ئېگىلمەيدۇ مۆلجەرتاغ
ئەسسالام ! دەپ تەشرىپ قىلدىم تورئايىمغا،
جاۋاپ بەردى ئەزىز دوستلار سالامىمغا .
ئارزۇ-ئىستەك، تىلەكلەردىن يايراپ دىلىم ،
كۆپتىن بېرى غەمكىن يۈرگەن ئۆتكۈر قەلەم،
يازماق بولدى جۇقان سېلىپ بىرەر رومان .
تىزگىنىنى تارتىپ دىدىم تۇر، سەبرى قىل،
ئاشقازانغا ئېغىر كېلەر يازساڭ داستان .
يازماق بولدى جۇقان سېلىپ بىرەر رومان .
تىزگىنىنى تارتىپ دىدىم تۇر، سەبرى قىل،
ئاشقازانغا ئېغىر كېلەر يازساڭ داستان .
نەتىجىدە، شۇنداق بولدى ئۇزۇن ئۆتمەي،
خازان بولدى، ۋايىغا يەتمەي سادالىرىم.
چۈشەنسىمۇ مەقسىتىمنى، بولدى ئەخلەت،
تۈن-كېچىلەپ، ئەجىر قىلىپ يازغانلىرىم .
سەرگۈزەشتەم شۇنچە كۆپتۇر ئەزىز دوستلار،
يېزىپ سىزگە سۇنماق ئىدى، ئارمانلىرىم .
تارىم، بۇغدا، تاخخار، پامىر، ياۋرۇ-ئاسىيا،
ئوتتۇز دەۋلەت، ئۇنبەش يىلدا كۆرگەنلىرىم .
ئەلەم بولدى، سىردىشالماي ئازار يىيىش،
ئۆچۈرۈلگەچ مىڭدىن بىرنى يازغانلىرىم .
يازغان بولسام شۇ داستاننى ئۆزگە تىلىدا،
خاتىر قىلىپ ساقلار ئىدى ئۇيغۇرلىرىم .
قەلەم تۇردى ! ئەلەم ئەزدى دىلىمنى ،
كەلگەن بولغاچ بۇ ئازارلار ئۇيغۇردىن .
ئېگەلمىگەن، ئېگىلمەيدۇ مۆلجەرتاغ ،
ئەنە شۇنداق ياشاپ كەلگەن ئەزەلدىن .
ئا. مۆلجەرلى
2012-07-24