مەشھۇر- نەمۇنە ئايال ساھابە، ئاتىكە بىنتى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا !
مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە پەيغەمبىرىمىز تەرپىدىن جەننەت بىلەن خۇش-خەۋەر بىرىلگەن مەشۇر ساھابە سەئىد ئىبنى زەيىدنىڭ قىز قېرىندىشى ئاتىكە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ھەم تاشقى ھەم ئىچكە گۇزەللىككە مۇناسىپ ناھايىتى زېرەك ئايال بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ چىۋەرلىكى ۋە سەبرىچانلىقى بىلەن ئەينى زاماندىكى ئېچىنارلىق ھادىسەلەر ئالدىدا قەددى-قامىتى ھىچ ئىگىلمىگەن مۇكەممەل بىر ئايالدۇر .
ئاتىكە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزىلەتلىرىنى ، ئۇ ھاياتى بۇيىنچە دۇچ كەلگەن جىددى ھادىسلەرگە ئاجايىپ بىر جىداملىق ۋە سەبرى-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىدىن ، ھەمدە تۆرت يولدىشىنىڭ شەھىد بۇلىشىغا قارىماي ھاياتى بۇيىنچە مەغرۇرانە ھالدا ئىگىلمەستىن مەزمۇت ھالدا تىك تۇرغانلىقىدىن بىلىۋەلىشىمىز ئۇنچە قىيىن بولمىسا كەرەك !.
ھەممىسى شەھىدلىك بىلەن ئاخىرلاشقان ئىبرەتلىك تۇرمۇشنىڭ ئەچىنىشلىق خۇلاسىلىرىنى تۈۋەندىكىچە ئىزھاتلاش مۇمكىن ۋە يىتەرلىك. ئازاپلارنىڭ ئايرىلماس ھەمراسى بولغان ئاتىكە رەزىيەللاھۇ ئانھانىڭ ئەۋۋەلقى بەخىتلىك تۇرمۇشى ، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بولغان ئىدى . نە ھالكى جەسۇر يىگىت ئابدۇللاھ _ ھەم تاشقى ، ھەم ئىچكى گۇزەللىككە ساھىپ ئاتىكەگە شۇ قەدەر ئاشىقى-مۇفتەلا بولغانكى ، دائىم ئۇنىڭ يەنىدا بۇلاشتىن ئىبارەت سويگú-مۇھەببىتى ئابدۇللاھنى ھەتتا مەسجىدكا بەرىشتىن تۇساپ قەلىشتەك ھالەتكە كەلتۇرگەن ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كورگەن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلى ئابدۇللاغا ، ئوغلۇم سەن بۇ ئايالدىن ئايرىل ، بۇ سىنىڭ دۇنيالىقىڭ ئەمەس بەلكى ئاخىرەتلىكىڭ ئۈچۈن تەييارلق مېلىڭ بۇلىدۇ دىگىنىچە ، ئوغلىنى ئاغاھلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتىدە قالغان ئىدى .
دادىسىنىڭ بۇ تەۋسىيەسىگە ماقۇل بولغان ئابدۇللاھ ، بىر مەزگىل ئاتىكەدىن ئايرىم ياشاشقا جۈرەت قىلغان بولسىمۇ ، ئۇزۇن ۋاقىتقا بەرداشلىق بىرەلمەي يەنە ئايالى ئاتىكە بىلەن بىرگە ياشايدۇ . بىراق ئابدۇللاھ - ئايالى ئاتىكەگە بولغان چەكسىز سويگۇ-مۇھەببىتىدىن تاشقىرى ، مەن ئۆلگەندىن كەيىن ھەرگىز تۇرمۇشقا چىقمىغىن دىگىنىچە ، ئاتىكەگە چوڭ بىر باغچىنى ھەدىييە مىراسى قىلىپ قالدۇرىدۇ . ھەقىقەتەن ئابدۇللاھ تائىپ ئۇرىشىدا ئەگىر زەخمىلەڭەن جاراھىتىنىڭ ئازاۋى بىلەن شەھىد بۇلىدۇ . ئاتىكە بولسا بۇ مۇسىبەت بىلەن ، ئۈزىنى چەكسىز سۆيگەن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئايرىلىپ تۇل قالىدۇ .
بۇ ئايرىلىشتىن كەيىن ھاياتىنى يالغۇزلۇق بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان ئاتىكەگە ، ئۈزىگە ئەڭ ئابرۇيلۇق بولغان ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب تەلەپ قۇيىدۇ . ئاتىكە _ مەن ھىچكىم بىلەن تۇرمۇش قۇرماسلىق شەرتى ئاستىدا يولدۇشۇم ئابدۇللاھ ماڭا بىر باغچىنى قالدۇرۇپ كەتكەن دىگەن جاۋابنى بېرىدۇ . ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئاتىكەگە ، بۇ ئىشنى بىر بىلىدىغان ئادەمدىن سوراپ كورگىن دەيدۇ . ئاتىكە بۇ توغرىدا ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سوراپ كورىدۇ . ھەزرىتى ئەلى ئاتىكەگە سەن باغچىنى يولدىشىڭنىڭ مىراسچىلىرىدىن بىرسىگە قايتۇرۇپ بەر ، ئۇندىن كەيىن تۇرمۇش قۇرساڭ بۇلىدۇ دىگەن پەتىۋانى بىرىدۇ . بۇ پەتىۋاغا ئاساسەن ئاتىكە باغچىنى يولدىشىنىڭ مىراچىلىرىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كەيىن ، ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىلەن ئىككىنجى تۇرمۇشىنى قۇرىدۇ .
نە قىسمەتكى پەردە ئارقىسىدا كۇتىۋاتقان بۇ ئازاپلىق قىسمەتلەر ئاتىكەنىڭ ياقىسىنى ھىچ قۇياپ بەرمەيدۇ . ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ، بىر سەتىلما سرگەرداننىڭ زەھەرلىك خەنجەر ئۇرىشى بىلەن شەھىد بۇلىدۇ . ئاتىكە بولسا يەنە بىر شەھىدنىڭ ئايالى بۇلۇشتەك ئازاپ-ئۇقۇبەتلەر ئارىسىدا يالغۇز تۇل قالىدۇ . ئەمما ئازاپلارنىڭ ئايرىلماس قارا كۇلەڭگۇسى بولغان سەبرىچان ئايال ئاتىكە ، يەنە ئۆزىدىن كەيىن كىلىدىغان بارچە ئاياللارغا سەبرى ، ماتانەت ۋە تەمكىنلىكنىڭ ئۈلگىسى سۇپىتىدە ئىگىلمەستىن-يىقىلماستىن تىك تۇرۇپ ياشاش نەمۇنىسى بۇلىدۇ .
يەنە ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن ، ھايات ۋاقتىدا جەننەت بىلەن خۇش-بىشارەت بىرىلگەن مەشھۇر ساھابە زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەلەپ قۇياپ كىلىدۇ ، زۇبەيىرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىش ھەرگىزمۇ مۇناسىب ئەمەس ئىدى. چۈنكى زۇبەيىر ئۆزى ھايات ۋاقتىدا جەننەت بىلەن خۇش-بىشارەت بىرىلگەن پەزىلەت ساھىپلىرىنىڭ بىرى ئىدى. شۇڭا ئاتىكەنىڭ ئۈچۈنجى تۇرمۇشىمۇ ئەنە شۇنداق ئەمەلىلىشىدۇ . ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قاراڭ ، يەنە ئۇزۇن ئۆتمىگەن بىر مەزگىلدىن كەيىن ، ھەزرىتى زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بىرلىكتە قاتناشقان جەمەل ئۇرىشىدا شەھىد بۇلىدۇ. مانا بۇ ئۈچۈنجى يولدىشىنىڭمۇ شەھىد بۇلىشى بىلەن ئاتىكە يەنە بىر قېتىملىق تۇل قېلىش ئازابى ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بۇلىدۇ . ھەر بىر تۇل قېلىشىدا ئاتىكەنىڭ كۆرسەتكەن چىداملىقى ۋە تەڭداشسىز سەبرىچانلىقى دەرھاللا كۆپچىللىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالماستىن ، ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىكى مۇستەھكەم ئىمان قۇۋۋىتىگە ، غايەت زور چىداملىقىغا ۋە سەبرىچانلىق كۇچىگە ھەيران قېلىشىدۇ .
ئاتىكەنىڭ ئەنە شۇنداق ئالىجاناپلىق پەزىلەتلىرىدىن ، بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەلەپ قۇياپ كىلىدۇ . ئەمما ئاتىكە بۇ قېتىم دەرھال ماقۇل دىمەستىن ، بۇرۇن بېشىدىن ئۆتكەن بارلىق ۋاقىئەلەرنى بىر-بىرلەپ ئەسلەش ئىچىدە، ھەزرىتى ئەلىگە شۇنداق چىرايلىق رەت قىلىش جاۋابىنى بىرىدۇ .
يا ئەلى ! سەن بىلىسەن . مەن بىلەن تۇرمۇش قۇرغانلارنىڭ ھەممىسىلا شەھىد بۇلاپ كېتىدۇ . ساڭىمۇ بىر خەۋىپ-خەتەرنىڭ كىلىپ قەلىشىنى خالىمايمەن . سىنىڭ ئىسلامغا خىزمەت قىلىشىڭ ئۈچۈن ياشىشىڭ كەرەك . شۇڭا بۇ تەكلىپىڭگە ماقۇل دىيەلمەيمەن ۋە سەندىن ئۆزۇر سورايمەن دىگەن ئىللىق جاۋابى بىلەن قايتۇرىدۇ . نە قىسمەتكى - ئاتىكەنىڭ رەت قىلىشىدىن تاشقىرى ھەزرىتى ئەلىنىڭ تەغدىرىدىمۇ شەھىد بۇلاش قىسمىتى ئاللىبۇرۇن بار ئىدى . ئاتىكەنىڭ بۇ رەت قىلىش يۇلى ھەرگىزمۇ ھەزرىتى ئەلىنى شەھىد بۇلاشتىن ساقلاپ قالالمايتى ، شۇڭا ھەزرىتى ئەلىمۇ ئۇزۇن ئوتمەي تەقدىر قىسمىتىدىكى شاھادەت شەربىتىگە ئۇلاشقان ئىدى .
تەغدىرنىڭ ھۆكمىگە قارىمامسىز ! كېيىنكى يىللاردا بۇپەزىلەت ساھىبى ئاتىكەگە ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈيۈملۈك نەۋرىسى ھەزرىتى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەلەپ قويىدۇ . ئەلۋتتە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۈيۈملۈك نەۋرىسىمۇ رەت قىلىنماس كىشىلەردىن ئىدى . شۇڭا ئاتىكە ئاخىرقى تۇرمۇشىنى ھەزرىتى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قۇرغاندىن كېيڭن ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئەسلى ئېچىنارلىق كۆرۈنۈش ئىچىدىكى ئازابىنى ھاياتنى كەربەلانىڭ چۆللىكىدە بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ .
ھەزرىتى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەربەلا چۆللىكىدە شەھىد بۇلۇشىدەك ئېچىنارلىق پاجىئەلەرنى نالە-پەريتالار ئىچىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە مەجبۇر قالغان ئاتىكە ، ھاياتى بۇيىنچە كۆرگەن ئېچىنىشلىق ئازاپلارنىڭ يىگانە سەبرىچان ئايالى بۇلۇپلا قالماي ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ئازابلىرىنىمۇ ئەنە شۇنداق ئېچىنارلىق تىرادىگىيەلەر ئىچىدە ، يولدىشىنىڭ ئۆز كۆزى ئالدىدا ناھايىتى پاجىئەلىك ھالدا شەھىد قىلىنىشىدەك ئېچىنارلىق كۆرۈنۈشلەر ئارىسىدا ياشايدۇ .
شەھىد بولغان ئەرلىرىنىڭ جىھاد مەيدانلىرىدا كۆرسەتكەن مىسلىسىز قەھرىمانلىقلىرىنى قانلىق كۆز-ياشلىرى بىلەن خاتىرلەپ قەلەم تەۋرەتكەن ئاتىكەنىڭ ئوتلۇق شىئىرلىرىنى ، ( مەشائىرۇننىسا ) ناملىق ئەسەردە ، ئەينى كۆز-ياشلار ئارىسىدا ئۇقۇشىمىز مۇمكىن ئەلۋەتتە !.
ھاياتىدا دۇچ كەلگەن تەقدىرۇ-قىسمەتلىك ئازاپ-ئۇقۇبەتلەرنىڭ ۋە مىسلىسىز مۇسىبەتلەرنىڭ ئاجايىپ چىداملىق ۋە سەبرىچان ئايالى بولغان ئاتىكە ، يەنە شۇنداق ئازاپلار بىلەن ياشىغان بارچە ئاياللارنىڭ قەلبىدە ( سەبرۇ-تاقەت ۋە پەزلى-مەتانەت قەھرىمانى سۈپىتىدە ) ئۇلۇغ بايراقتار بۇلاپ مەڭگۈ لەپىلدىمەكتە !!!
يازغۇچى _ ئاھمەت شاھىن 2009-8-20 ( زامان )
تەرجىمە قىلغۇچى - ئا.مۆلجەرلى 2011-1-17