھرىبان اللە، بىزلەرنى زىيان تارتقۇچىلار قاتارىدىن بۇلۇپ قېلىشىمىزدىن ساقلىسۇن ..ئامىن).
ئەنە شۇنداق زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ھەممەمىز قۇرئان تەلىماتى بۇيىچە ياشىشىمىز، قۇرئان كۆرسەتمىسى ئاستىدا يۇلىمىزنى داۋام قىلىشىمىز، سىياسى-ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى مەسىللەردە كۈرۈلگەن تالاش-تارتىشلارنىمۇ قۇرئان كۆرسەتمىسى ۋە سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتى بىلەن ھەلقىلىشىمىز، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغان پىرىنسىپىمىزدۇر.
بۇ ھەقتە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ— ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى اﷲ نىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر﴿٥٩﴾ِ {سۈرە نىسا}.
يەنە اللە تەئالا، بىز ئىنسانلارغا ئىككى دۇنيالىق نجاتلىق يۇلىنى كۆرسۈۈپ شۇنداق خىتاب قلىدۇ — « كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار) گە سىلەرگە قارشى دەلىل - ئىسپات بولماسلىقى ئۈچۈن، (ئى مۇھەممەد! سەپەر قىلىشقا) قەيەردىن چىقمىغىن، (نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولماڭلار، (نامىزىڭلاردا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلارلا (قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋالىدۇ)، ئۇلار (يەنى زالىملار) دىن قورقماڭلار، (مېنىڭ ئەمرىمنى تۇتۇش بىلەن) مەندىن قورقۇڭلار. (قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە ئەمر قىلىشىم) سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ۋە توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر ﴿١٥٠﴾ شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھدىن) پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى دىنىي ئەھكاملارنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق ﴿١٥١﴾ مېنى (تائەت - ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار ﴿١٥٢﴾ ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر ﴿١٥٣﴾» ‹سۈرە بەقەرە›!.
ئەپسۇسكى دەۋرى مۇھىتىنىڭ تىز ئۆزگىرىشى، جەمىيەتنىڭ ئىسلامدىن يىراقلىشىشى، ئىنسانلارنىڭ ئۈلۈم ۋە ئاخىرەتنى ئۇنۇتقان ھالدا ھاياتى دۇنياغا بىرىلىشى، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى، كۆپلەر ئازنى، پادىشا پۇقرانى، بېخىل بايلار يىتىملارنى خالىغانچە بوزەك قىلىدىغان، تۈرلى يوللار بىلەن ئۇلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى مانىپول قىلىدىغان، ئاقىۋىتى ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق بولغان بىر قاراڭغۇ جەمىيەت شەكىللەندى. بۇنداق ئازغۇن جەمىيەتكە قارشى دادىل پىكىر قىلغانلارشۇ قارا جەمىيەت ئەزالىرى تەرپىدىن تۈرلى قارشىلىقلارغا ئۇچراپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ھاياتى ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالدى. مەزكۇر سەۋەپلەر تۈپەيلى، ھەققە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ تۈرلى پائالىيەتلىرى ئاشكارە ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى. بۇنداق كەسكىن كۈرەشنىڭ بوھرانى ئاستىدا، ھەق ئۈچۈن سۆزلەيدىغانلارنىڭ كەملەپ كېتىشى سەۋەپلىك، باتىلنى تەشۋىق قىلىپ زۇلۇمغا ياردەملىشىدىغان، دۇنيالىق مەنپەئەت ئۈچۈن ئاخرەتلىكىنى، كۇپرى مەنسەپلىرى ئۈچۈن ئىمان مەرتىۋىسىنى ساتىدىغان مۇناپىق-شەيتانلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. ئىسلام دۈشمەنلىرى بىلەن ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن ھالدا ئۆزئارا دوستلۇق قۇرۇشۇپ، باتىل سارايلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئېھمانلىرىغا ئايلاندى. ئۆزلىرىنىڭ بۇ دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى ئىسلامنىڭ تارازىسىدا ئۆلچەپ كۆرۈشنى بىلمىگەن شۇ بىچارە بايقۇشلار، ئۆزلىرى سەزمىگەن ھالدا مەزكۇر قىلمىشلىرىغا قىلچە خىجىل بولمستىن، كۇپرى ھاكىمىيەتلەرنڭ قانۇن-نىزاملىرىنى بىچارە-مەزلۇم مۇسۇلمانلار ئالدىدا ۋاقىراپ تەشۋىق قىلغاندىن تاشقىرى، بۇنداق سورۇنغا قېتىلمىغان ياكى ئۇلارنىڭ پىكر-تشۋىقاتلىرى رەت قىلغانلارنى تۈرلى يوللار بىلەن كەمسىتىشكە، ئارقىسىدىكى يۈلەنچۈكى بولغان كۇپرى تۈۋرۈكلىرىگە تايىنىپ پەيتى كەلسە مۇسۇلمانلارنى سېتىپ خەجلەشكە، ۋە بەزىدە ئاشكارە ھاقارەتلەپ مۇتىھەلەرچە كۆكەمىلىك قىلىشقا باشلىدى. ھالبۇكى بىز مۇسۇلمانلار ئۈزىمىزنىڭ دوست-دۈشمەنلىك پىرىنسىپلىرىمىزنى قايسى ئۆلچەم-پىرىنسىب ئۈستىدە ئېلىپ بېرىشىمىز توغرىسىدا قۇرئان - ھەدەسلەردە ئالاھىدە كۆرسەتمە بىرىلگەن ئەمەسمىدى ؟.
بۇ ھەقتە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ— «مۆمىنلەر مۆمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ اﷲ نىڭ دوستلۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇلاردىن قورقۇپ دوستلۇق ئىزھار قىلىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ﷲ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي اﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر ﴿٢٨﴾» ‹سۈرە ئالى ئىمران›!.
بۇ ھەقتە اللە تەئالا يەنە مۇنداق دەيدۇ—«ئى مۆمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار اﷲ قا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (ئۇ چاغدا مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ ﴿١﴾ ئەگەر ئۇلار سىلەرنى يەڭسە سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، سىلەرنى تىللايدۇ، سىلەرنىڭ مۇرتەد بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ ﴿٢﴾» ‹سۈرە مۇمتەھىنە›!.
يۇقارقى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى — اللە نىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن ھەربىر مۇسۇلمان قۇرئان كۆرسەتمىسىدىكى دوست-دۈشمەنلىك پىرىنسىپىنى ھاياتىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىغىچە تۇلۇق تەتبىق قلىشى، اللە نىڭ دوستىغا-دوست، دۈشمىنىگە-دۈشمەن بۇلۇش پىرىنسىپىدا چىڭتۇرۇپ، ھەرقانداق بىرەر ئۇسۇلدا كۇپرى بىلەن قەتئى دوستلۇق-يېقىنچىلىق قىلماسلىقى، قۇرئان تەلىماتىنى ئۈزىنىڭ ئۇمۇمى ۋە خۇسۇسى ھاياتىغا ئەمىلى ئۆزلەشتۈرىىشى، بۇ ھەقىقەت يۇلىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلىشقا تاييار تۇرىشى، ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ئىمانى دۇرۇس بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇق ھۆكۈملەر بايان قىلىنغان!!!. مەزكۇر ئايەتنىڭ ئەسلى-تەقەززاسىنى ھەقىقى چۈشەنگەن ھەربىر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم ئۈزلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى مەزكۇر ئىلاھى مىزان «قۇرئان تارازسىى»غا قۇيۇپ ئۆلچەپ كۆرۈشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
2. قۇرئان كەرىمنىڭ يۇرتىمىزغا يىتىپ كىلىشى، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلامنى قۇبۇل قىلىشى بىلەن تەڭ باشلانغان دىسەك ئەلۋەتتە خاتالاشمايمىز. چۈنكى ئىسلام تەرغىباتى قۇرئان بىلەن باشلانغان ۋە قۇرئان بىلەن تەشۋىق قىلىنغان، قۇئان بىلەن دەلىل-پاكىت كۆرسىتىلىپ كىشىلەرنى قايىل قىلغان ۋە ئىسلامغا داخىل قىلغان. قۇرئان كەرىم ئەنە شۇنداق دەۋەت يۇلى ئارقىلىق تىللاردىن-تىللارغا، دىللاردىن-دىللارغا يۆتكۈلۈپ، ياراتقان رەببىنى تۇنۇغان ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيىتقان پاك قەلبلەرنىڭ مۆجىزە ۋاراقلىرىغا ئۆزگەرمەس لەۋھە بۇلۇپ پۈتۈلگەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىغىچە نازىل بولغان قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ پۈتۈلگەن نۇسخىسى تېرە ۋە دەرەخ قوزاقلىرىغا يېزىلىپ ساقلانغان بۇلۇپ، ئۇنى يادىلاپ قەلەبلەردە ساقلاش ئۇمۇيۈزلۈك داۋاملاشقان.
قۇئان كەرىمنىڭ ساقلانغان ئايەت-نۇسخىلىرىنى كىتاپ شەكىلدە رەتلەش ئىشى، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك زامانىدا، ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللەھۇ ئەنھۇنىڭ قاتتىق تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان. ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك زامانىدا رەسمى كىتاپ شەكىلدە كەڭ تارقىتىلغان. قۇرئانى كەرىمنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام زامانىدا كىتاپ سۈپىتىدە رەتلەنمەي ھەربىر ئايەت ئۆزپېتى خاتىرە-نۇسخا ھالىتىدە ساقلىنىشى توغرۇلۇق ئالىملارنىڭ بىردەك پىكرى مۇنداق. قۇرئان ئاللاھنىڭ ۋەھىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ قاچان ۋەھى قىلىنىشى، قەيەردە ۋەھى قىلىنىشى، قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى، قايسى ئايەت-قايسى ھۆكۈم تەكرار ۋەھى قىلىنىشى، ياكى قالدۇرىلىشى قاتارلىق ئىلاھى غېيىپلارنى پەيغەمبىرىمىز بىلمەيتى. ئۇ پەقەت اللە بۈلدۈگەننىلا بىلەتتى، نىمە سۆزلىسە اللە نىڭ ۋەھىسى بىلەن سۆزلەيتى.
بۇ ھەقتە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ— «ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى، ﴿١﴾ سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى ﴿٢﴾ (ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ ﴿٣﴾ پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ ﴿٤﴾ ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى ﴿٥﴾» ‹سۈرە نەجمى›!.
سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان نازىل بۇلۇشتىن بۇرۇن، پەيغەمبىرىمىز خەت يېزىشنى ياكى خەت ئۇقۇشنى بىلمەيتى. بۇنداق بۇلىشى قۇدرەتلىك اللە نىڭ ئالدىن بەلگىلىگەن بۈيۈك ھېكمەت-مۆجىزەلىرىدىن بىرى ئىدى.
بۇ ھەقتە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ— «ئىلگىرى سەن كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيتتىڭ، خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيتتىڭ، (مۇبادا سەن كىتاب ئوقۇغان، خەت يازىدىغان بولساڭ) ئۇ چاغدا ھەققە قارشى تۇرغۇچىلار چوقۇم گۇمانلىناتتى ﴿٤٨﴾» ‹سۈرە ئەنكەبۇت›!.
قۇرئان كەرىم نازىل بولغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئەسلى ۋەھى بولغان «مەتنى-لەفزى» ھالىتى ساقلىنىپ كەلمەكتە، ھىچقانداق بىر ھەرىپى ئۆكزگەرگىنى يوق، ياكى ئالماشتۇرۇلغىنى يوق. شۇنداقلا تاكى قىيامەتكە قەدەر شۇنداق ساقلىنىدۇ. بۇنى ئۆزگەرتىش ھىچقانداق ئىنساننىڭ قۇلىدىن كەلمەيدۇ ۋە ئۇنداق قىلىشقا قەتئى جۈرئەتمۇ قىلالمايدۇ !!!.
بۇ ھەقتە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ— «قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز ﴿٩﴾» ‹سۈرە ھىجىر›!. اللە قۇرئان كەرىمنى ئەرەپ تىلىدا نازىل قىلدى ۋە ئۇنى ئۇقۇپ چۈشىنىشىمىزنى بۇيرىدى.
بۇ ھەقتە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ— « ئەلىف، لام، را. بۇ روشەن كىتاب ئايەتلىرىدۇر ﴿١﴾ شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق ﴿٢﴾» ‹سۈرە يۈسۈپ›!.
كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى اللە — بۇ مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنى سۈيۈملۈكپغەمبىرىمز مۇھەمەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلدى ۋە ئۇنى ئۆزى قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. قۇرئان نازىل بولغان ئونتۆت ئەسىر مابەينىدە بۇ ئىلاھى ھەقىقەت بارچە دۇنيا ئەھلىگە ئۆز ھەقىقىتىنى ئۇچۇق كۆرسەتتى.
قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ سۈزى— ئۇ تاكى قىيامەتكە قەدەر شۇ ھالىتىدە نۇر چېچىپ (گەرچە كاپىرلار ئۈچۈرمەكچى بولسىمۇ) دۇنيانى يۇرۇتۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ھىچكىم قارشى چىقالمايدۇ ۋە بىرەر ھەرىپلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئسلا قادىر بۇلالمايدۇ !!!.
بارچە دۇنيا ئەھلىگە ئۈزىنىڭ ھەقلىقىنى تۇنۇتۇپ كەلگەن مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم» دەۋرىمىزدىكى مىليارت ئىنسانلارنىڭ دائىم قىززىقىدىغان ۋە ئالەمنىڭ سىرلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بايدىلنىدىغان تەڭداشسىز بىلىم مەنبەسى بۇلاپ كەلمەكتە. بۇ تەڭداشسىز مەنبەدىن پايدىلانغان سانسىز ئىنسانلار بۇ مۇقەددەس كىتاپنى بىر ئىلاھى دەستۇر سۈپىتىدە قۇبۇل قىلسۇن، ياكى بىر تەتقىقات مەنبەسى سۈپىتىدە پايدىلانغان بولسۇن، ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق مۆجىزە ئىكەنلىكىنى ئالابۇرۇن بىلىشتى. يەنە بەزى (دىللىرى پېچەتلەنگەن) نانكورئىنسانلار بۇ مۇقەددەس كالامنى ئۆزلىرىنىڭ تۈرلى مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ پايدىلاندى. بۇلۇپمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆز كونتروللىقىدا ئىدارە قىلىپ كەلگەن دىنسىز ئىمپىرىيە ۋە چوڭ-كىچىك ھاكىمىيەتلەر بۇخىل سىياسى سۈيىقەستلىرىدىن ھىچبىرزامان ۋازكەچمىدى.
بۇنداق ئېچىنارلىق پاجىئەلەر يالقۇنى، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن تېخىمۇ ئۇلغۇيىپ دۇنيانىڭ ھەربىر بۇلۇڭلىرىغا تۇتاشتى ۋە مىلتيۇنلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرەك-بەغرىنى كۆيدۈرۈك كۈل قىلدى. ئەنە شۇ پاجىئەلەرنىڭ تىرىك شاھىتلىرى بولغاب بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ بۈگۈنگە قەدەر شۇ ھالاكەتلىك ئوتنىڭ ئەلەملىك يالقۇنلىرى ئاستىدا چوغ-چۈچۈل بۇلاپ، قۇرئان ئاشىقلىرى بولغان يۈرەك-باغرىلىرىمىز كۆيۈپ-كاۋاپ بولماقتا. ئەگەر، ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان رەببىمىز اللەنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بۈيۈك نىمىتى~ئىمان-ئېتىقادىمىز~ مۇستەھكەم بولمىغىنىدا ئىدى، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئاللىبۇرۇن كۈلگە ئايلىنىپ تۈگىگەن بۇلاتتۇق. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبار اللەقا چەكسىز شۇكرىلەر بولسۇنكى، بىزلەگە ھەرتەرەپتىن ئۈزىنىڭ ياردىمىنى يەتكۈزۈپ، شۇنچە زۇلمەتلىك دۇزاخ قاراڭغۇلىقىدا سالامەت ساقلاپ كېلۋاتىدۇ. ئەگەر بىز مۇسۇلمانلار ئىمان-ئېتىقادىمىزدا مۇستەھكەم تۇرماي، رەببىمىزگە بولغان قۇلچىلىقنى تۇلۇق ئادا قىلماي، رەببىمىزنىڭ چەكلىگەن نەرسىلىرىدىن يىراق تۇرماي، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە دوستلۇق ئىزھار قىلىشىدىكەنمىز، بىزنىڭ كېلەچەكىمىز ۋە دۇنيا -ئاخىرەتلىكىمىز پۈتۈنلەي بەربات بۇلىدۇ. بۇنداق پالاكەتتىن ساقلىنىش ۋە قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۇقۇم قۇرئاننى ھەقىقى تۇنىشىمىز ئۇنى ئەستايىاىل ئۇقىشىمىز، جاندىلىمىز بىلەن ھىمايە قىلىشىمىز، باشقىلارنىڭ ئۇنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇررىدىغان ۋاستە قىلىۋېلىشىغا قەتئى يول قويماسلىقىمىز، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتى!!!.
3. 2013-يىلى، ئۇيغۇر تور دۇنياسىنىڭ مەۋھۇم ئۇچۇر پەللسىگە قاراپ يۈكسىلىۋاتقان يېڭى ئويغۇنۇش دەۋرى بۇلىۋاتسا كېرەك دەپ قارايمەن. (ئىنشا ئاللاھ شۇنداق بولغۇسى). يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۇتتۇرغا قۇيىلىۋاتقان «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە يېڭى تەرجىمىسى ھەققىدىكى ئېلىپ بېرىلغان كەسكىن مۇنازىرەلەر بۇ سۆزۈمنىڭ ئىسپاتى بولسا كېرەك.
قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسى ئۇتتۇرغا چىققاندىن باشلاپ، بۇ ھەقتە يۈرگۈزۈلگەن پىكىر-مۇلاھىزەلەر ئىنتايىن كەسكىن ۋە ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا. بۇ خۇسۇستا ھەربىرىمىز ئۈزىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادى ۋە مىللى مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى قايسى دەرىجىدە تۇنىغان بولساق شۇ مىقداردا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىلمىي پىكىر قوشتۇق. چۈنكى بۇ ئۇلۇغ-مۇقەددەس كالام «قۇرئان كەرىم»گە مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن سەزگۈر ۋە زىل مەسىلە. قۇرئانغا بولغان مۇھاببەت-ئىشتىياق يۈزىسىدىن بۇ توغرىدا ئىلمىي پىكىر قىلىش ھەربىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھەقلىق بولغان دائىرە دەپ قارالغان بولسىمۇ، بىراق بەزى ھەقلىق بولغان دائىرەلەرگىمۇ دىققەت بىلەن كىرمىسىڭىز، ئېغىزدىن چىققان ھەربىر سۆزلەرگە دىققەت قىلمىسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ مەنىۋىيىتىڭىزنى نابۇت قىلىشىڭىز، ياكى تۈگىمەس نادامەتكە قېلىشىڭىز مۇئەييەن. بۇ خۇسۇستا توردۇنياسىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىلمى مۇنازىرە ۋە تۈرلى مۇناقىشەلەرنى بۇ يەردە تەكرار ئىزاھاتلاش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن.
قۇرئان كەرىم ئەرەپ تىلىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىليۇنلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى مەلۇم دەرىجىدە تەمىنلەپ كەلدى. شۇلار جۈملىسىدىن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ 80-يىللاردىن باشلاپ، ھۆرمەتلىك ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ يىللار بۇيى ئېلىپ بارغان جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە، بۇ مۇقەددەس كالامنىڭ مەنا-تەرجىمىسى بىلەن يۈكۆرۈشۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق. بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنىڭ مىۋىسى يالغۇز بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى چەكسىز سۈيۈندۈرۈپلا قالماستىن، يۇرتىمىزدىكى ئۇيغۇر تىلىنى قوللۇنۇپ كەلگەن ھەرمىللەت مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنىڭ باشلىنىشى ناھايىتى ئەستايىدىل ۋە چۇڭقۇر مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەنا-تەرجىمىنىڭ ھازىرلىنىشى ھەرتەرەپتىن بەكمۇ سۈپەتلىك تاماملانغان بۇلۇپ، يۇرتىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر-مۆتىۋەر ئالىملاردىن ئونئۈچ نەپەر ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرىشى ۋە ئالاھىدە تەرىپلىشى، شۇنداقلا قىممەتلىك تەقرىزلەر يېزىپ بىرىشى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى.
بۇ بۈيۈك خىزمەت ئەرەپ دۇنياسىدىكى مەشھۇر ئالىملار تەرپىدىن بىردەك ئالقىشلاندى. بۇ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان ئالىملاردىن بىرقانچىسى بۇرۇن يۇرتىمىزدىن ھىجرەت قىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە-مەدىنە شەھەرلىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان، ھەمدە شۇ دىياردىكى مەشھۇر جامي-مەدرىسلەردە ئۇقۇتقۇچى بۇلىۋاتقان ئاتاغلىق ئۇستزلار ئىدى. ئۇلارمۇ بۇ خىزمەتكە يۇقىرى باھا بېرىشتى ۋە ئالاھىدە تەشەككۇرلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ھەمدە پادىشاھ پەھدىنىڭ قۇرئان بېسىش زاۋۇتىدا نەچچە يۈزمىڭ نۇسخا بېسىپ چىقىرلىپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەڭ مۇسۇلمانلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بىرىلدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ چۇڭقۇر ئېھتىياجى ۋە چەكسىز تەلەپلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ھەتتا يۇرتىمىزغىچە ئايرۇپىلان بىلەن ئەكىلىپ بەردى. بىراق بۇ ھەقسىز كەلتۈرۈلگەن يۈزمىڭلىغان قۇرئان تەرجىمىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تارقىتىلماستىن، شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ يەرئاستى ئىسكىلاتلىرىغا مەخپى بېسىۋىتىلدى. قاراڭغۇ ئىسكىلاتتا ئۇزۇن مۇددەت بېسىلىپ تۇرغان قۇرئان كەرىم زەييەردە نەملىشىپ قەغەزلىرى كۆكىرىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئىنىستىتۇتنىڭ بىرقانچە ئىمانلىق ئۇقۇغۇچىلىرى ئىسكىلاتنى چېقىپ كىرىپ مەلۇم مىقتاردا تارقىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بۇ يۈزمىڭلىغان قۇرئاننى تارقىتىپ تۈگىتەلمىدى. ئاخىردا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئۇرگانلار ئىسكىلاتنى پىچەتلىگەندىن تاشقىرى، قەستەن ئىسكىلاتقا سۇ كىرگۈزۋېتىپ، مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنى تامامەن ۋەيران قىۋەتتى.
مۇقەددەس كالام قۇرئانغا ۋە ئۇنى چىن ئېتىقادى بىلەن ئۇقۇپ-ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان مەزكۇر سۈيىقەسلەر كىملەرنىڭ قۇلى ۋە كىملەر تەرىپىدىن قەستەن يۈزبەرگەنلىكى ھەممەمىزگە مەلۇملۇق بولسىمۇ، بۇ سۈيىقەست تاكى ھازىرغىچە سىرلىق ساقلىنىپ، قۇرئان كەرىمنى چۇڭقۇرئىخلاس بىلەن ئۇلۇغلاپ-ئۇقۇپ كېلىۋاتقان مىليۇنلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، ھەمدە ئۇ قۇرئاننى باستۇرۇپ يۇرتىمىزغىچە ئەكىلىپ بەرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ۋە شۇيەردىكى ئالىم-ئۆلىمالاردىن قەتئى يۇشۇرۇپ كېلىنمەكتە.
«قۇرئان كەرىم»نىڭ يېڭى تەرجىمىسى ھەققىدە ھاياجانلىنىپ پىكىر بايان قىلغان، بۇ يېڭى تەرجىمىنىڭ دەۋلەت تەرپىدىن مەقسەتلىك تەييارلانغانلىقى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنلارنىڭ قىسقارتىلغانلىقى توغرىسىدا ئىلمىي پىكىر بۈلدۈرگەنلەرنى «پىتنە تېرىغۇچىلار» دىگۈچىلەردىن سورايدىغان سۇئالىم ... تۈۋەندىكىچە !
(1) قۇرئان كەرىمنىڭ، دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى تەرپىدىن تەستىقلانغان تەرجىمە نۇسخىسى 140 خىلدىن كۆپ بۇلۇپ (بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ بار) بۇ مەنا-تەرجىمىلەرنىڭ ھىچبىرسىدە سۈرە پاتىھە مەزمۇنى قىسقارتىلمىغان، ئەكسىچە ناھايىتى جانلىق، ھەربىر ئايەت ئايرىم-ئايرىم ۋە رۇشەن ئىپادىلەر بىلەن ئىزاھلانغان. يېڭى چىققان ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە بولسا، سۈرە پاتىھە قىسقارتىۋىتىلگەن. بۇنداق قىلىش تەپسىر شۇناس ئالىملار تەپىدىن قەتتى چەكلەنگەن. چۈنكى سۈرە پاتىھە قۇرئاننىڭ تۈپ بەنبىيى، بۇ سۈرە بارلىق نامازلاردا تەكرار ئۇقىلىدۇ ۋە ھەربىر ئايەت ئايرىم-ئايرىم ئۇقىلىدۇ. ناماز ئۇقىغاندا باشقا سۈرىنىڭ بىرەر ئايىتى ئۇقۇلماي قالسا ناماز جائىز، ئەمما سۈرە پاتىھەنەڭ بىرەر ئايىتى ئۇقۇلماي قالسا ناماز جائىز بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ناماز قايتا تەكرار ئۇقىلىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ يەنە بىر پەزىلىتى بولسا ئىككى قېتىم نازىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىلەر ؟
(2) ئەجەبا مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ تەرجىمىسىدىكى ئۇيغۇرچە «قۇرئان كەرىم» نۇسخىسى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇقىشىدىن چەكلىنىشكە، دەۋلەت تەرپىدىن يىغىۋېلىشقا، ھەتتا شۇ دەرىجىدە ۋەيران قىلىپ يۇقىتىشقا لايىقمىدى ؟
(3) قۇرئانى كەرىم يالغۇز بىرلا نۇسخىدا بولماي باشقا تىللاردىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇر تىلىدىمۇ كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنسا بۇلىدۇ، بىراق كېيىنكىسى چۇقۇم ئەۋۋەلقىسىنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرىشى، كەمتۈك يەرلىرىنى تۇلۇقلىشى، غۇۋا مەزمۇنلارنى رۇشەن ۋە جانلىق ئىپادىلەر بىلەن يۇرۇتۇلۇپ بىرەلىشى كېرەك ئەمەسمىدى ؟، بۇ يېڭى تەرجىمە نىمە سەۋەپتىن بۇرنقىسىدىن مەزمۇنى قىسقا ۋە بەزى مۇھىم ئورۇنلارنىڭ مەنا-ئىپادىلىرى قىسقارتىلىپ، تار مەنا ۋە تۈۋەن سەۋىيەدە تەييارلاندى ؟
(4) قۇرئانى كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسىنى نەشىردىن چىقىرىشتىن بۇرۇن مەزكۇر تەرجىمىنى، يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاتاغلىق دىنى ئالىملارنىڭ كۆرۈپ چىقىشى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مەدىنە مۇنەۋۋەرە جامىسىدە ئۇستاز، مەككە مۇكەررەمە جامىسىدە ئۇستاز، رابىتۇل ئىسلام مەركىزىدە مەسئۇل، قاھىرە ئىسلام ئىنىۋىرسىتىتىدا دوكتۇر ئۇستاز بۇلۇپ ئىشلەۋاتقانلار بۇلۇپ جەمى 10 نەپەر ئاتاغلىق ئۇيغۇر دىنى ئالىملىر بار تۇرۇپ، بۇلارىنىڭ تەكشۈرۈشىگە نىمە ئۈچۈن ئەۋەتىلمىدى، ياكى ئۇلار مەزكۇر خىزمەتنى تەكشۈرۈپ كۈزىتىشكە تەكلىپ قىلىنمىدى ؟
(5) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سىمۋولى بۇلۇپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا تۇنۇلغان ئاتاغلىق دىني ئالىم، مىسىر ۋە ماراكەشتە ئۆتكۈزۈلگەن خەلىقارالىق چوڭ مۇراسىملاردا سۆزلىگەن ئەرەپچە نۇتقى بىلەن بىرىنجى بۇلۇپ باھالانغان ۋە پادىشاھنىڭ ئالى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھۆرمەتلىك ئالىمىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم نىمە سەۋەپتىن بۇ يېڭى تەرجىمىگە رىياسەتچىلىك قىلمىدى؟ ياكى تەكلىپ بىلەن بولسىمۇ قاتناشتۇرۇلمىدى؟ ياكى بۇ يېڭى تەرجىمىگە بىرەر تەقرىز يېزىپ بەرمىدى ؟
قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسىگە قاتناشقان تەرجىمانلار توغرىسىدا بۇلۇپ ئۆتكەت پىكىر-تەنقىدلەر(ئەلۋەتتە ئىلمى بولغانلىرى) ھەرگىزمۇ ئۇرۇنسىز ئەمەس. چۈنكى بۇ، بىرەر تارىخى روماننىڭ تەسۋىرلىنىشى ئەمەس. بەلكى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان قۇدرەتلىك اللەنىڭ مۇقەددەس كالامى. ئۇنى توغرا ئۇقۇش، مەزمۇنىدىن توغرا پايدىلىنىش، ئىتىقادى چۈشەنجىسىنى توغرا قاندۇرۇش، ئائىلە ئەزالىرىنى توغرا يولغا يىتەكلەش، دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخىت-سائادەت ماكانىنى ئىسلام دىننىڭ دەستۇرى بولغان مۇقەددەس قۇرئان كەرىم يوليۇرقى ئاستىدا قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مۇھىم ئاساسى مەنبە بولغان قۇرئاننى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۇقۇپ بىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كۈندىلىك ھاياتىغا يول ھازىرلىشى، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ھەرقانداق بىرەر نەرسىلەرنىڭ ئارلىشىپ قېلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى لازىم بۇلىدۇ ئەلۋەتتە. بۇ توغرىدا ئىخلاسمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەستايىدىل ئىزدىنىشلىرى ۋە شۇ توغرىسىدا پىكىر يۈرگىزىشى ھەرگىزمۇ كىشىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان پىتنە-غېيبەت، ياكى كىشىلەرنىڭ ئېيىبىنى ئېچىش بولمساتىن، بەلكى شۇ تەنقىدى پىكىرلەرنى يۈرگۈزگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىشتىكى خالىس نىيەتلىرىگە قارىتا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ.
ئۇيغۇرچە يېڭى تەرجىمىنىڭ تەرىرلىكىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلار قاتارىدا ئىسىملىرى يېزىلغان ئاتاغلىق ئىككى زىيالى مەسىلىسىگە كەلسەك، كەسكىن ئېيتالايمىزكى ئۇلار بۇ يېڭى تەرجىمىنى ئاخىرغىچە تەپسىلى ئۇقۇپ كۆرمىگەن. ياكى ئۇلارغا كۆرسىتىلگىنى يېڭى تەرجىمىنىڭ مەلۇم بىرقىسمىلا بولغان. ئەگەر ئۇنداق بولماي يېڭى تەرجىمىنىڭ بارلىق خام ماتىريالى ئۇلارنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلغان بولسا، ئۇلار بۇ مۇقەددەس كىتاپنى تەپسىلى ۋە تۇلۇق ئۇقۇپ تۈگەتمەي، مەلۇم قىسمىنى ئۇقۇپلا ئۆز ئىسمىلىرىغا ئىمزا قويغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار مۇقەددەس كالامۇللاھقا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان ۋە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى پەقەت تەرجىمىدىكى ئۇيغۇرچە سۆز-جۈملىلەرنىڭ لوگىكىلىق ۋە ئەدەبى ئىشلىتىش ئۇسىلىنى كۆزدىن كەچۈرۈش بۇلۇپ، ھەرگىزمۇ مەنا-تەرجىمىنىڭ شەرھى-ئىزاھاتىدىن جاۋاپكار ئەمەس، چۈنكى ئۇلار بۇ ئىشنىڭ ئەھلى ئەمەس ئىدى. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەھرىر ئىشىغا قاتناشقانلىقى سەۋەپلىك يېڭى تەرجىمىنىڭ ئۇيغۇرچە سۆز-جۈملىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش جەريانىدا سادىر بولغان خاتالىقلار بولسا بۇلار جاۋاپكار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلار توغرىسىدىكى يېزىلغان پىكىر-تەنقىدلەرنىمۇ تامامەن ھەقلىق دەپ قارايمىز. شۇڭا بۇ توغرۇلۇق مەزكۇر زىيالىلار ۋاقتىدا ئوتتۇرغا چىقىپ ئۇ ئىشنىڭ ماھىتىنى ئىزاھلىشى ۋە ئەمىلىيەتتە شۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك سادىر بولغان بولسا، ئۇلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن ئاشكارە كەچۈرۈم سورىشى كېرەك !!!. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار ئۆزلىرى سەزمەستىن دەسسەپ قالغان تۇزاقتىن ئاسان قۇتىلالايدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ مىللىتىمىز ئارىسىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ دەپ قارايمەن.
4. يۇقارقى مەسىللەر ھەققىدە دىنىي نۇقتىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئازراق چۈشەنچە بىرىشكە توغرا كېلىدۇ.
ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئېيىتقاندا — كىشىلەر ئۈسىتىدىن بارنى دىسە غېيبەت، يوقنى دىسە تۆھمەت بۇلىدىغانلىقى ئېنىق.
ئۇنداقتا قانداق مەسىللەر ھەققىدە كىشىلەر ئۈستىدىن پىكىر قىلىش غېيبەتكە كىرمەيدۇ ؟. بىز بۇ ھەقتە توغرا قاراشقا ئىگە بۇلىشىمىز ئۈچۈن چۇقۇم قۇرئان-ھەدىستىن جاۋاپ ئىزدىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
بۇھەقتە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ — «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار ﴿٦﴾» ‹سۈرە ھۇجرات›!.
يۇقارقى ئايەت شۇنى كۆرسىتىدۇكى— ھەرقانداق بىر خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ئۇنى تارقاتماستىن، ئۇنىڭ راس-يالغانلىقىنى ئېنىقلاش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. ئۇنداقتا بىز بۇلارنى ئېنىقلاش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇلارنىڭ كىملىكى، نەدىن كەلگەنلىكى، نىمىش قىلىدىغانلىق، نىمىگە خىزمەت قىلىدىغانلىق توغرۇلۇق قىسقىچە تەكشۈرۈشكە مەجبۇرمىز. مانا بۇ قۇرئاندىكى كۆرسەتمە.
ھەدىستىن ئىزدەنسەك— ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ پەيغەبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلاش جەريانىدا تۇتقان يۇلى بىزگە يىتەرلىك دەلىل بۇلالايدۇ.
مەسىلەن ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ھەدىس توپلاش جەريانىدا مەككە-مەدىنە، يەسرىب، ھىجاز قاتارلىق ئەرەپ جەزىرەلىرىنىڭ بىرقانچە يۇرتلىرىغا پىيادە مېڭىپ باردى، خاتىرلىمەكچى بولغان ھەدىسلەرنى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن بىۋاستە ئاڭلاپ يازدى. ئۇمۇمى توپلانغان ھەدىسلەرنى رەسمى خاتىرە قالدۇرۇش باسقۇچىغا كەلگەندە شۇ ھەدىسنى بايان قىلغۇچىنىڭ شەخسى سالاھىتىگە قاراپ ئۇ ھەدىسىنى بىرقانچە تۈرگە ئايرىدى. «سەھىھ» «ھەسەن» «زەئىپ» بىز بۇ يەردە پەقەتلا ھەدىسنىڭ قىسقىچە ئاتىلىشى توغرىسىدا توخىتىلىمىز.
«سەھىھ» بۇ ھەدىسنى بايان قىلغۇچىلارنىڭ بارچە سالاھىتى ئىشەنجىلىك، ئېتىقادى مۇكەممەل بولغانلار دەپ تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇلدى.
«ھەسەن» بۇ ھەدىسنى بايان قىلغۇچىلارنىڭ بارچە سالاھىتى ئىشەنجىلىك، ئېتىقادى مۇكەممەل بولغانلار دەپ تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇلدى.
«زەئىپ» بۇ ھەدەسنى بايان قىلغۇچىلارنىڭمۇ بارچە سالاھىتى ئىشەنجىلىك، ئېتىقادى مۇكەممەل بولغان، بىراق ئۈزى يالغۇز راۋى، قۇشۇمچە تەستىقلىغۇچى يوق.
ئەمما جەملەنگەن ھەدىسلەرنىڭ راۋىسى بىرەر يەردە راس-يالغان ئارلاشما سۆز قىلغان، ياكى ئىتىقادى سۇسراق كىشى بولسا بۇنىڭ سۆزلەپ بەرگەن ھەدىسى خاتىرلەنمەي ئۈچۈرۈلدى.
بىر كۈنىلىرى ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇ اللە نەچچەكۈنلۈك يول يۈرۈپ، مىڭبىر جاپادا بىر كىشىدىن ھەدىس ئاڭلاش ئۈچۈن كەلدى، يېقىن كەلسە ھېلىقى ئادەم قۇلىدىكى قاچىنى شاراقشىتىپ بىر ئاتنى تۇتۇش ئۈچۈن تۇرىۋاتقان ئىكەن، ئاتمۇ ئۇ كىشىگە ئاستس-ئستا يېقىنلىشىپتۇ، ئات يېقىن كىلىشى بىلەن ھېلىقى ئادەم ئاتنى تۇتۇۋېپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىمام بۇخارىمۇ بۇ كىشىنىڭ يېنىغا يېقىن كەلگەن ئىكەن قارىسا ھېلىقى ئادەمنىڭ قۇلىدىكى شاراقلاتقان قاچىدا ئات يەيدىغان يەم ئەمەس، شېغىل تاش بولغان ئىكەن. بۇنى كۆرگەن ئىمام دەرھال ئاقىغا قايتىپ، بىر جانىۋارنى ئالدىغان ئادەمدە قانداقمۇ راسچىللىق بولسۇن؟ دەپ، بۇ ئادەمنىڭ ھەدىسنى ئاڭلاشتىن ۋازكېچىپ قايتىپ كېتىپتۇ. مانا بۇ قىسسىلەرمۇ ئىمام بۇخارىنىڭ ئۆزى قۇلى بىلەن قالدۇرغان خاتىرەلەردە ساقلانغان. ئەگەر بۇ ۋاقەنى ۋە شۇ كىشىنىڭ شەخسى سالاھىتىنى بايان قىلىش غەيۋەت بۇلىدىغان بولسا، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ بايان قىلغان ھەدىسلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پالانى ئادەم يالغانچى، ياكى ئۇنىڭ مۇنداق خاتالىقى بار دىيىلسە غەيۋەت بۇلىدىغان بولسا ئىمام بۇخارى ھەرگىزمۇ بۇنداق خاتىرنى يېزىپ قالدۇرماس ئىدى. دىمەك بىز دىنىمىزغا ئائىت بولغان ھەرقانداق مەسىللەرنىڭ توغرىسىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، دىني كىتاپلارنى يازغان ۋە بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان كىشىلەرنىڭ سالاھىتى، ئىسلامغا بولغان ئەقىدە-ئېتىقادى، ئەمەل-ئىخلاسى، ئائىلىۋى ئىستىلى قاتارلىق مەسىلەلەردە سۈرۈشتە قىلىپ ئىزدىنىش ۋە ئېنىقلاپ كۈرۈشكە ھەر جەھەتتىن ھەقلىقمىز. بۇلۇپمۇ بۈگۈنكىدەك راس-يالغان ئارىلىشىپ كەتكەن دەۋرىدە، مۇقەددەس قۇرئاننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە ئۇنى تەھرىرلىگەنلەرنىڭ شەخسى سالاھىتى، دىنى ئېتىقادى، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە چۇقۇم سۈرۈشتە قىلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ شەخسى ۋە ئائىلىۋى ھاياتىنى يېقىندىن بىلىشىمىز لازىم بۇلىدۇ ئەلۋەتتە !!!.
اللە توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
ئا.مۆلجەرلى
2013-01-27