شىۋىتسىيەدىن دۇنياغا سادا

    ياڭرىدى شۇنداق ئۇيغۇر ساداسى

بىر-بىرىدىن ئوماق بالىلار ،

تۇرار ئىدى سەپتە ”گىم“① ئۇقۇپ.

قارىشاتتى ”كۆپ-كۆك“ بايراققا،

ھاياجاندىن چەكسىز روھلۇنۇپ .


ھەممە تۇرۇشتى ئېھتىرام بىلەن،

سەبىلىرىمىز سەپتىن ئۆتكەندە .

ئەۋلاتلىرىمىز قايتا روھلاندى، 

كۆك بايراقنى كۆكتە كۆرگەندە .


 ھاڭ-تاڭ قالدى غەرىپ ئەللىرى،

 ئۇيغۇر ئوغلى "گول"نى تەپكەندە.

جەۋلان قىلىدى ئاي-يۇلتۇز بايراق،

ئۇيغۇرغا شەرەپ - غەلبە كەلگەندە.


ياڭرىدى شۇنداق ئۇيغۇر ساداسى،

ياۋرۇپادا - بارچە ئەللەردە .....!

 قايتا تۇنۇلدى ئۇيغۇر پۇتبولى،

ئەسىر ئۆتكەندە② شىۋىتسىيەدە.


ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇلغان توپلار،

ياڭراتتى شۇنداق دۇنياغا سادا،

بۇلارنى كۆرگەن بارچە ئاخبارات،

تارقىتاتتى ھەر تارالغۇدا ....!


سورىشاتتى ھەيرانلىق بىلەن،

بۇلار قايسى "پىلانىت" لىقلار ؟

كۆرمىگەنئىدۇق پۇتبول-بەيكىدە،

بۇنداق ماھىر، چىۋەر بالىلار ؟.


ئانا يۇرتىمىز تەكلىماكانلىق ،

تەڭرىتاغلىق ئۇيغۇر بالىلار.

ياشاپ كەلگەنمىز يىپەك يۇلىدا،

قالدۇرغان ھەم ئۆچمەس تارىقلار .


بۇنى ئاڭلىغان غەرىپ ئەللىرى ،

ئېغىز تۇتۇشتى ھەيرانلىق بىلەن.

دىيىشتى، بۈيۈك ئۇتۇق تىلەيمىز،

تىرىشىڭلار دادىللىق بىلەن .

ئەي قەدىردان جان-جىگەرلىرىم،

يۈكسىلىڭلار باتۇرلۇق بىلەن ،

غەلبە ھامان سىلەرگە مەنسۇپ،

كېلەچەك ھەم "شۇ ئۈمۈد" بىلەن.

ئا. مۆلجەرلى

2012-07-18


① گىم -  مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا ئۇقۇلغان مارشلار .
②ئەينى چاغدا ئەنگىلىيە كونسۇلىغا ئۆزىنى تۇنۇتقان ئۇيغۇر پۇتبولى، ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتكەندە شىۋىتسىيەدە قايتا تۇنۇلدى.

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى