ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنى ھەققىدە قىسقىچە سېلىشتۇرما !
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى ئىككى ئەسىرلىك ئۆتمۈشىنى - بۈگۈنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا قانداق پەرىقلەر ئوتتۇرغا چىقىدۇ ؟
ئالغا ئىلگىرلەش نەتىجىسى چوڭمۇ ؟ ياكى ئارقىغا چېكىنىش نەتىجىسى چوڭمۇ ؟
ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى سەلتەنەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئۇزۇن زامانلار مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن 18-ئەسىرلەرگە كەلگەندە، بەدەۋلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرىلىشىدىن كېيىن ئەڭ ئېغىر تارىخى يۇقۇتۇشقا ئۇچرىدى .
""ئەنە شۇنداق ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللى غۇرۇرىنى ۋە تارىخى سەلتەنىتىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇشقا ئەزەلدىن رازى بولمايدىغان ئۇيغۇر خەلقى، 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى تارىم ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بۇ زىمىننى ئىشغال قىلغاندىمۇ، 1765-يىلى ئۇچتۇرپان خەلقى ئۇمۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى. بىراق ئالتە ئايغا سوزۇلغان ئېغىر قارشىلىقلار، تاجاۋۇزچىلارنىڭ قانلىق باستۇرىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، دەۋرىنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە مۇھىم ھالقىلىق ۋەزىيىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئانالىز قىلغان يۇرت ئەرباپلىرى جىددى ھەركەتكە قايتا ئۆتۈپ دەرھال ئەتىراپتىكى خوشنا ئەللەرگە، خۇسۇسەن غەربى ئاسىيادىكى دىنداش-قانداش مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىيە سەپىرىنى باشلىغان ئىدى .
""ئەنە شۇنداق ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللى غۇرۇرىنى ۋە تارىخى سەلتەنىتىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇشقا ئەزەلدىن رازى بولمايدىغان ئۇيغۇر خەلقى، 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى تارىم ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بۇ زىمىننى ئىشغال قىلغاندىمۇ، 1765-يىلى ئۇچتۇرپان خەلقى ئۇمۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى. بىراق ئالتە ئايغا سوزۇلغان ئېغىر قارشىلىقلار، تاجاۋۇزچىلارنىڭ قانلىق باستۇرىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
1865-يىلى قەشقەردىكى يۇرت چوڭلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن، قوقەند خانلىقىغا تەۋە بىر گۇرۇپ پىدايىلارنى يۇرتىمىزغا باشلاپ كەلگەن گېنىرال ياقۇپ بەگ ، قەشقەر قوزغىلاڭچىلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئاقسۇ، كۇچار، خوتەن قاتارلىق جايلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كەڭكۆلەملىك ئەسكىرى كۇچ ھازىرلايدۇ ۋە مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقى تەرپىدىن بېسىۋېلىنغان كۆپلىگەن زىمىننى قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى "بەدۆلەت" دەپ ئېلان قىلىدۇ. 1877- يىلى ياقۇپ بەگنىڭ سۈيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان "بەدەۋلەت ئۇيغۇر دەۋلىتى" نىڭ ئاغدۇرىلىشىدىن كېيىن شۇ بۈيۈك تارىخي سەلتەنەتلىرىمىز تامامەن قولدىن كەتتى "" .
چۈنكى بۇ دەۋىر ئوسمانلى ئىمپىراتورلىغىنىڭ ئاخىرلاشقان دەۋرى بولغاچقا، ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك، جەنۇپ ۋە شىمالدىكى خوشنىلارڭ ھالى بەكمۇ پەرىشان، ۋاقىت ئىنتايىن قىس ۋە جىددى، شەرىقتىكى قىزىل ئەجدەرھانىڭ زەھەرلىك نەشتىرى ئاغزىدىن چىقىپ، قان شوراش مەركىزى دەل شەرقي تۈركىستان زېمىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقى بۇلىۋاتقان دەۋرىدە، بۇ پۇرسەت قولدىن كەتسە ئۇيغۇر خەلقى ئەبەدى پۇشايمانغا قالىدىغانلىقىنى چۇڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن ئەجداتلىرىمىز، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكۈر سەزگۈلىكى بىلەن دەرھال ھەركەتكە ئۆتۈپ، ئابدۇقادىر داموللامدەك مەرىفەت پەرۋەر دىنى زاتلار يېڭى مائارىپ ۋە يېڭى ئۆيغۇنۇش تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، زاماننىڭ زالاتەت ئاستىدا قالغان جاھىل، مۇتەئەسىپ قارا كۇچلەرگە قارشى ياشلار ئارىسىدا زور ئويغۇنۇش ۋە ئۆزگىرىشلەر پەيدا قىلغاندىن تاشقىرى، يۇرتىمىزغا ئېقىپ كېلىۋاتقان غەرىپ مىسيونىرلىرىنىڭ ئېتىقادى تاجاۋۇزچىلىق پائالىيەتلىرىگە كەسكىن قارشى تۇردى ۋە كەڭ مۇسۇلمان ياشلىرىنى جىددى ھەركەتلەندۈرۈپ، ئىسلام دۈشمەنلىرىگە ئاشكارە قارشى تۇردى. ئەنە شۇنداق دادىل ھەركەتلىرى بىلەن ۋەتەن-مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى پىدا قىلغان بۇ بۈيۈك زات ئابدۇ قادىر داموللام 1923-يىلى ئۆز ئۈيىدە، (دەۋرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۇچلىرى ۋە غەرىپ مىسيونىرلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈچكۈرتىشى بىلەن) بىرتۈركۈم مۇتەئەسسىپ، سېتىلما خائىنلار تەرپىدىن ياللانغان بىر يەرلىك مەئۇننىڭ زەھەرلىك خەنجىرىدە شەھىد قىلىنغان .
يەنە مىللىتىمىزنىڭ جاسارەتلىك ئوغلانلىرىدىن بولغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ جاراڭلىق يۈرەك سادالىرى بىلەن خەلىقنى ئويغۇتۇپ، مىللەتنى قۇلۇققا قارشى بۈيۈك ھەركەتكە سەپەرۋەر قىلىشقا ئاتلانغان ۋەزىيەتتە، (جاللات شىڭ شىسەي تەرپىدىن 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، سەبداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان يېڭىشەھەر قازىخانا مەسچىتىنىڭ ئالدىدا شەھىد قىلىنغان ).
غەرچە ئۇ پەخىرلىك ئەجداتلارنىڭ ھاياتى شەھىدلىك بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى باسقان يەنە بىر تۈركۈم ئەجداتلىرىمىز، ئۆز ھەركىتىنى توختىماي داۋاملاشتۇردى ۋە دەرھال ھەركەتكە كېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىيە سەپىرىنى قايتا باشلىغان ئىدى .
ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولغان سەرگۈر-مەتەپەككۇر، پاراسەتلىك-دانىشمەن، جاسارەتلىك يىتەكچى ۋە يۇقىرى تالانتلىق يۇرت ئەربابى "1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش يېتەكچى مىنىستىرى" مەرھۇم شەھىد سابىت داموللام بۇلۇپ، بىلىمى يۇقىرى، پىكرى ئۆتكۈر، يىراقنى كۆرەر سەزگۈر زات، ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك سەپىرىنى ئۇلۇغ ھەچ سەپىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشتۇرىدۇ. پەرىز ھەجنى ئەدا قىلىپ بۇلۇپلا ئوسمانلى خىلاپىتىنىڭ مەركىزى بولغان ئىستانبۇلغا ۋە شۇ دەۋرى مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈچلۈك مەركىزى بولغان مىسىرغا قارىتىدۇ . ۋاقىتنى ناھايىتى جىددى تۇتقان بۇ زات قاھىرەگە بېرىپ دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى توپلانغان بۈيۈك بىر يىغىنغا قاتنىشىدۇ. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شۇ يەردىكى ئالاقىدار شەخىسلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھىم سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. سابىت داموللام بۇ سۆھبەتتە، باش مەركىزى قاھىرەدە بولغان "مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائەسى" يىتەكچىلىرىنىڭ ئالاھىدە قوللىشىغا ئېرىشىپلا قالماي ، يېقىن كەلغۈسىدە قۇرۇلماقچى بولغان "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" نىڭ بىر قىسىم لاھىيە-پىلانلىرى بىلەنمۇ مۇزاكىرلىشىدۇ. بۇ سۆھبەتتىن كېيىن ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي جىددى ئەمىلى ھەركەتكە ئۆتۈش توغرىسىدا ئالاھىدە تەرغىب ۋە تەشەببۇسىغا ئېرىشىدۇ .
بۇ مۇبارەك زات سابىت داموللامنىڭ _ يۇقارقى دىپلوماتىيە سەپىرىدىن كېيىن ئاخىرقى ھالقىلىق دىپلوماتىيە سەپىرىنى 630 يىللىق ئىمپىراتۇرلۇق سەلتەنەتكە ساھىپ بولغان ئوسمانلىلار خىلاپىتىنىڭ مەركىزى-ئاستانەسى بۈيۈك شەھەر ئىستانبۇلغا قارىتىلىدۇ .
سابىت داموللام ئىستانبۇلغا كېلىشى بىلەن، ئىستانبۇلدىكى دىنى ئىشلار ئورگىنى مۇفتى بۆلىمىنىڭ ئالاھىدە كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، دەۋرىدىكى يېڭى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىك ئورۇنلىرى بىلەنمۇ ئالاھىدە كۆرۈشۈش ئۆتكۈزىدۇ، ھەمدە ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" نىڭ ئەڭ قىممەتلىك يادىكارى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەبەدى يۇقالماس مىراسى بولغان "ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق" نىڭ يېڭى سىزما لاھىيەسىنى ھازىرلايدۇ ۋە بۇ لاھىيەدىن مەزكۇر موفتىلىكنى خەۋەردار قىلىدۇ. بۇنداق جىددى ھەرىكەتە كىلىۋاتقان مۇتەپەككۇر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ ئالدىغا قويغان پىلان-لاھىيەلىرىدىن زور ئۈمۈتلەنگەن ئىستانبۇل مائارىپ مىنىستىرلىكى دەرھال بىر گۇرۇپ ئۇقۇتقۇچىلار گۇرپىسىنى ھازىرلاپ شەرقىي تۈركىستانغا خىزمەتكە ئەۋەتىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇنداقلا بۇ ھەقتە سابىت داموللام بىلەن مۇھىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزىدۇ .
يۇقارقى دىپلوماتىيە سەپىرىنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغان سابىت دامىئوللام ، ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەستىن دەرھال ۋەتەنگە قاراپ يولغا چىقىپ ئىران، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ ۋەتىنىمىزنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ ، ھەمدە يېڭى قۇرۇلماقچى بولغان دۆلەتنى قوللاش توغرىسىدا خۇسۇسى سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ .
دەۋرىنىڭ ئېغىر قاتناش ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، نەچچەمىڭ چاقىرىم يوللارنى ھارماي-چارچىماي مۇۋەپپىقىيەتلىك بېسىپ ئۆتكەن سابىت داموللام، ئىككى يىلغا يەتمىگەن بۇ قىممەتلىك سەپەر جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان تەجىربە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ دەرھال ۋەتەنگە قايتىپ كىلىشى بىلەن، ھەتتا ئۆز ئۆيىگىمۇ بارماستىن تۇرۇپ خوتەن، قاغىلىق، يەكەن، يېڭىسار قاتارلىق يۇرتلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىم-ئۆلىمالىرى ۋە يۇرت باشلىرى بىلەن جىددى كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ زىيارەت خاتىرلىرىنى بىر-بىرلەپ ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتۇپ دەرھال بىر يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە شۇ ھۆكۈمەتنىڭ لاھىيە-پىلانلىرى، بۇ پىلانلارنىڭ تاشقى ئەللەردە قانداق قوللاشقا ئېرىشكەنلىك نىسپىتى، ھەتتا دۆلەت بايرىقىمىزنىڭ رەڭگى، شەكلى قاتارلىق بىريۈرۈش ئىلغار پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ .
بۇنداق ئىلغار لاھىيە ۋە پىكىرلەر، دەۋرىدىكى سەزگۈر دانىشمەن ئەجداتلار تەرپىدىن دەرھال ماقۇللىنىدۇ ۋە ئەمىلى ھەركەتكە ئۈتەش پائالىىيەتلىرى رەسمى باشلىنىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ئەمەلى پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى بولغان "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" قۇرۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلىتىمىزنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقى قەشقەر ئاسمىنىدا ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، ئۇنمىڭلىغان كەڭخەلىق ئاممىسىنىڭ ئالقىش-سادالىرى ياڭرىغان ھالدا، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانىڭ مۇستەقىل دۆلەت نامى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىنىدۇ .
ئەزەلدىن سەلتەنەتلىك ئابرۇيى بىلەن ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى، يەنە شۇنداق بۈيۈك نەتىجىگە ئېرىشكەنگە قەدەر شۇ يولدا ئېلىپ بارغان تەڭداشسىز كۆرەشلىرى ھىچبىر ۋاقىت توختاپ قالمىدى .مەزكۇر تارىخىي كۈرەشلەر مىللىتىمىز قەلبىدە ئەبەدى ئەسلىمە خاتىرگە ئايلىنىپلا قالماي، ئارىدىن 60 يىل ئۆتكەندە ئەزىزانە قەشقەرنى مەركەز قىلغان مەزكۇر "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيى" قۇرۇلغان ئىدى .
مەزكۇر ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمىز تاجاۋۇزچىلار تەرپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، دەۋلەت ئەرباپلىرىمىز، خەلىق پىشىۋالىرىمىز، ئىقتىساد ئىگىلىرىمىز رەھىمسىزلارچە قەتلى قىلىندى. سان-ساناقسىز ئالىم-ئۆلىمالىرىمىز ۋە بىگۇناھ خەلقىمىز دارغا ئېسىلدى ۋە نۇرغۇنلىرى تىرك كۆمۈۋېتىلدى . ھەتتا دەۋلەت خەزىنەلىرىمىزمۇ ئۇمۇميۈزلۈك بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىدى .
يۇقارقىدەك ئېغىر تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇر مىللىتى، ئۆزلىرىنىڭ تەۋرەنمەس ئېتىقادى، سۇنماس ئىرادىسى بىلەن يەنىلا قەددىنى تىك-تۇتۇپ، ئارىدىن 11-يىل ئۆتكەندە يەنە قايتىدىن "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى"نى قۇرغان ئىدى .
بىراق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بەخىتكە قارشى، يىللار بۇيى تاجاۋۇزچى ئەجدەرھالارنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇپ كەلگەن مۇنبەت زېمىن يىپەك يۇلى "شەقىي تۈركىستان" تۇپرىقى، ئۇلار ئۈچۈن كەلگۈسىدىكى ھاياتلىق مەنبىيىگە ئايلانغان بولغاشقا، ئۆزلىرىنىڭ تارىخى زېمىنى ھىساپلىنىدىغان بىرقىسىم جايلار (شاڭگاڭ) ھوڭكوڭ، تەيۋەن ئاراللىرى ۋە شىمالىي قىسمىدىكى ئىشغال قىلىنغان موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە تۇپراقلىرىنىڭ بەزىسىنى ئەبەدى، بەزىسىنى ۋاقىتلىق پايدىلىنىشقا بىرىش ئارقىلىق دەۋرىنىڭ چوڭ كۇچلىرى بولغان رۇسسىيە ۋە ئەنگىلىيە تەرپىدىن، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان زىمىئىغا تاجاۋۇز قىلىش ياردىمىگە تۇلۇق ئېرىشكەن خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى، شۇندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بارچە تاجاۋۇزچىلىق نىشانىنى بىزگە قاراتتى. ئاقىۋەت 1949-10-1-كۈنىدىن باشلاپ ۋەتىنىمىز "شەرقى تۈركىستان" تۇپراقلىرى تامامەن خىتتاي كومىنىست ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتتى .
ئائارىدىن 62 يىل ئۆتتى . مىللىتىمىز بۇ ئۇزۇن ۋاقىتلىق مۇستەملىكىنىڭ رېجىمى ئىچىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇم-ئىسكەنجىلەرنى كۆردى .
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان كۈنىدىن باشلاپلا خەلقىمىزنى ئاچلىق بىلەن قىناپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى ئاش-ئوزۇقلىرىنى، ئۆي-بىساتلىرىنى، مال-چارۋالىرىنى، باغۇ-بوستانلىرىنى مۇسادىرە قىلدى. بارلىق يېزا خەلقىنى كۈنبۇيى تۈگىمەس ئەمگەك بىلەن ئىشلەشكە مەجبۇرلىغاندىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك يەيدىغان ئۈچ ۋاقىت تاماقلىرىنى مەھەللە داش-قازىنىدا تەييارلاپ، چوڭلارغا بىر چۈمۈچ بالىلارغا يېرىم چۈمۇچتىن مىسقاللاپ بىرىپ، كېسەل سەۋەبىدىن ئىشقا چىقالمىغانلارغا تاماق بەرمەي قىناش ئارقىلىق مىڭلىغان دېھقانلارنى ئاچلىق ئازابى بىلەن ئۆلتۈرسە، يەنە بىر بۆلۈك كىشىلەرنى كۇندىزى ئەمگەك بىلەن، كېچىسى پومۇشۇك-بايدېھقان دىگەن قارا-قالپاق جىنايىتى بىلەن پىپەن قىلىپ، ئەخمەق-نادان ئاكتىفلارغا ئۇرغۇزۇپ ئۆلتۈردى .
شۇنچە ئېغىر زۇلۇملارغا بەرداشلىق بىرىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار يارىتىلىشىدىنلا چىداملىق يارالغان بولسا كېرەك، شۇنچە چەمبەر-چاس زۇلۇم ئىچىدە تۇرۇپمۇ توختىماستىن ئەركىنلىك كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەركەتلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، خىتتاي كومىنىست رېجىمىنىڭ ئاستىدا يەنىلا قانلىق باشتۇرۇشقا ئۇچراپ، نەچچە مىڭلارچە شەھىدلارنىڭ قىزىل قانلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى .
بۇخىل ھەركەتلىرىمىز ھەر 5-10 يىللار ئىچىدە كەڭ-كۆلەمدە قوزغۇلۇش، ياكى ھەر تۈرلى قىساس ئېلىش ئۇسۇللىرى بىلەنمۇ داۋاملىشىپ كەلدى. مەزكۇر ئەمىلى ھەركەت جەريانىدا مىللىتىمىزنىڭ ھەرساھەدىكى ئوتيۈرەك ئوغۇل-قىزلىرى ھەردائىم مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ، قولتۇتۇشۇپ تۇرۇپ دۈشمەنە قارشى بىرسەپتە، بىردەك ھەركەتكە ئۆتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەكىتى قانلىق باستۇرۇش بىلەن ئاخىرلاشقاندەك بولسىمۇ، بۇ ھەركەتنىڭ جاراڭلىق سادالىرى، يىللاردۇر ئېغىر ئۇيقىدا ياتقان ھەر-بىر ئۇيغۇرنى مەڭڭۇ ئويغۇتۇپلا قالماي، يەنە شۇنداق ئۇخلاۋەرسە ئۇدۇللا قەبرىستانلىقتىكى گورىغا بارىدىغانلىقىنى جانلىق ئۇسۇلدا ئېسىگە سالدى .
ئەنە شۇنداق ئويغۇتۇشلاردىن كېيىن مىللىتىمىز ئويغاق، خەلقىمىز ئۈمۈتۋار، ياشلىرىمىز روھلۇق، ئۆسمۈرلىرىمىز تىرىشچان، ياشانغانلىرىمىز ئەۋلاتلارنىڭ يېڭى ئويغىنىش ھەركەتلىرىدىن رازىمەن بولىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرىدە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان ئىشەنچى ۋە شۇ مۇستەقىللىققا يىتىش يۇلىدىكى ئەمىلى بەدەل تۈلەش پىداكارلىقىمىز قايسى دەرىجىدە بۇلاۋاتىدۇ ؟. كەلەۈسى مۇستەقىلىققا بولغان ئۈمۈتۋارلىق ئارزۇسى يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىلىۋاتامدۇ ؟ ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە بۇلۇپ، مىللىتىمىزنىڭ قەلبىدە بىرخىل روھى ئۈمۈتسىزلىك پەيدا بۇلاۋاتامدۇ ؟ . بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ھەربىر ۋىجدان ئىەىسىگە ھاۋالە !!!
بۇ ھەقتىكى قارىشىمنى ئاددى ئۇسۇل بىلەن تۈۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم !!!.
بۇ ھەقتىكى قارىشىمنى ئاددى ئۇسۇل بىلەن تۈۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم !!!.
ئالغا ئىلگىرلەش نەتىجىلىرىمىز _
1.مىللىتىمىزنىڭ نۇپۇس سانى (سەبى بۇۋاقلىرىمىزنىڭ ئۆلتۈرىلىشىگە قارشى) نەچچە ھەسسە يۈكسەلدى . (مەسىلەن _ مىللىتىمىزنىڭ 70 يىل بۇرۇنقى سانى بىلەن ، ھازىرقى سانىنى سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ).
2.مىللىتىمىزنىڭ بىلىم-سەۋىيىسى (شۇنچە چەكلىمەلەرگە قارشى) نەچچە ھەسسە يۈكسەلدى . ( مەسىلەن _ بۇرۇنقى ئالىم-ئۆلىما ۋە دوكتۇر-ئىنجىنىرلارنىڭ سانى بىلەن ھازىرقىلارنىڭ سانىنى سېلىشتۇرغاندا نەچچە-ئون ھەسسە ئارتۇق).
3.مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى (شۇنچە ئېغىر باج-خىراجلارغا قارشى) بۇرۇنقىدىن بىر قەدەر يۈكسەلدى . ( مەسىلەن- ئىقتىسادى يۇقىرى دەرىجىدىكىلەرنىڭ ئۈيىدە بىر يۈرۈش كومپىيۇتىر ، تېلېفۇن ۋە بىردىن ماشىنا تېپىلسا، تۈۋەن دەرىجىدىكى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بىردىن تېلېۋۇزۇر بىلەن بىردىن يەڭىل چاقلىق ئىشەك ھارۋۇسى تېپىلىدۇ ).
4.مىللىتىمىزنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى (شۇنچە چەكلىمەلەرگە قارشى) بۇرۇنقىدىن خېلىلا يۈكسەلدى . (مەسىلەن _ يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇندىن 70 يىل بۇرۇن كىيىلگەن بەزى كىيىم نۇسخىلىرى ھازىر كىيىلمەيدۇ ، بەزى خۇراپى ئادەتلەر ئەمەلدىن قالدى ، قارغۇلارچە غوجا-مازارلارغا چۇقۇنۇش يۇقالدى ، يېشىغا توشمىغان قىزلارنى بوۋايلارغا زورلاپ بىرىش يۇقالدى، قىز بالىنى ئۇقۇتماي ئۆي خىزمەتچىسى قىلىۋېلىشلار يۇقالدى ).
5.مىللىتىمىزنىڭ مىللى ئاڭ-سەۋىيەسى (شۇنچە سۈيىقەستلەرگە قارشى) بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە يۈكسەلدى . ( مەسىلەن _ بۇندىن يۈز يىللار بۇرۇنقى ئاقتاغلىق-قارا تاغلىق دەيدىغان زھەرلىك كېسەل ، بۇندىن 20 يىللار بۇرۇنقى قاشقەرلىق - ئاتۇشلۇق دەيدىغان قىزغانچۇغلۇق كېسەللىرى ، بۇندىن 10 يىللار بۇرۇنقى جەنۇپلۇق - شىماللىق دەيدىغان يۇرتۋازلىق كېسەللىرى تۈگىدى ، چۈنكى بۇ يۇرتۋازلىقنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبىي ۋە ئاقىۋىتىنى مىللىتىمىز تۇنۇپ يەتتى .
ئارقىغا چېكىنىش نەتىجىلىرىمىز _
1.مىللىتىمىزنىڭ نۇپۇس سانى ئاز بولغان 100 يىللار بۇرۇن ، بىزنى دۇنيا ئەھلى تۇنۇيتى ، دۈشمەنلىرىمىز بىزگە بۇ دەرىجىدە زۇلۇم قىلالمىغان ئىدى . بۈگۈنكى دۇنيا تەققىياتى چىكىگە يەتكەن ، ئەتىگەندە كۈنچىقىش تەرەپتە بىر ھادىسە يۈزبەرسە ، شۇ سائەتنىڭ ئۈزىدە كۈن پېتىش تەرەپتە ياشاۋاتقان ئىنسانلار خەۋەردار بۇلالايدىغان زاماندا ، بىزنى تۇن ئۇيدىغان ئىنسانلار ناھايائەت دەرىجىدە ئاز !. مانا بۇلار بىزنىڭ چېكىنىشىمىز .
2.مىللىتىمىزنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ئېشىپ ئالىم-ئۆلىما، دوكتۇر-ئىنجېنىرلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشقان بولسىمۇ ، ئەينى دەۋرىدىكى ئالىم-ئۆلىمالارغا ئوخشاپ ئۈزىنىڭ بارلىقىنى ئاللاھ يۇلىدا تەقدىم قىلالايدىغان، ئابدۇقادىر داموللام ، ئابدۇلەزىز داموللام ، سابىت داموللاملاردەك خەلىقنى ئالغا يىتەكلىيەلەيدىغان ، ۋەزىيەتنى توغرا مۇھاكىمە قىلالايدىغان ، قورىقماستىن تۇرۇپ خەلىق ئالدىدا باشلامچى بۇلالايدىگاھن ، ھەتتا بىر مۇستەقىل دۆلەتنى ئېلان قىلالايدىغان ھەقىقى ئالىم-ئۆلىمالار يوق . ئۈنۋان دىسە مەۋلىۋى ئەمما ، ئۈلەم دىسە يۈرىگى تىترەيدىغان جانباقتىلار ، نام-ئابرۇي ، مەنسەپ-شۆھرەت دىسە دۇنيانى قاترايدىغان دىۋانىلەر ئىنتايىن كۆپ . ئابدۇخالىق ئۇيغجۇر ، مەمتېلى تەۋفىق ، لۇتفۇللا مۇتەللىپلەردەك ئۆز ھاياتىنى ۋەتەن-مىللىتى ئۈچۈن تەقدىم قىلالايدىغان ، ئىنقىلاپ دىسە خەلىقنىڭ ئالدىدا ماڭالايدىغان شائىر-يازغۇچىلار ئەسلا يوق . كۇچى ۋە ئىقتىدارى بىلەن خەلىقنى ئالغا يىتەكلەۋاتقانلار يەنىلا ئاجىز ۋەياكى تەلەپنى قاندۇرالماي تۇرماقتا . مانا بۇلار بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭ چېكىنىشىمىز .
3.مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بۇندىن 40-50 يىللاردىكىدىن خېلىلا يۈكسەلدى ، بىراق بۇ ئىقتىسادلارنى نەگە ئىشلىتىشنى بىلمىگەن ، ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى تۇرمۇشىنىلا ئويلاپ، تۈۋەندىكى بىچارىلەرگە مېھرى شەپقەت قۇلىنى سۇنمايدىغان ، ئۆزلىرى ماشىنىدا ماڭسا ئېشەك ھارۋۇسىدىن يول بىرىشنى تەلەپ قىلىدىغان مۇتەكەببىر ، بېخىل بايۋەتچىلەر بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئاشتى . مانا بۇلار بىزنىڭ ئېغىر چېكىنىشىمىز .
4.مىللىتىمىزنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى بۇرۇنقىدىن ئاشقاندەك ، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە كىيىنىش كۆرۈنىشىمۇ خېلى سۈپەتلىك كۆرۈڭىنى بىلەن، ئەسلى مىللى ئەن-ئەنىمىزگە زىت بولغان قىياپەتلەر ، غەيرى دىن ۋە غەيرى دۈشمەن مىللەتنىڭ چىركىن مەدىنىيەتلىرىنى ئۆزىلىرىگە سىڭدۈرگەن كىشىلەرنىڭ سانى بۇرۇنقىدىن ھەسسىلەپ ئاشتى . بۇرۇنقىدەك ئۆلەك مازارغا چۇقۇنۇش يۇقالغىنى بىلەن ، تىرىك مازارغا چۇقۇنۇش تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا . يېشىغا تولمىغان قىزلارنى زورلاپ ئەرگە بېرىش ئىشلىرى يۇقالغىنى بىلەن، بويغا يەتكەن قىزلارغا ئەجداتلىرىمىزدەك ئەركەكلەرچە ئىگەدارچىلىق قىلالماسلىقتەك زەئىپلىك كېسىلى يۈز ھەسسىلەپ ئاشتى ، مانا بۇنداق ئىگىسىز قالغان بىچارە قىزلار ھەر يۇتتتا يۈزلەپ تېپىلىدۇ . مانا بۇلار بىزنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئارقىغا چېكىنىشىمىز .
5.مىللىتىمىزنىڭ مىللى ئاڭ-سەۋىيەسى بۇرۇنقىدىن ئاشقاندەك كۆرۈنسىمۇ ، يەنىلا مىللى ئاڭسىزلىقتىن ئىبارەت بۇ پىسىخولوگىيەلىك كېسەل، سەن مىللەتچى مەن دىنچى ، سەن ئورتا ئاسىيالىق ئۇيغۇر مەن ۋەتەنلىك ئۇيغۇر، سەن ياۋرۇپالىق مەن تۈركىيەلىك ئۇيغۇر دىگەندەك تەرەققى قىلغان يۇرتۋازلىق كېسىلى بىخسۈرۈپ ، بەزى تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تامامەن بىر يۇرتلۇق بۇلىۋېلىش، باشقا يۇرتلۇقنىڭ گىپى توغرا بولسىمۇ ئۇنى ئىتىبارغا ئالماسلىق، چىرايلىق تۈزۈتۈش بەرسە مۇتىھەملەرچە مۇشكۆتۈرۈشتەك رەزىل كېسەل يەنىلا بىز مىللىتىمىز ئارىسىدا كەڭكۆلەمدە يامرىماقتا . مانا بۇلار بىزنىڭ يىلدىن-يىلغا ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى .
بۇ ھەقتە يەنە ئەمىلى مىسال كەلتۈرسەكچى بولساق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ 62 يىللىق ئىنقىلاپ تارىخىمىزدىكى سىياسى ئىلگىرلەش بىلەن، سىياسى ئارقىغا چېكىنىشتىكى بەزى مەسىللەر ئۈستىدە بۇندىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا توختىلىشىم مۇمكىن .
دەۋرىمىزدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش نەتىجىسى يۇقىرمۇ ؟ ياكى ئارقىغا چېكىنىش نەتىجىسى يۇقىرىمۇ ؟
بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئەزىز مىللىتىمنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئىلىم-مەرىفەت ئىگىلىرى بولغان دانىشمەنلىرىگە ۋە كەلگۈسىمىزنىڭ ئىستىقبالى بۇلىدىغان ياش ئىزباسارلارغا قالدۇردۇم .
ئا.مۆلجەرلى
2011-3-20