دىنى زىيالىلار دىققەت !!!

 " ئۇيغۇر دىنى زىيالىلار دىققىتىگە "
ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىككىنچى ھەرىمى، مەدىنە-مۇنەۋۋەرە جامىسىدە ئىلىم-تەھسىل قىلىۋاتقان ، كەلگۈسىدە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۇر-چىراقلىرى بولىدىغان ھۆرمەتلىك _ ئۇستازلار، تالىبلار ۋە تالىبەلەر دىققىتىگە !!!.
                     
             ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللە نىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

مەدىنە-مۇنەۋۋەرە شەھرى بۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇن، ئۇلۇغ يولباشچىمىز ۋە سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامىڭ مەككىدىن-مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كىلىشى بىلەن ،  پەيغەمبەرنىڭ مۇبارەك، نۇرلۇق قەدىمىنىڭ پەزىلىتىدىن ئەسلى ئىسمى "يەسرىب " دىيىلىدىغان بۇ شەھەر "مەدىنە-مۇنەۋۋەرە" گە ئۆزگەردى . ھەمدە شۇ زېمىندىن  پەيغەمبىرىمىزنىڭ نۇبۇۋۋەت نۇرىنى پۈتۈن دۇنياغا جەۋلان قىلىشى ئارقىلىق  شۇ دەۋرىدىكى جاھالائەت قاراڭغۇلىقىنى يۇرۇپلا قالماي ، دەۋرى ئىنسانلارنىڭ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى تامامەن ئۆزگەرىتتى .  ئۇلارنى مۇقەددەس ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ئىلاھى نىمەت بولغان بۈيۈك-روھى ئوزۇق  <ئىمان نۇرى> بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق ، ئۇلارنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچانداق مەخلۇققا باش ئەگمەيدىغان ئىمانى كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىپ تەربىلەپ يىتىشتۈرش ئارقىلىق ، بۇ ماكاننى ئىسلامنىڭ بۈيۈك ئوردىسى توپلانغان چوڭ قورغانغا ئايلاندۇردى ۋە     پۈتكۇل ئالامگە "ئەل-مەدىنەتۇن-نەبى" پەيغەمبەر شەھرى-  دىگەن مۇبارەك نام-شەرپىگە نائىل قىلىش بىلەن ، بارچە دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىنجى ھەرىمىگە "ئەل-ھارامەيىن" دىگەن مۇقەددەس جايغا ئايلاندۇردى . 

ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ مۇبارەك شەھەردىن مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئىلاھى-نۇرى پۈتۈن ئالەمگە تارقىلىپ ،شۇ ئىلاھى-نۇر ئارقىلىق ئىنسانلار قەلبىنى ھەقىقى تۈردە يۇرۇتۇپ كەلمەكتە. بۇندىن كېيىنمۇ تاكى قىيامەتكىچە بۇ مۇقەددەس ئىلاھى-نۇر شۇ زىمىندىن چقناپ ، پۈتكۈل ئالەمنى ئىسلام-نۇرى بىلەن يۇرىتىدىغانلىقىدا قەتتى شەك يوق  !. بۇ ھەقىقەتنى يالغۇز ئىسلام نىمىتىگە مۇيەسسەر بولغان مۇسۇلمانلارلا ئەمەس بەلكى، ئىسلام نىمىتىگە ئېرىشەلمەي غاڭگىراپ يۈرگەن ئىنسانلارمۇ ئېتىراپ قىلغان ئاشكارە ھەقىقەت  !!!.

مەدىنەتۇل-مۇنەۋۋەرە بۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇنلا پۈتكۈل دۇنياغا ئىلىم-مەرىفەت نۇرىنى چېچىپ ، دۇنيانىڭ تۇنجى ئۈنىۋەرسىتىتى قۇرۇلغان زىمىن . بۇ ئۈنىۋەرسىتىتنىڭ باش قۇرغۇچىسى ۋە دائىمى ئۇقۇتقۇچىسى بولسا ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن شۇ دەۋرى ئىنسانلىرى ئىچىدىن تاللانغان ۋە 40 يېشىدا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە تۇرغۇزۇلغان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ س ئا ۋ دۇر . 

مۇھاممەد ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالغان كۇندىكن باشلاپ ، شۇ زىمىندىكى ئىلىمسىز، نادان، جاھىل، قالاق ، ئەخلاقسىز كىشىلەرنى بىر-بىرلەپ تەربىلەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ، ئۇلارنى شۇ دەۋرى ئىنسانلىرى ئارىسىدىكى مەشھۇر دانىشمەنلەر قاتارىغا قوشتى .

پەيغامبەر ئەلەيھىسسام مەدرىسىدە تەلىم ئېلىپ دانىشمەن بولغا بۇ ئىنسانلار ، ئۇندىن بۇرۇن ھىچبىر ئىلىم مەكتىبىنى كۆرگەن ئەمەس، ھەتتا بەزىلىرى قوللۇقتىن ئىبارەت خورلۇق ھاياتىدا ياشاپ كىلىۋاتقان ئىنسانلار ئىدى . پەيغەمبەر ئا س مەدرىسىدىن تەلىم ئېلىشنى باشلاپ ئاخىر پەيغەمبەر ئۈنىۋەرسىتىتىگىچە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن شۇ ئىنسانلار ئىچىدە ، ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب ر ئا دەك مەشھۇر قوماندان ، ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ ر ئا  دەك مەشھۇر ئادالەتپەرۋەر سىياسىيۇن، بىلال ئىبنى رەباھ ر ئا دەك مەشھۇر قەرھرىمان يىتەكچى، مۇئاز ئىنبى جەبەل ر ئا دەك مەشۇر ئىقتىساد سۇناش شەھەر ۋالىلىرى دۇنيا كەلگەن بولسا ، ئۇندىن باشقا يەنە (ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن ئىسىملىرى يېزىلمىغان ) ئونلاپ ئاستىرنوم-بىئولىگلار ۋە يۈزلەپ-مىڭلاپ بىلىم ئەرباپلىرى بارلىققا كەلدى . 

پەيغەمبەر ئۈنىۋەرسىتىتىدا تەلىم ئالغان شۇ ئىنسانلار ، شۇ ئالغان بىلىملىرى بىلەن يالغۇز ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىلا ئەمەس بەلكى، شەرىقتە پامىر تاغلىرىدىن ھىندى ئوكيانلىرىغىچە ، غەرىپتە كونىستانتىنا پولدىن تاكى پىرەۋۇن مىنارەلىرىگىچە بولغان كەن زىمىنغا تارقىلىپ ، پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنى ئىسلام نۇرىدىن ئىبارەت ئىلىم-بۇلىغىدىن سۇغۇرۇپ-ھۇرۇرلاندۇرۇپ ، بۇ ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ زور كۆلەمدە گۈللەپ-ياشنىشىغا بۈيۈك تۆپىلەرنى قوشتى . 

بۇنداق بۈيۈك تۆھپىلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئاساسى ساھىپخانلىق رولىنى ئوينىغان مەزكۇر زىمىن "مەدىنە-مۇنەۋۋەر" بولسا، تاكى ھازىرغجىرچە شۇ بۈيۈك رۇلىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە .

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئورۇن بارچە مۇسۇلمانلار قەلبىدە ، تاكى قىيامەتكىچە مەڭگۈ مۇقەددەس بىلىنىدىغان بولغاچقا ، بۇ ئورۇندا ياشاۋاتقان ، ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ھازىرمۇ داۋاملاشىۋاتقان ھەربىر تالىبۇل-ئىلىم قېرىنداشلىرىمىزغا قايسى ئىرقىدىن بۇلىشىغا قارىماي بۇيۈك ئىززەت ۋە ھۆرمەت ئېھتىراملىرىمىزنى بىلدۈرىمىز .

چۈنكى ئۇلار، پەيغەمبەر ئىزى بېسىلغان مۇبارەك زىمىندا بۇلۇشلىرى بىلەن بىرگە ، شۇ پەيغەمبىرىمىز قۇرغان تۇنجى مەدرەسەنىڭ ئاساسى-داۋامى بولغان بۈگۈنكى "مەدىنا -جامىئەسى"گە  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ ئىلىم ئېلىۋاتقانلىقى ، بىز مۇسۇلمانلارنى ئىنتايىن سۈيۈندۈرۈپلا قالماستىن ، كەلگۈسىدە بىز مۇسۇلمانلارغا توغرا يولنى كۆسرسىتىدىغان نۇر-چىراق ،  يولبشلامچىلىرىمىز كۆپەيمەكتە دىگەن بۈيۈك ئارزۇ-ئىشەنچ تۇيغۇسى پەيدا قىلماقتا .

بۇ ئارزۇ-تۇيغۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ياكى ئاشۇرماسلىق ئەنە شۇ مۇقەددەس زىمىندا ئىلىم ئېلىۋاتقان ئەزىز-ھۆرمەتلىك دىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋىجدان-غۇرۇرى، مىللى-مەجبۇرىيىتى شۇنداقلا ئىمانى پەرزى !!!.

بۇنداق بۈيۈك ئارزۇلارنى ئاقلاش ۋە ئەمەلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ، شۇ زىمىندا ئىلىم ئېلىۋاتقان ھەربىر تالىبۇل-ئىلىم قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىگە ئىنتايىن تەپچان بۇلىشى ، ئاز ۋە قىممەتلىك ۋاقىتتىن ئىبارەت ئۆتكۈنچە ئۆمۈرگە ئىنتايىن مەسۇلىيەتچەنلىق بىلەن قارىشى ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ زىمىنغا قانداق كەلگەنلىكى ۋە نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكلىرىنى كۈندە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۈتىشى ، بۇنداق بىر ئىلىم ئورنىغا كىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ھەتتە ئۆيلىرىدىمۇ مۇقەددەس قۇرقانى-كەرىمنى جاراڭلىق ئاۋازدا ئۇقىيالماي تۇرىۋاتقان مىڭلىغان مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرگىز ئەستىن چىقارماسلىقى ، شۇنداقلا بۇ ئىلىمنى ئۈگۈنۈش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشتە، شۇ ئىلاھى ئىلىمنىڭ باش ئۇستازى بولغان سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھاممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسلى تەلىماتى بۇيىچە ، ئەسلى مەقسەت ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا خىزمەت قىلىش غايىسى ئەڭ-ئاساسى ئورۇندا بۇلىشى، بۇ جەرياندا ئىسلامنىڭ ئەقىدە پىرىنسىپلىرىدىن بولغان ، شۇنداقلا "لا ئىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ" دىگەن بۇ ئىمان كەلىمىسىنىڭ شەرتلىرىدىن بىلغان "ئەل ۋەلا _ ۋەل بەرا" يەنى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلامدىكى مۇھەببەت-نەپرەت مايدانىدىن ئىبارەت  "ئاللاھنىنمگ دوستىغا دوس بۇلۇش ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىگە دۈشمەن بۇلۇش" تەك ئېتىقادى شەرتكە ئەمەل قىلىشلىرى ئىنتايىن مۇھىمدۇر . 

دەۋرىمىزدىكى ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن بىرى بولغا خىتتاي ھۈكۈمىتى ، دۆلىتىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949-10-1-كۈنىدىن باشلاپ ، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ھەددى ھىساپسىز زۇلۇم-ئىسكەنجىلەرنى ئەلىپ باردى .  

ئىسلام دىننىڭ ئاساسى بولغان مۇقەددەس كالام "قۇران-كەرىم" ۋە "ھەدىس شەرىپ" قاتارلىق كىتابلىرىمىزنى كۆيدۇردى ، ئالىم-ئۆلىمالىرىمىزنى ئۆلتۈردى . مەسجىد-مەدرەسەلىرىمىزنى خانە-ۋەيران قىلىدى. بەزى جامى-مەسجىدلەرنى چوشقا قوتانلىرىغا ئايلاندۇرسا، بەزىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاسكىرى ئامبىرىغا ئۆزگەرتتىپ پايدىلاندى . كىمكى بىرەر قۇرانى-كىتاپنى ئۆيىدە مەخپى ساقلىغان بولسا ئۇ كىشىنى خەلىق ئوتتۇرسىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە بەزىلىرىنى دارغا ئېسىل ئۆلتۈردى . 

بۇخىل چىكىدىن ئاشقان زۇلۇم 1949-10-1 كۈنىدىن باشلاپ ، تاكى ھازىرغىچە بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق ، بەلكى كۈندىن-كۈڭە ئېغىرلاشماقتا . ئۆيلىرىدە دىنى ۋە مىللى تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئىشلىرى بولسا ، قانۇنسىز دىنى ھەركەت دىگەن جىنايەت بىلەن ئېيىپلىنىپ جازالاندۇرلماقتا .18 ياشقا تولمىغان ياشلارنىڭ مەسجىتكە كىرىشى چەكلەڭەندىن تاشقىرى ، مەسجىدكە كىرگەن چوڭلار ۋە بارچە مۇسۇلمانلار قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىنماقتا . دىنى ۋە مىللى ئەن-ئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، ئورۇنۇپ كىيىڭەن ھەربىر ئاچا-سىڭىللىرىمىز سوراققا تارتىلماقتا ۋەياكى جازالانماقتا . 

مانا مۇشۇنداق ساناپ تۈگەتكۈسىز زۇلۇم-ئىسكەنجىلەر يۈرگۈزۈلۈپ تۇرسىمۇ ، مىللىتىمىز ئىچىدىكى ۋىجدانلىق ، ئىمانلىق ، بىرتۈركۈم دىنى زاتلار ۋە يېڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان دىنى زىيالىلار ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى ۋە بۇ جەرياندا شۇنچە قىيىن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ، يۇرت ئاتلاپ چىقىپ ھەر-ساھەدە ئىلىم ئالماقتا . بەزىلىرى شۇ ئىلىم يۇرتلىرىنى تاماملاپ يەنە ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنى ئۆگىنىشكە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە . مانا بۇ جاپاكەش ، خالىس نىيەتلىك قېرىنداشلىرىمىزدىن جانابى ئاللاھ ئۆزى رازى بولسۇن  ئامىن . 

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەزەلدىن ئۆز دىنى ئېتىقادىغا بولغان چەكسىز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئاجىزلاشتۇرالمىغان خىتتاي كومىنىستلىرى ، ھەرتۈرلى ھىلە نەيرەڭلىرىنى قوللۇنۇش ئارقىلىق ، 1990-يىلدىن باشلاپ يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنى زاتلارغا ۋە مەھەللە ئىماملىرىغا مەخسۇس چارە قوللۇلۇنۇپ ، ئاتالمىش "قانۇنلۇق دىنى زات" دىگەن رېجىم قالپىقىنى كەيدۈرۈش ئارقىلىق ئاتالمىش "ئىماملىق دىپلومى" نى تارقاتتى ۋە ئازغىنە ئايلىق ماáش بىكىتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىئۇنى قاتتىق كونتىرول قىلىشقا باشلىغان ئىدى . بۇخىل ئۈنۈمبەرگەن تاكتىكىلارنىڭ زەھەرلىك زىيانلىرىدا مىللىتىمىز ھەركۈن دىگۈدەك ئازاپلانماقتا ۋە زەھەرلەنمەكتە .

يېقىنقى كۈنلەردە ، دۇنيا ئىسلام مەركىزى بولغان مۇقەددەس شەھەر "مەدىنە-مۇنەۋۋەرە"دە ئۇقىۋاتقان ئۇيغۇر دىنى زاتلارغا خىتتاي ئەلچەخانىسى تەرپىدىن ئايلىق ياردەم پۇلى بىكىتىش تەكلىپىنىڭ بولغانلىقى ئوتتۇرغا چىقتى . 

بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان بارچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قاتتىق روھى زەربىگە ئۇچۇرماقتا !

چۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى بۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بۇ بىر تۈركۈم ياش دىنى زىيالىلارغا ، خىتتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئىقتىسادى ياردەم بىرىشتەك تەكلىپتە بۇلىشى ، يولۋاسنى كېكىردەكتىن بۇغۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان زەھەرلىك يىلاننىڭ ئوبرازىنى شەكىللەندۈرمەكتە !!!.

بۇرۇن ۋەتىنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرانى كىتاپلىرىنى ئاشكارە كۆيدۈرگەن، ئۆلىمالىرىنى ئاشكارە ئۆلتۈرگەن ، جامى-مەدرىس ۋە مەسجىدلەرنى ئاشكارە ۋەيران قىلغان خىتتاي ھۈكۈمىتى ، بۈگۈن بولسا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن قۇران كىتاپلىرىنى ، مىللى تارىخى ماتىرياللىرىنى يىگىۋېلىپ مەخپى كۆيدۈرۋاتقان ، ئۆلىمالىرىنى تۇرمىغا مۇددەتسىز قاماۋاتقان ، ئايال-قىزلارنى جىسمانى ۋە روھى ئاپىراتسىيەسى قىلىپ ئۆمۈرلۈك بىمارغا ئايلاندۇرۋاتقان ، ياش ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ دىنى ۋە مىللى تەلىم-تەربىيە ئېلىشلىرى تامامەن چەكلىگەن خىتتاي ھۈكۈمىتىنىڭ نىشانلىق ۋە مەقسەتلىك غەرىزى بىلەن، نۇمۇسسىزلارچە بۇنداق تەكلىپنى بىرىشى ، ئۇلارنىڭ نىمە مەقسەتنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارە ئوتتۇرغا چىقارماقتا .

ئەگەر خىتتاي ھۈكۈمىتى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىغا ، دىننى ئۈگۈنىشىگە راستىنلا ياردەم بىرىدىغان بولسا، نىمە ئۈچۈن ۋەتەنبدىكى ياش ئەۋلاتلارنىڭ دىننى ئۈگىنىشىنى چەكلەيدۇ ؟

نىمە ئۈچۈن 18 ياشقا كىرمىگەن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ مەسجىدكە كىرىش ۋە دىنى سورۇنلارغا بېرىش ھۇقۇقۇ يوق ؟ 
نىمە ئۈچۈن مەسجىد ۋە ئۆيلەردە دىنى دەرىس ئۆگۆتىش-ئۆگۈنىش ئەركىنلىگىمىز يوق ؟ 
نىمە ئۈچۈن بۇ خىل ئۆگىتىش-ئۆگىنىش پاáلىيەتلىرىمىز قانۇنسىز دىنى ھەركەت بۇلۇپ بېكىتىلىدۇ ؟ 

ۋەتەن سىرتىدا ھەرساھەلەردە ئىلىم ئېلىۋاتقان يۈزلىگەن-مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرى تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ھىچ بىرسىگە ئۇقۇش ياردىمى بىرىش تەكلىپى بولماستىن ، مەخسۇس "مەدىنە-مۇنۋۋەرەدە" ئۇقىۋاتقان شۇ ئۇيغۇر دىنى زىيالىلارغا بۇ تەكلىپ قۇيىلىدۇ ؟ 

دۈشمەننىڭ سۈيىقەستلىك غەرەز-مۇددىئاسى ئېنىق !!!  كۆزلىگەن مەقسەتلىرى _ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ باش ئەزاسى بولغۇسى ، ياش دىنى زىيالىلاردىن باشلاپ زەھەرلەپ ، بۇخىل زەھەرلەش ئۇسۇلىنى  تەدرىجى-تەدرىجى داۋاملاشتۇش ئارقىلىق ، ئۇيغۇرنىڭ بارچا ئەزالىرىنى تامامەن پالەچ-مېيىپ ھالغا كەلتۈرۈش ، ئاخىرقى مەقسىتى بولسا ئۇيغۇرنىڭ يىتەكچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئارىسىنى ئۈزۈش ئارقىلىق ، ئۇيغۇر مىللىتىنى تامامەن يۇقۇتۇشتىن ئىبارەت !!!.

شنىڭ ئۈچۈن مەدىنە-مۇنەۋۋەرەدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز شۇكى ، سىلەر پەيغەمبىرىمىز مەدرەسەسىنىڭ ۋارىسلىق ئۇقۇغۇچىلىرى ، سىلەر كېلەچەكتە بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن نۇرلۇق-چىراق ، سىلەر دىنىمىز ئىسلامنىڭ كەلگۈسى يىتەكچىلىرى ، سىلەر مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ، سىلەر بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئەن-ئەنىۋى غۇرۇرىمىزنىڭ كېلەچەك سىمۋولى !!!.

ئەگەر سىلەر يۇقارقى پەزىلەتلەرنى ئەبەدى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىساڭلار ، پەيغەمبەر مەكتىبىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى دىگەن شۇ شەرەپلىك ئۈنۋان بىئەلن ھۆرمەت-ئىززەتكە سازاۋەر بۇلۇپ ، مۇسۇلمان خەلقىمىز ئالدىدا باشنى تىك تۇتۇپ ياشاشنى ئويلىساڭلار ، بۇنداق بۈيۈك پەزىلەتنى ئۆز جىسمىڭلاردا ، ئەخلاقىڭلاردا ئەبەدى ساقلاشنى ئويلىساڭلار ، خۇسۇسەن بارچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى ھۆرمەت-ئىززىتىڭلارنى ئەبەدى ساقلاشنى ئويلىساڭلار ، نۆۋەتتىكى خىتتاي ھۈكىمىتىدىن ئىبارەت ھىلىگەر تاجاۋۇزچىلەرنىڭ ئالدام-خالتىسىغا چۈشمەستىن ، دەرھار ئۇلارنىڭ سىلەرگە قويغان ( مەدىنىدىكى دىنى ئۇقۇغۇچىلارغا ياردەم پۇلى بىرىش) تەكلىپىنى قەتتى رەت قىلىشىڭلار كېرەك !!! 

شۇنداقلا سىلەر بۇ ھەقتە دەرھال ئوتتۇرغا چىقىپ ، بىرەر مەديا ۋاستىلىرى بىلەن بولسىمۇ بارچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئاشكارە ۋە ئۇمۇمى بىر بايانات-چۈشەنچە بىرىشىڭلار ئىنتايىن زۈرۈل . چۈنكى سىلەرگە بىرىلگەن يۇقارقى تەكلىپتىن خەۋەر تاپقان پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ، سىلەرنىڭ بۇ ھەقتە كەسكىن بىر قارار بىرىشىڭلارنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە !!!.

مىھرىبان ئاللاھ سىلەرنى ۋە بارچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىمانى-ئېتىقادىمىزدا ئەبەدى مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلسۇن !!!. 

ئامىن... ئامىن... ئامىن !!!

ئا.مۆلجەرلى

2011-3-25

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى