مەرھۇم ئېيسا قارى داموللام، ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزا ئوڭئېرىق كەنتىدىن بولۇپ، پەزىلەتلىك ئاتا-ئانانىسىنىڭ تەربىيىسىدە كىچىكدىنلا قۇرئان كەرىمنى تۇلۇق ياد ئېلىپ تامام قىلغان. كېيىن ئاتۇشتىكى ئاتاغلىق دىنى ئالىملاردا بىر قاتار دىنى ئىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن كىيىن، ئىلىم مەرىفەت ماكانى بولغان قاغىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ مەشھۇر ئۆلىما ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمدا ھەدىس، تەپسىر، مەنتىق، بەلاغەت، قاتارلىق ئىلىملەرنى مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرگەن.
قاغىلىقتىن قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن ئاتۇشتا ئوقۇ -ئۇقۇتۇش ۋە دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا زالىم-كۇفىرى ھاكىمىيەت تەرپىدىن كۆپ ئەزىيەتلەرنى چەككەن بولسىمۇ، تاكى ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئىسلام دىننى ئۈگۈتۈش ۋە ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرىدىن بىركۈنمۇ توختاپ قالمىغان. ئۇ يېقىنقى دەۋرىمىزدە يىتىشىپ چىققان ھەقىقەت پەرۋەر دىنى ئالىملاردىن بىرى بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ كەمتەرلىكى، ئەخلاقىنىڭ گۈزەللىكى، ئىلىم قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرلىقى، پىكىرىنىڭ ئۇچۇقلىقى، مەيدانىنىڭ رۇشەنلىك، ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكى بىلەن تۇنۇلۇپ، ئىلىم-مەرىپەت ئاشىقلىرى بولغان ئويغاق ئاتۇش خەلقىنىڭ قەلىب تۆرىدە چۇڭقۇر ئورۇن ئالغاندىن تاشقىرى، ئىككىنجى ئابدۇقادىر داموللام دەپ تۇنۇلۇشقا باشلىغان. تەقدىرنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەمدىلا 48 ياشقا تولغان ياش ئالىمىمىزدىن ئايرىلدۇق. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى فىردەۋس جەننەتلەردە بولغاي، ئامىن ...

انا للە وانا اليە راجعون —
اللـهـم انزله منازل الصديقين والشهداء والصالحين وحسن اولئك رفيقا .
اللـهـم اجعل قبره روضة من رياض الجنة ,ولا تجعله حفرة من حفر النار .
اللـهـم افسح له في قبره مد بصره وافرش قبره من فراش الجنة .
اللـهـم اعذه من عذاب القبر ,وجاف ِالارض عن جنبيها .
اللـهـم املأ قبره بالرضا والنور والفسحة والسرور.
اللـهـم انه عبدك و ابن عبدك و ابن امتك مات و هو يشهد لك بالوحدانية و لرسولك بالشهادة فأغفر له إنك انت الغفار.
اللـهـم لا تحرمنا اجره ولا تفتنا بعده و اغفر لنا و له و اجمعنا معه في جنات النعيم يا رب العالمين .
اللـهـم انزل علي اهله الصبر والسلوان و ارضهم بقضائك.
اللـهـم ثبتهم علي القول الثابت في الحياه الدنيا وفي الاخره ويوم يقوم الاشهاد.
اللـهـم صلي وسلم وبارك علي سيدنا محمد وعلي اّله وصحبه وسلم إلي يوم الدين.
————————————————————————————————
مەرھۇم ئېيسا قارى داموللامغا مەرسىيە
ۋارىس بۇلۇپ ئەجدات ئىزىغا،
باسقان ئىدىڭ ھەقيولدا قەدەم.
بولغان ئىدىڭ ئەۋلادى بۇغرا،
كۇپرىغا قارشى تىغ بۇلۇپ ھەردەم.
ۋارىس بۇلۇپ ئۇستاز ئىزىغا،
ئۈگەتكەنتىڭ كالامۇللاھ ھەم.
بولغان ئىدىڭ مەشئەل ئاتۇشقا،
ئەل قەلبىنى يۇرۇتۇپ ھەردەم .
لايىق ياشاپ ئالىم روھىغا،
ئۆتكەن ئىدىڭ كەمتەر بۇلۇپ ھەم.
باش ئەگمىدىڭ شۇنچە زۇلۇمغا،
ھەق يۇلىدا تىكتۇرۇپ ھەردەم.
چىراق ئىدىڭ بارچە دىيارغا،
نۇر چاچاتتىڭ كەچە-كۈندۈز ھەم.
كۇچ بېرەتتىڭ ئاجىز دىللارغا،
ئۈمىد بېرىپ، روھلاندۇرۇپ ھەم.
ئېغىر كەلدى سەندىن ئايرىلىش،
ھەممەمىزگە، بارچە ئاتۇشقا.
ياتقان يېرىڭ جەننەتلەر بولسۇن،
-ھەق بۇيرۇپتۇ سەبرى قىلىشقا.
بىزگە كەلگەن شۇ دەرىت-ئەلەمگە،
چىدىيالماس بىزدىن باشقا ھەم.
يالۋۇرىمىز، راھمان-رەھىمغا،
قىلما بىزنى دەرىت-ئەلەمگە يەم !!!.
ئا. مۆلجەرلى
2012-09-03