بىزنىڭ كۆك بايراق

~ بىزنىڭ كۆك بايراق ~
ياشىغان نۇر ئېلىپ شۇ ھىلال ئايدىن،
چاقنىغان كۈچ ئېلىپ زۇمرەت چولپاندىن.
ئويغانغان تەكبىرلىك سادا…ئەزاندىن،
نىمبولدى بىزلەرگە شۇنچە زاماندىن؟،
ئالەمدە تەڭداشسىز بىزنىڭ كۆك بايراق !!!

ئەجداتلار چېھرىڭنى كۆككە ئوخشۇتۇپ،
ھۆسنۈڭگە نۇرانە ھىلالنى قويغان.
يۇرۇتسۇن زۇلمەتنى چولپان يۇلتۇزۇڭ،
دەپ ئۇنى ھىلالغا ھەمسەپەر قىلغان،
ئالەمدە تەڭداشسىز بىزنىڭ كۆك بايراق !!!

يەردە ھەم، كۆكتە ھەم شۇنچە گۈزەلسەن،
قارىسام ھۆسنۈڭگە زادى تويمايمەن.
رەببىمدىن سورايمەن "بىزگە مەدەت بەر"،
كۆتۈرەي بىر ئۆمۈر ھەرگىز ”قويماي” مەن،
ئالەمدە تەڭداشسىز بىزنىڭ كۆك بايراق !!!

ئۇنۇتما ئەي دوسۇم شۇ كۆك بايراقنى،
ئۇ ساڭا ئەجداتتىن مىراستۇر قالغان،
كۆتەرگىن سەن ئۇنى دائىم بېشىڭدا،
ئۇ سېنىڭ بارلىقىڭ، ھەم روھى قالقان،
ئالەمدە تەڭداشسىز بىزنىڭ كۆك ايراق !!!

كۆتەرگىن سەن ئۇنى ئىخلاسىڭ بىلەن.
يەلپۈنسۈن بايرىقىڭ كۆكتە ھەر زامان،
ئويغاتسۇن ئىقلىمنى ئەزان ھەم تەكبىر،
تىلەيلى نۇسرەتنى "اللە مېھرىبان"،
ئالەمدە تەڭداشسىز بىزنىڭ كۆك بايراق !!!

كۆتەرگىن بېشىڭنى قارىغىن ئايغا،
ئويغانغىن سەھەردە، قارا چولپاڭا.
ئاللاھقا دۇئا قىل، ئالغىن جاسارەت…،
قىلمىغىن بىر ئۆمۈر قۇللۇق شەيتانغا،
ئالەمگە تۇنۇلسۇن بىزنىڭ كۆك بايراق !!!

ئا . مۆلجەرلى

2013.06.29
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

Bizim gök bayrak
,Yaşayan güç alib şu hilal aydan  
.Parlayan nur alib çolpan yildizdan 
،Uyanan tekbir hem seda-ezandan 
?Neoldu bizlere bunce zemandan   
.Alemde benzersiz bizim gök bayrak 

،Ecdadlar yüzün,ü göke benzetib 
.Hösnün,e nurane hilal,i koyan 
،Akartsin zülmeti çolpan yildizin 
،Diyerek bayraği ay-yildiz yapan 
.Alemde benzersiz bizim gök bayrak 

،Yerde hem, gökte hem nefis-güzelsin 
.Her baksam hösnün,e asla doymiyacam 
،Rabbimden diliyorum bize ”nusret” ver 
،Götürücem bir ömür asla koymiyacağım 
.Alemde benzersiz bizim gök bayrak 

،Unutma ey dostum o gök bayraği 
.O sana ecdadtan mirastir kalan 
،Heftaşi sen onu, yüksek minarda 
،O senın varliğin, hem rohi kalkan 
.Alemde benzersiz bizim gök bayrak 

 ،Taşiğin bayraği ihlas,in ile 
.Dalğasin sancağin gökte herzaman 
،Uyandirsin iklimi ezan hem tekbir 
Nusreti verecek allahu rahman” 
.Alemde benzersiz bizim gök bayrak 

،Kaldir artik kapan,i bak hilal aya 
.Uyan sabah-seherde bak hem yildiza 
،Allaha dua et, alğin cesaret 
،Yapma sakin, bir ömür kulluk şeytana 
. !!! Alem,e tanilsin bizim gök bayrak

A.Möljarli        

2013-06-29

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى