ئۇيغۇر - ئۆزبېك بىرتۇققان

 ئۇيغۇر - ئۆزبېك  بىرتۇققان
   ئۇلۇغ رەببىم بىزلەرنى بىر قەۋىم قىلىپ ياراتقان ،
يوقتۇر بىزنىڭ پەرقىمىز  ئۇچى-بۇچى دەيدىغان .
ئۇيغۇر-ئۆزبېك بىرتۇققان، قېرىنداش بوپ ياشىغان.
ئۆزبېك-ئۇيغۇر باشقا دەپ، كىملەر بىزنى ئايرىدى؟.

ئەجداتلىرىمىز شۆھرىتى ياتنى ئۆزگە قاراتقان،  
ئىنسانلار ئالىمىگە چەكسىز تۆھپىلەر قاتقان،
ئەمىر تېمۇر، ناۋايى، سۇلتان سۇتۇقلار ئۆتكەن،
ئۆزبېك-ئۇيغۇر باشقا دەپ، كىملەر بىزنى ئايرىدى ؟.

ئىلىم - ئىرفان بابىدا، دۇنياغا نام تاراتقان.
كەشپىيات ھەم ئەدەبىيات پەنلىرىنى ياراتقان.
مەھمۇد، يۈسۈپ، فارابى، ناۋايىلار ئۆتكەن،
ئۆزبېك-ئۇيغۇر باشقا دەپ، كىملەر بىزنى ئايرىدى؟.

ئۇستاز بۇلۇپ جاھانغائۆلمەس ئەسەرياراتقان،
ئىمام بۇلۇپ ئىسلامغاسەھىھ ھەدىستاراتقان .
بۇخاري ۋە تىرمىزي، تەجەللىي، ئابدۇقادىرلار ئۆتكەن،
ئۆزبېك-ئۇيغۇر باشقا دەپ، كىملەر بىزنى ئايرىدى ؟.

بىز ئەزەلدىن بىر ئىدۇق، بىرلىكتە قەدەم باسقان،
ياۋغا قارشى ھەرزامان، بەلۋاغقا قىلىچ ئاسقان .
نەرە تارتىپ جاھانغا ھەرتاشقا مۆھۈر باسقان ،
ئۆزبېك-ئۇيغۇر باشقا دەپ، كىملەر بىزنى ئايرىدى ؟.

ئاكا-ئۇكادەك ياشايمىز، بىز ئەزەلدىن بىرتۇققان ،  
قان-قېرىنداش ھەم دىنداش، ئىسلامنى مەھكەم تۇتقان.
ئايرىيالماس بىزلەرنى، نا ئەھلى شەيتان تۇغقان،
ئايرىلمايمىز چۈنكىبىزئىمانلىق، قۇرئان تۇتقان“.
ئۆزبېك-ئۇيغۇر باشقا دەپ، كىملەر بىزنى ئايرىدى ؟!!!.

 (ئا.مۆلجەرلى)

2012-09-24

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى