ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا


ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا 
ماس كەلگەنسەن جاھانغا - ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا !.
ماس كېلىسەن زامانغا - ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا !.
سەن بولغاچقا بىز بارمىز - ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا !.
ياشايمىز ھەم سەن بىلەن - ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا !.

  مەجروھ  قىلسا دىلىمنى - كېكەش قىلسا تىلىمنى ،


 خازان قىلسا پەسلىمنى - نابۇت قىلسا ۋەسلىمنى،
 ۋەيران قىلسا ئەسلىمنى - تىرىك كۆمسە نەسلىمنى.
 ئۆلۈك دىسە بىزلەرنى - ياق ئۆلمىدۇق جان پىدا !!!.

تىيانشەن ئەمەس تەڭرى تاغ - داپو ئەمەس مۆلجەر تاغ،
  ۋۇشى ئەمەس ئۈچتۇرپان - كاشى ئەمەس قەشىقەر.
خابا ئەمەس دەريالار - خۇڭشۈي ئەمەس ئۇ قانلار -
جىيرۇ ئەمەس بۇ جانلار - قىساس تىلىم جان پىدا !!!.

ياڭرۇ ئەمەس قوي گۇشى - نۈيرۇ ئەمەس كالا گۇشى،
شۇجى ئەمەس كەنىت بېشى - لوخان ئەمەس يۇرت بېشى.
پاپا ئەمەس جان دادام - ماما ئەمەس جان ئانام،
لاۋشى ئەمەس مۇئەللىم - ئەجداد تىلىم جان پىدا !!!.

گۈيرۇ ئەمەس قورۇلما - سۈيرۇ ئەمەس قورۇما،
 سومىيەن ئەمەس ياغلىما - خوشاڭ ئەمەس داغلىما،
ھالال ئەمەس جۇۋاۋا - ئىسمى ئۇنىڭ  سۇمانتا.
موما ئەمەس ھو نېنى - ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا !!!.
   
گاڭفيەن ئەمەس سەي پولو - ميفيەن ئەمەس گۆش پولو-
تاڭمىيەن ئەمەس ئاش سۈيى - كەيشۈي ئەمەس چاي سۈيى،
بىڭشاڭ ئەمەس توڭلاتقۇ - شىيىجىى ئەمەس كىرئالغۇ،
 لوپاڭ ئەمەس بىنا ئۆي - ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا !!!.

بەسەي ئەمەس يەسۋېلەك - خاڭگو ئەمەس تەرخەمەك،
ياڭيۇ ئەمەس بەرەنجە، جوسەي ئەمەستۇر كۈدە-
 چىڭسەي ئەمەس كەرەشمە، لىياڭمەن ئەمەستۇر ئەشمە،
ئاناتىل بولمىسۇن يەشمە - ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا !!!

ۋەي-ۋەي! دىمەي ئەسسالام ؟ دەپ كۆرۈشىسەك نىمبۇلا ؟،
قوللانىساق ئانا تىلنى - ئاللاھ ھەم رازى بۇلا ؟-
ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن - ئانا تىلنى قوغداڭلار،
ئانا تىلنى سۆيگەنگە - كېلەچەك بولسۇن پىدا !!!.

تۈركى تىللار دىۋانى - دۇنيا ئۇنىڭ ھەيرانى،
ياشىدى مىڭ يىللارنى - داستان قىلىپ دىللارنى.
بوۋام يازغان شۇ قامۇس - يۇقالمىدى مىڭ يىللا،
يۇقالمايدۇ بۇ تىل ھەم - بۇلالىساق بىز پىدا...!!!.

باغلانسا تىل - ئېغىزلار، يۇلۇنسا چاچ-ساقاللار،
كۆيدۈرۈلسە دىۋانلار- ساقلانسۇن ئانا تىللار-!
ئەجدات ئىزىدا مېڭىىشقا ئاتلانسۇن پىدائىيلار،
ئانا تىلنى قوغداشقا ۋىجدان بىلەن جان پىدا !!!.
تومۇردىن چىقسا قانلا - يۈرەكتىن چىقسا جانلا-،
تىلىم سۆزلەر "ئىللەللاھ"- ئىمان تىلىم جان پىدا !!.
««لا ئ‍ىلاھە ئىللەللاھ - مۇھەممەد رەسۇلۇللاھ »»
«« شاھادەتنى ئۈگەتكەن - ئانا تىلىم جان پىدا »»

ئا . مۆلجەرلى

2012-01-18
-------------------------------------------
«بۆلگۈنچى دىمە»
بۆلگۈنچى دىمە ئۇيغۇرنى سۆيسەم،
ئۇيغۇرغا مەنسۇپ «ئ‍ۆز»يەرنى سۆيسەم.
بىر قولدا بۈشۈك، بىر قولدا شەمشەر،
تاغنى-باغ قىلغان«7قىز»نى سۆيسەم ...
بۆلگۈنچى دىمە ئەجداتنى سۆيسەم !!!.


ئۇيغۇر قىزى «ئۇ» تاغنى باغ قىلغان،
تاغدا ھەيۋەتلىك ئوردا-ئۆي قۇرغان.
چەۋەنداز بۇلۇپ قىيا - چۆللەردە،
تارىققا ئالتۇن تامغىلار ئۇرغان ...
بۆلگۈنچى دىمە شۇلارنى سۆيسەم !!!.

كۆرمىدى دۇنيا ئۇنداق قىزلارنى،
باسمىدى ئەۋلات «ئۇشبۇ» ئىزلارنى.
ئۆلۈم ئالدىدا ئىففەتنى ساقلاپ،
پاك ھالدا ئۆلگەن «ئىفار» قىزلارنى.
بۆلگۈنچى دىمە ئۇلارنى سۆيسەم !!!.

شۇڭا سۈيىمەن ئۇيغۇر قىزلارنى،
جەسۇر ھەم مەسۇم، تەقۋا قىزلارنى.
باسسىكەن دەيمەن بىزنىڭ قىزىمىز،
ھەدىسى باسقان داغدام ئىزلارنى ...
بۆلگۈنچى دىمە بۇلارنى سۆيسەم !!!.


ئا.مۆلجەرلى

2013-01-22

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى