كارۋان بولدۇق بىز بۈگۈن

«كارۋان بولدۇق بىز بۈگۈن»
سۆز قوشمغىن مەسەلگە① ئۇ ئەجداتلار قىسسەسى،
تۇز قوشمىغىن ھەسەلگە ئۇ ھەرىنىڭ ھىسسەسى.
سۆزلىرىڭدىن سېھرىلىك، چاچراتمىغىن زەھەرنى،
زېھنىمىزنى بۇزمىسۇن خائىنلارنىڭ نەزمىسى،
  كېلەچەكتە مىللەتنىڭ يۇقالمىسۇن ئ‍ەسلىسى !.

يىگىنىڭدە ھالۋىنى بىلگىن ئاشپەز ھىسسەسى،
شېكەر قوشما ئەنجۈرگە ئۇ جەننەتنىڭ مىۋەسى.
ماختاشلىرىڭ قايماقتەك، ئوخشىمىسۇن ھۆپۆپكە،
بۇلغىمىسۇن ئەتىراپنى سېغىزغانلار پىس-پىسى،
نەپەسلەرنى بوغمىسۇن دۆيۈسلەرنىڭ بەزمىسى !.

كۆرگىنڭدە ھىجاپنى بىلگىن ئايال بەلگىسى،
ھىجاپلىقنى ھۆرمەتقىل، ئۇ اللە كۆرسەتمىسى.
ھىجاپ كىيىش پەرىزدۇر، ئاڭلا ئەي ”ھاۋۋا“ قىزى،
ھىجاپتا ئۆلۈپكەتسەڭ جايىڭ جەننەت بولغۇسى ،
يۇقاتما ھىجابىڭنى، ئۇ ئىسلامنىڭ بەلگىسى!.

ئىنساپ قىلغىن، ئويلىغىن، ئەي ئىنساننڭ بالىسى،
خىزمەت قىلىپ كۇپرىغا بولما ئېشەك-كالىسى.
ۋىجدان بىلەن ئويلۇنۇپ، ئادەم سۈپەت ياشىغىن،
ئويلاپكۆر، خائىنلارنىڭ نەدە قالدى قەبرىسى ؟،
مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلما!، بولما شەيتان بالىسى !. 

كۆرگىنىڭدە سەھەرنى دىگىن تاڭنىڭ بەلگىسى،
ئېتەك ياپما يۇلتۇزغا ئۇ سەھەرنىڭ ئەلچىسى.
يۇشۇرما ھەقىقەتنى، ئۇ نۇر چاچار ھەرزامان،
 زۇلۇم قىلما ئاجىزغا، ئەي…زالىملار غالچىسى،
بۇ دۇنيا ئىمتىھاندۇر بولما غاپىل قامچىسى !.

تەكلىماكان قوملۇقى ئەجداتلارنىڭ ئىز-سىرى،
قەشقەر-خوتەن، كۇچا-تۇرپان بۇغراخاننىڭ ئوردىسى.
ئابدۇقادىر داموللاملار شۇ ئەجداتلار ۋارىسى،
كارۋان بولدۇق بىز بۈگۈن، يىتىم قالغان ئەۋرىسى
ئات مىنگۈدەك بوپقالدى شۇ ئەجداتلار چەۋرىىسى !!!.
①ئەجداتلار تارىخى-مەسەل.

ئا...مۆلجەرلى

2013-06-15

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى