پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقلىرى

سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرى

گۈزەل خۇلۇقلارنىڭ ھەممىسى ، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەھى ۋەسەللەمدە جەم بولغان ئىدى .  ئاللاھ تائالا  سۈيۈملۈك پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان ياخشىلىقلارنى ۋە ئېھسانلارنى تۇنۇشتۇرۇپ{ھەقىقەتەن سەن بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسىسەن} دىگەن ئايەت كەرىمىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ، رەسۇلۇللاھقا گۈزەل ئەخلاق بەرگەنلىكىنى بۈلدۈرمەكتە .

 نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئىسلام دىنغا كىرىشىگە رەسۇلۇللاھنىڭ گۈزەل ئەخلاقى سەۋەپ بولغان ئىدى.
مىڭلارچە مۆجىزەلەر كۆرۈلدى ، دوست - دۈشمەن بولغان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەقىقەتنى سۆزلىدى .
بۇ قەدەر مۆجىزەلەرنىڭ قىممىتى بولسا ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەدەپ ئەخلاقى ۋە گۈزەل خۇلۇقلىرى ئىدى. ئۇ  باي-كەمبەغەل ،چوڭ كىچىك ھەرقانداق كىشىگە ئۇچرىسا ئەۋۋەل سالام بىرەتتى . ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشمەك ۋە ھال ـ ئەھۋال سورىماق ئۈچۈن ئەۋۋەل قول ئۇزىتاتتى . كىم بولسا بولسۇن ئاددى ـ تۈۋەن كۆرمەيتى . بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسمىنى ئاتاپ لەنەت ئۇقىمايتى ، ھىچبىر زامان ئادەم ئۇرمىغان ئىدى . ئۈزى ئۈچۈن ھىچبىر زامان ئىنتىقام ئالمىغان ئىدى . پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن ئىنتىقام ئالاتتى . تۇققانلىرىغا ، ساھابىلىرىغا ۋە خىزمەتچىلىرىگە ھەر ۋاقىت تەۋازۇلۇق كۆرسىتەتتى ، ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى . ھەركىم بىلەن ياخشى ئۈتەتتى . تاتلىق سۆزلۈك ، مۇلايىم ۋە كۈلەر يۈزلۈك ئىدى .  
سۆز قىلغاندا كۈلمەستى ، ئاغرىقلارنى زىيارەت قىلىپ يوقلايتى . جىنازە نامازلىرىغا قاتنىشاتتى . ئەسھابىلىرىغا ياردەملىشەتتى . باللىرىنى قۇچاقلىرىغا ئېلىپ ئەركىلىتەتتى ،  ئەمما قەلبى بۇنىڭ بىلەنلا مەشغۇل ئەمەس ئىدى ، مۇبارەك روھى مەلەكلەر ئالىمىدە ئىدى . 
پەخرى ئالەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ جۆمەرت-سەخىسى ئىدى . بىر نەرسە سورالغاندا يوق دىگەنلىكى كۆرۈلمىگەنىدى . سورالغان نەرسە بولسا بىرەتتى ، بولمىسا جاۋاپ بەرمەيتى . ئۇ قەدەر ياخشىلىقلىرى ، ئۇ قەدەر ئېھسانلىرى بارتىكى ، روم ئىمپىراتۇرلىرى ۋە ئىران شاھلىرمۇ  ئۇ قەدەر ئىھسان قىلالمىغان ئىدى .
رەسۇلۇللاھ ئۈزى سىقىنتى ئىچىدە  ـ ئاددى ـ  ياشاشنى سۈيەتتى . سۈرلۈك ئىدى ، يەنى ھۆرمەت ۋە تەپتارتىش ھاسىل قىلاردى . پەقەت قۇپال ئەمەستى ، كەمتەر ، مەرت ئىدى . پەقەت ئىسراپ قىلماستى ، پايدىسىز يەرگە بىر نەرسە بەرمەستى . ھەركىشىگە ئىچى ئاغرىيتى ، ئېچىناتتى ، ھىچكىمدىن بىرەر نەرسە كۈتمەيتى .

مېھرىبان ئاللاھ  ـ بارچىمىزنى پەيغەمبىرىمىزمنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن زىننەتلىسۇن  ئامىن .

    
  مەنبە ـ ھۇزۇر پىنارى تور بېكىتى       

تەرجىمە قىلغۇچى- ئا.مۆلجەرلى

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى