قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى—بۇ دەرىس، ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاتاغلىق ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان ئۇستاز (ئابىدخان قارى) تەرپىدىن تاشكەنت شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇبارەك ئۇستازمۇ، ئۆز ئۇستازى— ئەللامە شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان رېجىمىنىڭ كۈزىگە قادالغان ئىككىنجى ھەقىقەت نەشتىرىگە ئايلانغان.1998-يىلى ئۆزبېكىستاننى تەركئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇستاز ئابىدخان قارى، بىرنەچچە يىل قازاقىستاندا مەخىپى ھايات كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ھەرتۈرلى تەھدىتلەردىن خالى بۇلالمىغاچقا، 2006-يىلى شىۋىتسىيەدىن سىياسى پانالىق ئالغان. 2012-02-22 كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ سىترۆمسۇند شەھرىدە، ئۆز تۇرالغۇ ئۈيىىنىڭ بىناغا كىرىش ئىشىك ئالدىدا نامەلۇم كىشى تەرپىدىن قۇراللىق سۈيىقەستكە ئۇچرىغان.
ئۇستاز ئابىدخان قارى مەزكۇر سۈيىقەست پاجىئەدە ئېغىر يارىلانغان بۇلۇپ، شۇ كۈنى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغىنىدىن بۇيان تاكى ھازىرغىچە ئەسلىگە كېلەلمەي بىھۇش ياتماقتا. جانابى ئاللاھتىن، مۇھتەرەم ئۇستازغا شىپالىق ۋە سالامتلىك، ئائىلىسىگە بۈيۈك سەبىرى تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇستازنىڭ سالامەتلىكى تىزراق ئەسلىگە كېلىپ، ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-مەرىپەت تەشنالىقىنى سۇغۇرۇپ بېرىشىنى تىلەيمىز. دۇئالار ئىجابەت بۇلىدىغان مۇبارەك رامىزان كۈنلىرىدە، مۇھتەرەم ئۇستازىمىز ئۈچۈن ھەممەمىز بىردەك دۇئا قىلايلى. ئامىن- ئامىن. (تۈۋەندە ئۇستازنىڭ دەرىسلىرىنى ئاڭلاڭ).

بۇ دەرىسلەرنى ئىخلاس بىلەن ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان مۆئىمىنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى بولسۇن.