سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە-مۇكەررەمە شەھرىدىكى مۇھەممەد ياقۇب بېك ۋەخپىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدىكى پۈتۈن ۋەخپىلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ۋەخپە ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەج ۋە ئۆمرە ئۈچۈن كېلىدىغان ئۇيغۇر ۋە ئۆبېكلارنىڭ يېتىپ قوپۇشى ئۈچۈن بىردىنبىر قارارگاھ بولۇپ كەلمەكتە. (بۇ مۇقەددەس ماكانغا ئۇورۇنلاشقان مەزكۇر ۋەخپىنىڭ ساھىپخانلىقى ئاستىدا، ئۇيغۇر-ئۆزبېك ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلارنىڭ مېھرى-مۇھاببەت رىشتىسى تېخىمۇ چۇڭقۇرلىماقتا).
مۇھەممەد ياقۇپ بېك بەدەۋلەت ۋەخپسىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ ۋەخپىنى تەسىس قىلغۇچى مۇھەممەد ياقۇپ بېك بەدەۋلەتنىڭ تەرجىمىھالى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.