بىز مۇسۇلمانلار سادىر قىلىۋاتقان بىر قىسىم خاتالىقلار
قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشكە ئىشىنىمىز - ئەمما ئۇ كۈندىكى سۇئال-سوراقتىن قورقمايمىز .
1 - ئاللاھنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز - ئەمما بۇيرۇقلىرىنى قىلمايمىز .
2 - قۇرئانغا ئىشىنىمىز - ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلمايمىز .
3 - پەيغەمبەرگە ئىشىنىمىز - ئەمما سۈننىتىگە ئەگەشمەيمىز .
4 - شەيتاننى تۇنۇيمىز - ئەمما ئۆزىمىزگە دۈشمەن بىلمەيمىز .
5 - جەننەتكە ئىشىنىمىز - ئەمما ئۇنىڭغا كىرىش ئۈچۈن تىرىشمايمىز .
6 - جەھەننەمدىن قورقىمىز - ئەمما گۇناھلاردىن قاچمايمىز .
7 - ئۆلىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز - ئەمما ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلمايمىز .
8 - قېرىنداشلىرىمىزنى ئېيىپلايمىز - ئەمما ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى قىلىمىز .
9 - قېرىنداشلىرىمىزنى قەبرىستانلىققا ئاپىرىمىز - ئەمما ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمايمىز .
10 - ئاللاھنىڭ نىمەتلىرىنى يەيمىز - ئەمما ئۇنىڭغا كۆپ شۇكرى قىلمايمىز .
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى - ئا .. مۆلجەرلى
مەنبە : (bulentmenekse.blogcu)