سەكسەن يىللىق شېئىر

مەمتېلى ئەپەندى (تەۋپىق)
غەمدەمەن
ئانا ۋەتەندىن كەتتىم ئۇزاق، يۇرتۇم يىراقتا غەمدەمەن،
يەيدىغان ئېشىم تۈگۈل، ئىسسىق-سوغاقتا خەستەمەن.

قالدى ئەل-يۇرت، قالدى تەڭرى تاغ، قالدى ئېلى، زەرەپشان،
ئۇشبۇ ۋەتەن غېمىدە - كۆڭلۈم مېنىڭ پەرىشان .

كۈنلەر ئۆتتى بەخىتسىز، شۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتە ،
پەن-ئىلىمنى تەرك ئېتىپ، ياتتىڭ ئۇيقۇ غەپلەتتە .

چاڭ-تۇمانلار ئىچىدە، ئەل-ۋەتەن ھالى خاراب ،
پەرىز ئەمەسكى ناخشا-مۇقام، سەتتەرى-نەي، دۇتتار-راۋاپ.

يامغۇر بۇلۇپ كۈندە ئاقار، توختىماستىن كۆز يېشىم ،
بۇلاپ - تالانسا ۋەتىنىم، مەن تەۋپىق قانداق چىداي !.

1930- ئىستانبۇل
مەنبە — تۈركچە مەمتېلى ئەپەندى ھاياتى .
 مۆلجەرلى تەرجىمىسى
2012-08-01
——————————————————

 جەمىيىتىمىزدىكى مەنسەپ پەرەس ئاكتىپلارغا قارىتا يازغان ئاچچىق سۆزلۈرۈم! 
ئاچچىق سۆزۈم !!!
يازغىنىم يالغان ئەمەس ھەقنى يازدىن ئۆزگىچە،
كەلمىگەچ كۆزگە ئۇيقۇ، ئەلغېمىدە تاڭغىچە.
شۇڭغۇغۇدۇم ئەجدات ئىزىغا، ئىزلىدىم سۇبھىغا يول،
تاڭ-سەھەرنىڭ دۈشمى، زۇلمەت قارا تۈن كەتكىچە .

تەرمىلەر سۈزدۈم ئۆزۈمگە شۇ دېڭىز-ئوكيانىدىن،
ھەمدە يازدىم نەچچە مىسرا ”تەۋفىق“ بۇۋام سۆزلىردىن.
ئويلۇدۇم ”ھەمبەھر“ ئالاي، تورئايىمدا دوستلار بىلەن،
ئۇقىغاننىڭ شۇ مىسرانى نۇر چاقنىسۇن كۆزلىرىدىن.

نۇر ئەمەس ئۇت چاقنىدى، كۈزى تار، ئەقلى كورنىڭ،
تىترىدى توشقان يۈرىكى، بەتنىيەت، ئىچى تارنىڭ.
ئىنساپ دىگەننى بىلمىگەن، ۋىجدان دىگەننى نە بىلۈر،
سوزۇلماس ھەتتا قۇلى، كەلسە كور قىرىغا يارنىڭ.

بۇ كۈنۈڭ ئۆتكىنچەدۇر ! بولمىغىن مەغرۇر ئاڭا،
ئۆتتى مىليۇن شاھۇ-بەگلەر، بۇ مەنسەپ قالماس ساڭا.
ياشىغىن ئارسىلان كەبى، بولما توشقان-تۈلكىدەك ،
بۇ مىنىڭ ئاچچىق سۆزۈم، كار قىلار ... ئىنسان ساڭا!!!.

مۆلجەرلى
2012-08-02

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى