قەبرىدىن چىقىش ئارزۇسى

 قەبرىدىن چىقىش ئارزۇسى — جەننەت يوللىرىنى ئىزدەش   
(ھايات چۈشەنچىلىرى)
ﻗﻪبرىدىن بىرسى چىقىپ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ قايتا ﻛﯧﻠﻪﻟﻪيدىغاﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ئۇ ﺋﺎﺩﻩﻡ شۇ بىر مىنۇﺗﻠﯘﻕ ﯞﺍقتىنىمۇ ھەرگىز ﺑﯧﻜﺎﺭﻏﺎ ئۆﺗﻜﯜﺯﻣﻪستىن ﺋﺎخىرەﺕ ئۈﭼﯜﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭلىق قىلىدۇ. ﮪﻪﺭگىزﻣﯘ  باشقىلاﺭﻧﻰ ﺭەنجىتمەﻳﺪﯗ، قوشنىسىغا ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، كۆزلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى ھارامدىن يىراق تۇتىدۇ، ئاجىزلارنى بوزەك قىلمايدۇ، يىتىملاﺭﻧﻰ يىغلاتماﻳﺪﯗ، ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎنىسىنى ﻗﺎﺧﺸﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ . خۇسۇسەن ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺑﯘلىدىغاﻥ ھەرقانداق ئىشلاﺭﻧﻰ قەتتى قىلمايدۇ .
ئاللاھ تائالا، جەھەننەم ئەھلىنىڭ نىمەدەپ نالە-پەريات قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ((ئۇلار * كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئاياتلىرىنى ئىنكار قىلمايتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بۇلاتتۇق*دەيدۇ)) سۈرە ئەنئام 27.
—ئىسان ئۈچۈن ئۆلۈم شۇنداق ﺩەﮪﺸﻪتلىك بىر ھادىسە ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﻗﻪبرىستانلىق ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﻪﺭبىر ئىنساننىڭ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ بارىدىغان مەڭگۈلۈك ﺟﺎيىدۇر. ئۇ جايدا ﺑﻪزىلەﺭ ئۈﭼﯜﻥ نازۇ ـ نىمەتلىك باغچىلاردىن ياسالغان ئالى ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ كۆرسىتىلسە،  ﺑﻪزىلەﺭ ئۈﭼﯜﻥ ﺟﻪﮪﻪﻧﻨﻪﻡ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭلىرىدىن ئىباﺭەﺕ لاۋۇلداپ ئوت يېنىپ تۇرغان ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق جازالاش ئورنى كۆرسىتىلىدۇ .
ھاياتىدا، ئاللاھنىڭ بىرلىك-بارلىقىغا، ئاللاھنىڭ مەلائىكەلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتاپلىرىغا، ﺋﺎللاھنىڭ ﭘﻪﻳﻐﻪمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ئىماﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭمىگەﻧﻠﻪﺭ، پەيغەمبەرگە ئەگەشمىگەنلەر، ئىسلاﻡ ﺩىننىڭ ھۆكۈلىرىنى ﻗﯘﺑﯘﻝ قىلمىغانلاﺭ، مۇسۇلمانلارنىىڭ قېنى ئىچكەنلەر، ئەﻧﻪ ﺷﯘنداق ئازاپلىق ﺟﻪﮪﻪﻧﻨﻪم چۇڭقۇرلىرىدا دات-ﭘﻪﺭﻳﺎﺕ ﭼﻪﻛﻜﯜچىلەﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئۇﻻﺭ شۇنداق نالە-پەريات قىلىشىپ دەيدۇﻛﻰ ”ﻳﺎ... ﺭەببەنا“  ئى ... رەببىمىز بىزلەرﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ چىقارغىن، بىز ئۇ يەردە ﮪﻪﺭگىزمۇ ﮔﯘﻧﺎﮪ-مەسىيەت قىلمايمىز دىيىشىدۇ. ئۇﻻﺭﻏﺎ جاۋابەن— سىلەر ئەﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺷﯘ ﻳﻪﺭدىن كەلدىڭلار دىيىلىدۇ.
ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ بىر ﺷﻪيئىنى ﻣﻪﻗﺴﻪتسىز، ھىكمەتسىز ﻳﺎﺭﺍتمىدى. ﮪﻪﺭ ﻧﻪﺭسىنىڭ بىز غايىسى ﯞﻩ مەقسىدى  ﺑﯘلىدۇ. ئىنسانلار ھاياتىدىكى ﻳﺎﺷﺎﺵ يوللىرىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ قىلغان تۈﺭﻟﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ـ ئىستەكلىرى  ﯞﻩ ﻏﺎيە-نىشانلىرى ﺑﯘلىشى ﺗﻪﺑﻰ ئەلۋەتتە. پۈتكۈل كائىناتنى يوق يەردىن ياراتقان قۇدرەتلىك ئاﻟﻠﺎﮪ، بىز ئىنسانلاﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭىتىشتىمۇ ﮪﻪﺭگىز ﻣﻪﻗﺴﻪتسىز، ھىكمەتسىز ﻳﺎراتقان ئەمەس. 
ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ئۈزىنىڭ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﺎﻻﻣﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﻛﻪﺭىمدە مۇنداق دەيدۇ ـ  « ﻣﻪﻥ  جىنلاﺭﻧﻰ ﯞﻩ ئىنسانلاﺭﻧﻰ پەقەت ﻣﺎﯕﺎ ئىباﺩەﺕ قىلسۇﻥ ﺩەﭖ  ﻳﺎﺭﺍتتىم ». سۈرە زارىيات 56.

ﻣﺎﻧﺎ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﺎﺭدىن ﺷﯘﻧﻰ ﻛۆﺭىۋېلىشقا ﺑﯘلىدﯗﻛﻰ،  ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ  سىناﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎسىدﺍ ﻏﺎيىسىز،  ﻣﻪﻗﺴﻪتسىز، ئەقىدىسىز، ئىمانسىز غاپىل بۇلۇپ، ياراتقان رەببى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالاغا ﺗﺎئەﺕ ـ ئىباﺩەتسىز ﻳﺎشىغانلاﺭ، چۇقۇمكى ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻنىڭ بىز ئىنسانلاﺭﻧﻰ ﻳﺎرىتىشتىكى غايىسىگە ئاشكارە ﻗﺎرشىلىق قىلغان بۇلىدۇ. نەتىجىدە ﺋﺎﻟﻠﺎھنىڭ غازىپىگە ئۇچىراپ، ياراتقان رەببىنىڭ ﮪﯚﻛﯜملىرىگە ﺑﻮﻳﺴﯘنمىغان ئاسى بەندىلەرنى ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﻻگىرى ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﮪﻪﻧﻨﻪﻣﮕﻪ ﻣﻪﮪﻜﯘﻡ بۇلىدۇ. بۇ بىچارە ئىنسان مەزكۇر ئازاپنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ئازاپلىق، قورقۇنۇش نالە-پەرياتلىرى ئىچىدە، بۇ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ چىقىشنى ﺋﺎﺭﺯﯗ قىلىدىغان نادامەت چەككۈچىلەردىن بۇلىدۇ.

ھاياتلىقىدا ئەس-ﮪﯘﺷﻰ ﺟﺎيىدا، ئەقىل ئىدراكى ساغلام بولغان ﺋﺎﺩەم، ئەلۋەتتە ئۆلگەندىن كېيىن ﮪﻪﺭگىزﻣﯘ ئوﺭنىغا ﻛﻪلمەيدىغان ئازاپلىق ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ، ئەلەملىك ﻧﺎﺩﺍﻣﻪﺗﻜﻪ قېلىشىنى ئۈزىگە ھېچقاچان ﺭﺍﯞﺍ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ . ياراتقان رەببىنى تۇنۇيدۇ، رەببىگە دائىم قۇلچىلىق قىلىدۇ، بىر مىنۇﺕ ـ بىرسائەت ﺑﻮلسىمۇ، ﺷﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ئوﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، بىھىساﭖ ﻧﺎﺯﯗـ نىمەتلەر بىلەﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ مەڭگۈلۈك ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ئېرىشىش يۇلىدا تىنىمسىز ﺋﺎﻟﺪىرﺍﻳﺪﯗ.
          
مېھرىباﻥ  ﺋﺎﻟﻠﺎﮪ ــ  ﺑﺎﺭچىمىزﻧﻰ ئەنە شۇ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺑﻪخىت ـ ﺳﺎﺋﺎﺩەت  ئورنى  بولغان، نازۇ-نىمەتلىك جەننەت يوللىرىغا ئالدىرايدىغان ھەقىقى تەقۋادار ﻣﯘئىمىن ـ مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن .  ﺋﺎمىن  ... !

ئۇلۇغ رامزىنىڭلار مۇبارەك بولسۇن 

ئا. مۆلجەرلى

2012-07-26

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى