كۆرەلمىدىم ئانا يۈزۈڭنى

 كۆرەلمىدىم ئانا يۈزڭنى 
ئاڭلاش ئۈچۈن ئانام سۆزىنى،
قىلغان ئىدىم قوڭغىراق بۇ كۈن.
كېلەلمىدى... ئانام تېلىفۇنغا-
بولغانىكەن قايغۇلۇق بىرگۈن.

سورىغانتىم، ئانام  ئۆيدىمۇ ؟
كۆرۈشمەكچى ئىدۇق بىز بۈگۈن،
دىدى ئۇكام بوغۇق ئاۋازدا -
كېلەلمەيدۇ، خوشلاشتى بۈگۈن.

نىمە دىدىڭ... ئانام قەيەردە ؟
ئاڭلات ئۇكام، نىمبولدى بۈگۈن ؟،
ئۇكام ئۆكسۈپ، بۇققۇلداپ، يىغلاپ،
ئانام... بىزدىن ئايرىلدى بۈگۈن !!!

چۈشىنەلمەي جىددى سورۇدۇم،
تىتىرەيتىم سۆزلىرىم تۈگۈن.
ئاخىر ئۇكام دىدى ئەھۋالنى،
بولغان ئىكەن ئۆيدە ماتەم، گۈن.
※ ※ ※
چىقسا شۇكۈن ئانام تالاغا،
ئۇچرۇشىپتۇ بىرتوپ يىتىمغا②.
يېلىنارمىش ناۋاي ئالدىدا،
تەلمۈرگەنچە بىر پۇچۇق نانغا.

ناۋاي دەرمىش رەھىمسىزلارچە،
يىغىلىشما تونۇر ئالدىغا ...!
يەنە شۇنداق غەۋغا قىلىشساڭ،
تاشلىۋېتىمەن ئوتنىڭ لاۋىغا..! 

يەنە بىرتوپ يىتىملار تۇرىمىش،
يىغلىشارمىش قاسساپ ئالدىدا.
توۋلىشارمىش بىزمۇ ئىنسانغۇ ؟
ئادىللىق قېل تاراز ئالدىدا...!.

قاسساپ دەرمىش قان-كۆپۈك چېچىپ،
ۋاقىراشما ... دۇكان ئالدىدا ،
يەنە شۇنداق توپىلاڭ قىلىشساڭ،
ئېسىۋىتىمەن گوش كانارىغا...!

بۇنى كۆرگەن رەھمەتلىك ئانام،
ئارلىشىپتۇ يىتىم زارىغا ...!.
ھەتتا دەپتۇ جاراڭلىق سۆزلەپ،
رەھمىڭ كەلسۇن... مەزلۇم زارىغا!.

قارا نىيەت، قاسساپ ۋە ناۋاي③،
ئېپتۇ قولغا پىچاق ۋە خەينى .
جاللاتلارچە ئانام كۆكسىگە،
سانجىغانمىش تۆمۈر كۆسەينى.

زىلۋا بويلۇق تەقۋادار ئانام ، 
يىقىلىپتۇ شاھادەت ئېيتىپ.
دۇئا قىپتۇ ھەتتا ماڭىمۇ ...!
مەڭگۇ ئۆلمەس نەسىھەت قىلىپ .

ئوغلۇم ياشا ئەركەكلەر كەبى،
بولما ھەرگىز ئىككىيۈز نامەرىت.
گەر كەلسىمۇ ئۈلۈم بېشىڭغا ،
بۇيۇن ئەگمە، تىكتۇر  تا  ئەبەت !!!
※ ※ ※
كۆرەلمىدىم ئانا يۈزۈڭنى،
ئۇنۇتمايمەن سېنىڭ سۆزۈڭنى.
ھەق يۇلىدا، ھەق دەپ ياشايمەن،
ھەم ئاقلايمەن شۇ ئۈمۈدۈڭنى!!!

ئا. مۆلجەرلى

2012-07-05

① 5-ئىيۇل كۈنى
② ئۈرۈمچى نامايىشچىلىرى
③قانخور خىتتاي قاتىللار

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى