ئىمانىدا راسچىللار


ئىمانىدا راسچىللار

سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرىشىڭلارنىڭ ئۈزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ.بەلكى اللەغا ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتەلەرگە، كىتاپقا {يەنى اللە نازىل قىلغان كىتاپلاغا،پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، اللە نى سۈيۈش يۈزىسىدىن خىش ـ ئەقرەبالارغا، يىتىملەرگە ، مىسكىنلەگە، ئىبنى سەبىللەرگە {يەنى پۇل ـ مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا}، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش ، ناماز ئۇقۇش، زاكات بېرىش ، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە {اللە نىڭ يۇلىدا قىلىنغان} ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار {يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر ئىمانىدا راسچىل ئادەملەردۇر}. ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر 
ئىمانىدا راسچىللار
ئاللاھقا چىن ئىشەنگەن، ئىماندا تەۋرەنمىگەن
محمد ـ رەسۇل دىگەن، سۈننىتىگە ئەگەشكەن
ئىسلامنى دىنىم دىگەن، قۇرئاننى قانۇن بىلگەن 
اللە ئۈچۈن دوستلاشقان، ھەق يۇلىدا مۇڭداشقان
قايغۇلاردا دەرتلەشكەن، مۇسىبەتتە ئىزدەشكەن
دەۋزەخ دىسە چۇچىغان، جەننەت دىسە سۈيۈنگەن
ئەزان چىقسا ھەق دىگەن، ناماز دىسە يۈگۈرگەن 
دۇنيانى پانى بىلگەن، ئاخىرەت باقى دىگە 

ھۆرمەتلىك دىنى قېرىنداشلىرىم _ كۈندىلىك ھاياتىڭىزدا بىر سائەت ۋاقتىڭىزنى ئالىدىغان بەش ۋاقىت نامازنى ئۇقىدىڭىزمۇ ؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام _" قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلاردىن سورىلىدىغان سۇئالنىڭ ئەۋۋىلى نامازدۇر" . دىگەن

ھۆرمەتلىك دىنى قېرىندىشىم، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ـ ئىبادەتلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ
اخوكم في اللە ئا.مۆلجەرلى

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى