دىنى زىيالىلىرىمىزدىن ئۈمۈد بارمۇ ؟؟؟

"پەيغەمبەر ۋارىسلىرى" دەپ سۈپەتلىنىدىغان دىنى ئالىملىرىمىزنىڭ كېلەچىگىدىن  ئۈمىد بارمۇ ؟؟؟"  

«بالاساغۇنى»

« ۋەز-نەسىھەت قىلغىن، ۋەز-نەسىھەت مۆمىنلەرگە پايدىلىقتۇر » . [سۈرە زارىيات 55-ئايەت].
ئۇيغۇر مىللىتى ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغان مىلادى 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپلا، ئىسلام دىننىڭ گۈللىنىشىگە ۋە ئەتىراپتىكى دىيارلارغا ئىسلام دىننىڭ ئۇمۇملىشىشى ئۈچۈن بۈيۈك تۆھپىلەرنى قۇشۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھ تائالانىڭ «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقىغا ھەقىقى ئەمەل قىلىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىخلاسمەنلىك پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، شانلىق تارىخقا ئىگە بۈيۈك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ چىققان ئىدى.
ئەنە شۇ ئىخلاسمەن ئەجدادلىرىمىز تارىخ سەھىپىسىدىكى مەشھۇر بۈيۈك تۆھپىلىرىنى يارىتىش جەريانىدا، ئىسلام كۆرسەتمىسىدىكى ئىتائەت ۋە بىرلىكنى ئاساسى پرىنسىپ قىلىپ، ئۆز ئىچىدىن چىققان يېتۈك ئەھلى-ئىلىم يىتەكچىلەرگە چۇڭقۇر ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈش بىلەن، ھەرۋاقىت ئۇلارنىڭ يوليورقلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى ئاستىدا قەدەم بېسىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى توغرا داۋاملاشتۇرغان ئىدى. مەزكۇر دەۋردىكى دىنى ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم قۇۋۋىتى، ئەقىل پاراسەت ۋە روھى جاسارىتىگە، شۇنداقلا ئىلاھى قانۇننىڭ كۆرسەتمىسىگە ھەقىقى تۈردە ئەمەل قىلىپ، جەمئىيەتنى توغرا يولغا يېتەكلەشتە دائىم ئۆزلىرى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇشقان ئىدى.
ئاللاھنىڭ پەزلى-مەھىمىتى بىلەن، شۇ ئىخلاسمەن ئەجدادلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە مىللەت ئۆزگىچە ھاياتقا ئېرىشتى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھقا، ۋەتەن-مىللەتكە بولغان ساغلام ساداقىتى سەۋەبلىك، ئەينى دەۋرىدىكى سەلتەنەتلىك ھاياتنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى بىز ئەۋلادلارغا قەدەر يىتىپ كەلدى.
مەزكۇر سەلتەنەتلىك دەۋرىمىز ئاخىرلىشىپ، ئارىدىن ئۇزۇن زامانلار ئۆتكەن بولسىمۇ، بىزنى شۇ ئىلاھى كۆرسەتمىنىڭ تەلىماتى بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە ئىنساندەك ياشاش پۇرسىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەقىقى ئىلىم ئىگىلىرى بولغان جاسارەتلىك يولباشچى، تەقۋادار قۇماندانلاردىن ئىبارەت مەنىۋىي يېتەكچىلەرنى تاپالمىدۇق ۋە ياكى ئاللاھ بىزگە نېسىپ قىلمىدى. ئاز ساندا نېسىپ بولغان يىتەكچىلەرىنىڭ قەدىر قىممىتىگە يەتمەستىن، ئۇلارنى تۈرلۈك پىتنە-ئىغۋا، تۆھمەتلەر بىلەن ھاقارەتلەپ، يۇرەك باغرىنى قان-زەرداب قىلىپ ئۇ دۇنياغا يولغا سالغان بولساق، يەنە بەزىلىرىنى قوغداپ-قۇۋۋەتلەپ ھىمايە قىلالماي، دەۋرىنىڭ مۇناپىقلىرى بولغان قاتىللارنىڭ زەھەرلىك قولى بىلەن ئۇ دۇنياغا ئۇزاتتۇق.
مېھرىبان ئاللاھ، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا (شۇنچە ئېغىر خاتالىقلىرىمىز تۈپەيلى) بىرەر بالايى-ئاپەت بەرمەستىن، شۇنچە كۈلپەتلەر ئىچىدىمۇ سالامەت-ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى، ئارىمىزدا ھېلىمۇ تەقۋادار، ھەقىقەتپەرۋەر ئىنسانلارنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يارىغان بىرەر خالىسانە ئىبادەتلىرى تۈپەيلى، ياكى ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىز ئەۋلادلىرىغا قىلغان ئاق-يوللۇق تىلەكلىرىنىڭ بەرىكاتىدىن بولسا كېرەك. بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەرقاندان قىسماتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، يەنىلا ئۆز ئېتىقادىمىزدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمىزنى ئىسلام كۆرسەتمىلىرى بىلەن داۋاملاشتۇرۇشىمىز، بىزنىڭ ھازىرىمىز ۋە كېلىچەكىمىز، شۇنداقلا ھەر ئىككىلى دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن بىردىن-بىر چىقىش يولىدۇر.
مېھرىبان ئاللاھ  ئىنسانلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن  پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۈممەتكە يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى ھەربىر مىللەت ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ئۇستىگە يۈكلەندى.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەھلى-ئىلىملارنىڭ ئۆز قەۋمى ئارىسىدىكى دىنى ۋە مىللى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش يولىدا بوشاشماستىن دادىل ھەرىكەت قىلىشىغا ئىشارە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزباسارلىرى.» [تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى].
يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مۇرادى— پەقەت ئالىملارغىلا ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇتۇش بولماستىن بەلكى، بارچە مۇسۇلمانلارمۇ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى تونۇپ، مەزكۇر ئىز باسار ئۆلىمالارغا ئەگىشىش ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە يول باشچى قىلىش، شۇنداقلا ئۇ ئالىملارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزباسارلىرى دەپ تۇنۇش، ئېتىراپ قىلىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ توغرا كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىشكە چاقىرىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
مەزكۇر چاقىرىق، ئەينى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىردىن-بىر يول خەرىتىسى بولدى. ئۇلار ھەرقانداق ئىشتا ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىشتى. ئۇندىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ «ئەگەر سىلەر بىلمىسەڭلار بىلىدىغانلاردىن سوراڭلار» دېگەن بۇيرۇقىنى ئەسلىشىپ، دەرھال ئالىملاردىن يول-يۇرۇق سوراشتى ۋە نەتىجىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىككىلا دۇنيالىق توغرا يولىنى تېپىشتى.
ئەنە شۇ بەخىتلىك مۇسۇلمانلار جۈملىسىدىن بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ دەل يۇقىرىقى كۆرسەتمىگە ئالاھىدە ئەمەل قىلدى ۋە بۇنىڭ ئەمىلى نەتىجىلىرىنى ئەسىرلەر بويى كۆردى. دەۋرىنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئىتائەت قىلىش تۇيغۇسى ئاجىزلاپ، ئىسلامنىڭ يېتەكچىلىرى بولغان ئىلىم ئىگىلىرىدىن مەسلىھەت سوراش، ئۇلارنىڭ يوليورۇقلىرى بىلەن ئىش كۆرۈش ۋە ئۇلارنىڭ چاقىرىقلىرىغا بىردەك ئاۋاز قۇشۇش پائالىيەتلىرى تامامەن يوقۇلۇشقا يۈزلەندى. بۇ خىل ئەنئەنىۋى پەزىلەتلىرىمىزنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىغان تەشۋىقات ۋە تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىراق خەلقىمىز ئارىسىدا مەزكۇر تەشۋىقاتنىڭ تەسىرى ۋە نەتىجىسى ناھايىتى ئاز كۆرۈلدى، بەزى يۇرتلاردا بۇخىل تەشۋىقاتلار زادىلا يوق دىيەرلىك بولدى.
بۇنداق نەتىجىسىزلىكنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى؛ ئىخلاسمەن مۇسۇلمان خەلقىمىز بىلەن ئىلىم ئىگىلىرى بولغان بەزى "ئاتالمىش" دىنى زاتلارئارىسىدا، ئىسلاھ قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان تەتۈر تاناسىپلىق بەزى ھادىسىلەر ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
بۇنىڭ ئەمىلى ئۆرنەكلىرىدىن ”يېقىنقى بىر ئىككى ئىشنىلا“ مىسال كەلتۈرسەك، بارچە ئوقۇرمەنلەر زېھنىگە كۇپايە قىلار دەپ ئويلايمەن.
بىرىنچى: 1990-يىلى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يۇرتىمىزدا مەجبۇرى يۇرگۇزىلىشىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەش ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسى كېڭەش رەئىسى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمام-خاتىپى بولمىش "ھارۇنخان مەخسۇم"نىڭ مەزكۇر سىياسەتنى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈش توغرىسىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى نامىدىن رەسمى ئىمزا قويىشى.
ئىككىنچى: 1990-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش "قانۇنلۇق دىنى زاتلار دىپلومى" تارقىتىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر دىپلومغا ۋە ئايلىق (15-30) يۈەن مائاشقا ئېرىشكەن كۆپلىگەن "ئاتالمىش" دىنى زاتلار، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلى سىياسى تەشۋىقاتلىرىنى ھەر جۈمە كۈنى مەسجىد مۇنبەرلەردە توختىماي تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشى.
(سۇبھانەللاھ...!!! بۇ موللىلاردىكى قاپ يۇرەكلىكنى قاراڭ ؟؟؟!!!. ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغان مۇبارەك مۇنبەردە باتىل ۋە ئازغۇنلىقنى تەشۋىق قىلىشقا قانداقمۇ پىتىنىغاندۇ؟! بۇلاردىكى ئىمانى ۋە مىللى ۋىجدان قېنى؟! ئىنساندا ئاللاھتىن قورقۇش ۋە ھايا قىلىش تۇيغۇسى يوقالغاندا ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغان مەخلۇققا ئۆزگىرىشىدە شەك يوقلىقى خۇددى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل.» [بۇخارى رىۋايىتى] دېگىنى رېئاللىقتا مۆجىزە بولۇپ كۆرۈلمەكتە. مانا بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەت بىلەن ئالىملىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق كۈنسايىن كېڭىيىپ بارماقتا ۋە ئۇلارغا بولغان ئىشەنچ يوقالماقتا. بۇ بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن چوڭ يوقىلىش بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ھاياتلىق دۇنياسىدىكى ئازابتىن ئىبارەتتۇر. ئىلىم-ئەھلىگە ھەقىقەت ئۈچۈن ھەق سۆزنى قىلالمىغاندىنمۇ ئېغىر ئازابلىنىش بولمىسا كېرەك.-مۇھەررىر-ن).
جەمئىيىتىمىزدىكى سانسىز ناھەقچىلىك، قىرغىنچىلىق يۈزبېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىچارە0مەزلۇم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەبەدىي ئاسلىماتسىيە قىلىنىشىغا يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقان مۇناپىق مەلئۇنلارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىخلاسمەن، ئىمانلىق، سەۋرچان مىللىتىمىز ئارىسىدا ئۆز يۇرتلىرىدىكى دىنى زاتلارغا بولغان ئىشەنچ تامامەن يوقالدى ۋە يوقالماقتا. بۇ نېمە ئۈچۈن؟؟؟!!!.
ئۇزۇن يىللىق ئازاپ-ئوقۇبەتلەر ئىچىدە قىينىلىپ ھەسرەت چېكىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت يوللىرىنى تېپىشتا، بۇنىڭدىن كېيىنكى يېتەكچى بولىدىغان دىنى زاتلارنىڭ ئەينى زاماندىكى مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇلئەزىز چىڭگىز داموللام، سابىت داموللام، ئەلىخان تۆرەم، ئابدۇلئەزىز مەخسۇم، رازىئېۋ داموللام، ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ۋە يېقىن دەۋرىمىزدىكى مەشھۇر مۇجاھىد ھەسەن مەخسۇملاردەك ( يەنە ئىسىملىرى يېزىلمىغان) ئۇنلىغان-ئۈزلىگەن مەرىپەتپەرۋەر، مۇجاھىد ئالىملىرىمىز ماڭغان يولدا ماڭالايدىغانلاردىن بولىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ۋەتىنىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا دىنى تەلىم-تەربىيە ئىلىۋاتقان، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېتەكچى-ئىماملىرى بولۇشنى ئويلاۋاتقان بىر تۈركۈم دىنى زىيالىيلار—قەددىنى رۇسلاپ، كەلگۈسى يۇلىنى تاللاشتا ۋە ئەمىلى قەدەم بېسىشتا يۇقىرىقى ئۇستازلاردەك دىنغا ساغلام مېتود بىلەن ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەقىقى ۋىجدانلىق ئالىملاردىن بۇلۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىمانى ۋە مىللى مەجبۇرىيەتلىرى دەپ تونۇشلىرى ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئىدى.
ئەپسۇسكى ۋەتەن سىرتىدا ئىلىم ئېلىۋاتقان بەزى بىرتۈركۈم دىنى زىيالىلار، ئۆتمۈشتىكى تارىخى ۋەقەلەردىن تامامەن خەۋەرسىز ياكى بولمىسا ئىلىم ئۇقۇشتىن مەقسەتلىرى ”پەقەتلا نام-ئابرۇي“ شۆھرەت قازىنىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك ؟!.  تارىقتقكى ئوتيۇرەك ئالىم-ئەجدادلىرىمىز ئۈزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتى بىلەن ئىسلام دىنغا ۋە مۇسۇلمان مىللىتىگە بىركىشىلىك خىزمەت قىلىپ، مىللەتكە ھەقىقى باشلامچى بولغانلىقىدىن ئىبارەت ئىبرەتلىك تارىخلارنى ئۇنتۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەسىرلەر بويى باش ئەگمىگەن ۋە ئەبەدى باش ئەگمەيدىغان دۇشمەننىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرىگە ئۇسۇل ئوينىماقتا ۋە ئۇلارنىڭ ئازغىنە ھارام پۇلىغا ئالدانماقتا.
ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولغان مۇبارەك زېمىن مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ۋە شارائىتلىرى دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىلىم يۇرتلىرىدىندۇر. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتدا بىلىم ئېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر دىنى زىيالىلار، يېقىندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللى غۇرۇرىنى يوقۇتۇپ، كومىنىست ھۆكۈمەتنىڭ مەقسەتلىك ۋە غەرەزلىك ھالدا "مەدىنىدە ئوقۇۋاتقان دىنى زىيالىلارغا ياردەم پۇلى" بېكىتكەن ھارام پۇلنى ئېلىشقا 85% پىرسەنت ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن، شۇ دىندۈشمەنلىرىنىڭ ئىقتىسادى ياردەمنى قوبۇل قىلىشقا قارار ئىلىشى، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىرنىڭ كېلەچىكى، شۇنداقلا ئۆز دىنى يېتەكچىلىرىگە بولغان بۈيۈك ئىشەنچ ۋە ئۈمۈدلىرىمىزگە چوڭ گۇمانى شەك پەيدا قىلماقتا، ئۇلارغا بولغان ئالى ھۆرمەت-ئېھتىراملىرىمىزنى تامامەن يوقاتماقتا.
ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە: «ئى مۆمىنلەر سىلەر يەھۇدى ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار، كىمكى سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلار بىلەن دوس بولىدىكەن ئۇمۇ شۇلاردىن بولىدۇ.» [سۈرە مائىدە 51-ئايەت].
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سىلەر— ئىسلامنىڭ دۈشمىنى بولغان كاپىر، تاجاۋۇزچى-زالىم، بىر ھاكىمىيەت بىلەن دوست بۇلاپ ئۇلارنىڭ ھارام ياردىمىنى ئېلىپ تۇرۇپ، ئىسلامىي بىلىم ئېلىشىڭلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟!. بۇنى قايسى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىپ چۈشەنچە بېرەلەيىسىلەر؟!. سىلەر ئىسلام ئۈنىۋېرسىتىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن نىمىگە ۋە كىمگە خىزمەت قىلماقچى؟.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام تەشۋىقاتىنى مەككىدە باشلىغان دەۋرىدە، مەككە مۇشرىكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نېمە دېدى ۋە نېمىلەرنى ۋەدە قىلدى؟. رەسۇلۇللاھ شۇ ۋاقىتتىكى سىياسى بېسىم، ئىجتىمائى قىيىنچىلىق ۋە مۇشرىكلارنىڭ تۈرلى ھىلە-نەيرەڭلىرىگە قانداق جاۋاب بەردى؟، بۇنى ھەممىڭلار ياخشى بىلىسىلەر.
كومىنىست ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادى ياردەم ئاجرىتىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ سىلەرگە ئۇلار نېمە ۋەدە قىلىۋاتىدۇ؟؟؟. مەزكۇر ھارام پۇلنى قوبۇل قىلىشىڭلار سەۋەبلىك نەقەدەر ئېغىر زىيان تارتىدىغانلىقىڭلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئاتا قىلغان شەرەپلىك ئۇقۇش يۇرتى ۋە تۈرلۈك نېمەتلەردىن قىيامەت كۈنى سورىلىدىغانلىقىڭلارنى ئويلاپ يەتتىڭلارمۇ؟.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى كېچىدە تاشقىرىغا چىقىۋىدى سىرتتا ئايلىنىپ يۈرگەن ئەبۇ بەكرى سىددىق ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنى كۆردى ۋە سورىدى: يا ئەبۇ بەكرى سىلەرنى بۇ كېچىدە ئۇخلاتمىغان نەرسە نېمە؟، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرمۇ جاۋابەن: بىزنى بۇ كېچىدە ئۇخلاتمىغان نەرسە ئاچلىق دەپ جاۋاپ بەردى. رەسۇلۇللاھمۇ ئوخشاشلا: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! سىلەرنى ئۇخلاتمىغان نەرسە مىنىمۇ ئۇخلاتمىدى دېدى ۋە ئۇلارنى باشلاپ ئەنسارىلاردىن بولغان بىر ساھابىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بۇلۇش ئۈچۈن كەلدى، رەسۇلۇللاھنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ چۇڭقۇر سۆيۈنگەن ساھىبخان، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! بۈگۈن مەندەك ئەزىز مېھمىنى بار ھېچكىم يوق دېگىنىچە ئۇلارغا چوڭ بىر شاخ خورما ۋە سۈت كەلتۈردى ۋە ئۇلارنى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. ئارقىدىنلا پىچاقنى كۆتۈرگىنىچە تالاغا ماڭدى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئېتىرازىغا قارىماي، ئۆيىدە بېقىۋاتقان بىر سېغىن قويىنى بوغۇزلاپ ئۇلارنى مېھمان قىلدى. مېھماندىن قايتىپ كېتىۋېتىپ رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى دوستىغا مۇنداق دېدى: مىنىڭ جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! سىلەر بۈگۈنكى بۇ نېمەتتىن قىيامەت كۈنى سوراق قىلىنىسىلەر» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى].
رەسۇلۇللاھ ۋە بۇ ئىككى خەلىپە شۇ زىياپەتتىن سوراق قىلىنىدىكەن _ سىلەر ئۇيغۇر دىنى زىيالىيلىرى مەدىنە-مۇنەۋۋەرەدەك تۇرمۇش شارائىتى ئەڭ يۇقىرى، ئايلىق تەمىنات پۇلىمۇ يۇقىرى، ھېچقانداق قىيىنچىلىقىڭلار يوق بىلىم يۇرتىدا تۇرۇقلۇق، مەلۇم دۇنيالىق مەنپەئەتنى دەپ كاپىرلارنىڭ ھارام پۇلىنى يېسەڭلار قىيامەت كۈنى نېمە دەپ جاۋاپ بېرىسىلەر؟، ئۇلار سىلەرگە ئايلىق مائاش بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالارمۇ؟، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئىشنىڭ باشلىنىلىشى، بۇنى ھەممىڭلار ياخشى بىلىسىلەر.
قېرىنداشلار! ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. دۇنيالىق مەنپەئەتنى باھانە قىلىپ ئىمانىڭلارنى، مىللى غۇرۇرىڭلارنى ۋە ۋىجدانىڭلارنى دەپسەندە قىلماڭلار.
1986-يىللىرى ئىدى، پەقىر تەۋھىد بىلىمىنى ئۆگىنىش (يەنى تەۋھىد تەشۋىقاتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن) كۇچارغا بارغان ئىدىم. شۇ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەشھۇر تەۋھىد ئۇستازى، تەقۋادار مۇبەللىغ، ئوت يۈرەك ئالىم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز كەرىم ئابدۇلۋەلىنىڭ مۇنداق بىر سوئالغا جاۋاپ بەرگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە، جامائەت سورۇنىدىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ، ھۆرمەتلىك قارىم سىلىنىڭ تەۋھىد توغرىسىدا ئالەم بوشلۇقلىرى ۋە يەر شارى جىسىملىرىنى قۇرئانى كەرىمنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرگەنلىكلىرىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم ۋە چۇڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولدۇم. مېنىڭ بىلمەكچى بولغان مەسىلەم، بۇرۇنقى ئالىملار قۇرئان-ھەدىسنى تەپسىر-تەرجىمە قىلسا، شىۇكى- شۇندىن ئۆزگە ئەمەسكى، مەگەر... دېگەندەك چۈشىنىكسىز تىللار بىلەن جامائەتكە ئاڭلىتاتتى، شۇنداقتىمۇ مەسچىتتىكى بارچە جامائەت قاتتىق تەسىرلىنىو يىغا-زارىغا چۆمۈلەتتى. ھازىرقى دىنى زىيالىلار يېڭى زامان تىل-ئەدەبىياتى بىلەن شۇنداق جانلىق ۋە چۈشۈنۈشلۈك تەپسىر قىلىپ سۆزلىسىمۇ جامائەت بۇرۇنقىدەك يىغا-زارە قىلىشمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇستاز: بۇرۇنقى كونا تىل بىلەن تەپسىر قىلغۇچىلارنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىر، ئىمان-ئېتىقادى مۇستەھكەم، كېچىلىرى ئۇخلىماي تەھەججۈد نامىزى ئوقۇيدىغان، كۈندۈزلىرى نەفلى روزا تۇتىدىغان، نەپسىنى ھارام رىزىقتىن يىراق تۇتىدىغان، تەقۋادار ئالىملار ئىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەربىر قىلغان سۆزى ئاڭلىغۇچىنى چەكسىز ھاياجانلاندۇراتتى ۋە تەسىرلەندۈرەتتى. ھازىر ئۇنداق تەقۋادار ئالىملار بەكمۇ ئاز، شۇڭا ھازىرقىلارنىڭ قىلغان ئەدەبىي سۆزلىرىمۇ باشقىلارغا ئانچە تەسىر قىلمىغاچ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ئاخىرەتتىن قورقۇش ياشلىرى تۆكۈلمەيدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى.
ھارام رىزقتىن ئۆزىنى توسمىغان ئالىملارنىڭ، ھەقنى سۆزلىسىمۇ ئاڭلىغۇچىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت !!!.
ھەق-ناھەق، ھالال-ھارام، توغرا-خاتا ئارلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى زىيالىلىرى بولمىش "مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئۇقۇغۇچىلىرى" ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ نەپسىنى يىغماستىن، ئىسلام دۈشمىنىنىڭ ياردەم پۇلىنى يەپتۇرۇپ ئالغان بىلىملىرى كىمگە تەسىر قىلار؟؟؟!!!.
ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىنى زىيالىيلىرىنىڭ كېلەچىكىدىن ئۈمىد بارمۇ؟.
بىز ئۇلاردىن نېمە كۈتىمىز ۋە نېمە كۈتمەكچى؟. ئۇلار نېمە قىلماقچى ۋە نېمە ئۈچۈن ئىسلامىي تەلىم ئالماقچى؟.
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى مەزكۇر قېرىنداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇردۇم.
بۇ قېرىنداشلىرىمىز مەلۇم قىيىن تاللاش باسقۇچىغا دۈچ كەلگەن بولىشى مۇمكىن، ئەمما يەنىلا پۇرسەت ئالدىدا، ئاللاھتىن قورقۇشنى، ئاللاھقا تۆۋە قىلىپ، ئاللاھ رازىلىقىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى بارلىق ئىشلىرىمىزدا ساغلام ئەقىدىنى ئاساس، شەرىئەتنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاشقا مۇيەسسەر قىلسۇن. ئامىن...!

ئا. مۆلجەرلى  _
(ئەبۇ ئەھمەد بالاساغۇنى)

2011-4-12

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى