يۇشۇرۇن كۇچنى بىرلەشتۈرۈش

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىدىكى يۇشۇرۇن كۈچنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۇنى بىرلىكتە ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ ئەمىلى يوللىرى— مۇقەددەس دىنىمىز ”ئىسلام“غا ھەقىقى قايتىشتۇر !!!. 
سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىز ئۈممەتلىرىگە قىلغان جاراڭلىق ۋە مەڭگۈلۈك سۆزلىرى، ئارىدىن 1432 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز ھەقىقىتىنى تېخىمۇ رۇشەن نامايەن قىلىپ كەلمەكتە!!!.
مانا بۇ ئىلاھى ”ئىسلام“ شۇئارنىڭ ساداسى بۇندىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز جاراڭلايدۇ ۋە تاكى قىيامەتكىچە شۇ پىرىنسىپىدىن مۇتلەق  ئۆزگەرمەيدۇ !.
— (ئاللاھ يۇلىدا ئۆلتۈرۈلسەم، قايتا تىرىلدۈرۈلسەم، يەنە ئۆلتۈرۈلسەم، قايتا تىرىلدۈرۈلسەم، يەنە ئۆلتۈرۈلسەم، قايتا تىرىلدۈرۈلسەم) مانا بۇ ئۈچ قېتىم تەكرارلانغان مۇبارەك سۆز، سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جاراڭلىق شۇئارى ۋە بۈيۈك ئارزۇسى ئىدى.

بىر ساھابە پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەمەللەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكى قايسى ؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم — ئۇ كىشىگە، ( ئەلجىھادۇ فى سەبىلىللاھ) ئاللاھ يۇلىدا جىھاد قىلىش دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكى سەھى ھەدىسلەردە بايان قىلىنىدۇ.
ئۇھۇد غازىتى كۈنى بىر ساھابە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، يا رەسۇلۇللاھ_ مەن ھازىر بېرىپ كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشسام، ھەتتا ئۆلتۈرۈلسەم، مەن قەيەردە بۇلىمەن ؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ—ئۇ كىشىگە جەننەتتە بۇلىسەن، دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكىمۇ سەھەھ ھەدىسلەردە زىكرى قىلىنىدۇ.
رەسۇلۇللاھ يەنە_ ئۇھۇد غازىتىدا شەھىت بولغان، ئىسلام قۇشۇنىنىڭ  مەشھۇر قۇماندانى ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى، قىيامەت كۈنىدىكى شەھىتلەر سېپىنىڭ باشچىسى بۇلۇپ تۇرىدۇ دىگەن.
رەسۇلۇللاھ يەنە_ مۇسۇلمانلارغا شۇنداق خىتاپ قىلىپ، كىمكى جېنىنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلسە شېھىد، مېلىنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلسە شېھىد .......... دەپ  بىر قانچە تۈرلى شېھىدلىكنى سانىغان .
رەسۇلۇللاھ يەنە_ جىھادنىڭ تۈرلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ، زالىم پادىشاھقا قارشى ھەقنى سۆزلەشمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك جىھاد ئىكەنلىگىنى ئېيىتقان. بۇ ھەقتىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ، بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچى قېرىنداشلارنىڭ (قۇرئان ۋە ھەدىستىن تەييارلانغان) جىھادقا ئائىت (ئايەت ۋە ھەدىس تەپسىرلىرى) كىتاپلارغا مۇراجەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

ھەق يۇلىدا، ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش_ ئادەم ئاتىمىزدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىرخىل ئادالەت كۈرىشى بۇلۇپ، بۇ خىل كۈرەشلەر پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان بولماستىن،  بەلكى شۇ ئىنسانلارنى يوق-يەردىن ياراتقان قۇدرەتلىك ئاللاھ تەرپىدىن بۇيرۇلغان بۈيۈك جىسمانى ئىبادەتلەرنىڭ بىرى . بۇ خىل ئىبادەتلەرنى ئەمىلى جارى قىلىشنىڭ كۆرۈنۈش ماھىيىتى ھەقسىزلىققا قارشى بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئەسلى ماھىيىتى پۈتكۈل كائىناتنى ئادالەت مىزانىدا ياراتقان قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ ھەق دىنى بولغان ئىسلامنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يەريۈزىدە ئەۋجى ئالغان بارلىق شىرىك، كۇفرى، تۇغيان-زۇلۇملىرىغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق، يالغۇز ئاللاھ قا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىش ئارقىلىق ھەقىقى ئەركىنلىككە ئېرىشىشنىڭ يۇلى قىلىپ بەلگىلەگەن. 

قاچانكى مۇسۇلمانلار بۇ خىل بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماي، ياكى ئۆزىنىڭ خاتا چۈشەنچىلىرى بىلەن بۇ بۇيرۇقنى تامامەن ئۇنتۇپ قالغانلىقى سەۋەپلىك، تاكى بۈگۈنگە قەدەر يەر يۈزىدە داۋام قىلىۋاتقان، ئاللاھ نىڭ ئادالەت مىزانىغا قارشى تۈرلى ئىرقى ۋە مىللى قىرغىنچىلىقلار داۋام قىلماقتا. بۇخىل قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەزلۇم مۇسۇلمانلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى ئەركىنلىككە ئېرىشىش يۇلىنى تېخىچە تۇنۇپ يىتەلمەي غەپلەت ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە!. 
بۇ بىچارە مۇسۇلمانلارنى شۇ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرى بولسا، دىنسىز جەمىيەتتىكى تۈرلى سىياسى ئۇيۇننىڭ ئالدامچىلىقىغا غەرىق بۇلۇپ، ئاللاھ تەرپىدىن بىرىلگەن ئىلىمنى ئۆز ئورنىغا ئىشلەتمەستىن ھاياتى دۇنيانىڭ راھەت-پاراغىتىگە بېرىلىپ، ئۈزىنىڭ ئىمانى ۋە ئىنسانى مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئۇنتۇغان ھالادا، گۇيا چىگراسىز جاڭگالغا قويۇپ بېرىلگەن ياۋايى ھايۋانلار كەبى ئۆز نەپسانىيىتىنىلا ئويلايدىغان پانى-ھايات يۇلىنى داۋاملاشتۇرماقتا!.
 جەمىيەتنىڭ بۇنداق قورقۇنۇشلۇق قاراڭغۇلىقى ئىچىدە قالغان بىچارە، نادان، بىلىمسىز مەزلۇم مۇسۇلمانلار جامائىتى، جەمىيەتتىكى بۇلىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالماقتا. ۋاقىتنىڭ شۇنداق ئۈتىشى بىلەن  تەدرىجى شۇخىلدىكى مۇھىتقا مەجبۇرى كۆنگەن ھالدا ئىچئىچىدىن ئاھ..... تارتىپ، ئۆز ياراتقۇچىسى بولغان ئادالەت ساھىبى قۇدرەتلىك ئاللاھ قا نالە-پەرياتلار ئېيىتماقتا !. بىز بىچارە مەزلۇملارنىڭ نالە-پەريادىنى ھەرۋاقىت ئاڭلاپ-كۆرۈپ تۇرغۇچى ”سەمىئۇن بەسىر“ ئاللاھ— ئىنسالارنىڭ ئارزۇ قىلغان ئادالەتلىك ھاياتىنى، شۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە باغلىق بىكىتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، قۇرانى كەرىمدىكىمۈلۈك سۈرىسىنىڭ بېشىدىلا ~(سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، اﷲ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، اﷲ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.﴿٢﴾~) دىگەن خىتابى بىلەن ئاشكارە ئەسكەرتمەكتە!.

 دىمەك بىز ئىنسانلارنىڭ ھايات-ماماتىمىز ئاللاھ تەرپىدىن ئىمتىھان قىلىنغان بۇلۇپ، بۇ ئىمتىھاندىن قانداق ئۈتىشىمىز ۋە قايسى ئەمەل بىلەن ئۈتىشىمىزنىڭ يوللىرىمۇ شۇ مۇبارەك كالامۇللاھتا تەپسىلى كۆرسۈتۈلگەنلىكى بارچە مۇسۇلمانلارغا ئاسماندىكى ئاي بىلەن كۈندەك ئاشكارە ئايان بۇلۇپ تۇرماقتا !.

 بىراق بۇ ئىنسانلىق ھاياتىىزدىكى سىناق-ئېمتىھانلاردىن توغرا ئۈتىشىمىز ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان تۈرلى ياخشى ئەمەللەرنى ئادا قىلىشتا، قانداق تەييارلىق ۋە قانداق ۋاستىلەرنى قوللۇنۇش كېرەكلىكى ۋە ئۇمۇمى مۇسۇلمانلار قايسى ئەمەلنى ئاساس تۇتقا قلىشلىرى ئەڭمۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا نەچچە ئەسىرلەردىن باشلاپ... ھازىرغىچە تۈرلى ئىختىلاپلار داۋام قىلماقتا!. ئەنە شۇ ئىختىلاپلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆتمۇشتىكى ساھابىلەر دەۋرىدىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە دۇنيا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان ئۆز-ئارا تۇقۇنۇش ۋە قانلىق قىرغىنچىلىقلار مەيدانغا كەلدى ۋە كەلمەكتە !.

بۇخىل زىددىيەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن ئىسلام دۈشمەنلىرى، مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئۆزلىرىنىڭ مۇناپىقلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرسىدا پىكىر ئىختىلاپى پەيدا قىلدۇرۇپ، نادان مۇسۇلمانلارنى ئۆز-ئارا زىددىيەتلەشتۈرۈش، بىر-بىرلىرى بىلەن ئۆز-ئارا ئۇرۇشقا سېلىش يوللىرى بىلەن، ئىسلام دۈشمەنلىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەقسىدىگە يىتىپ كەلمەكتە!. مانا بۇخىل سۈيىقەستىن كېلىپ چىققان زىددىيەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تەخىرسىز داۋام قىلماقتا !. 

ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ شۇخىل سۈيىقەستنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كېلىۋاتقان پەلەستىن، ئىراق، سۈرىيە، مىسىر، لىبىيە، يەمەن،  ئالجىرىيە، ئافغانىستان، تاجىكىستان، ئۆزبەكىستان، پاكىستان، كەشمىر، چىچەنىستان، داغىستان، بوسىنىيە، سۇدان، سۇمالىيە، يەنە بىر قانچە ئەرەپ مەمىلىكەتلىرى قۇشۇلۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەن ئاۋارە، خورلۇق ۋە زۇلۇم ئىچىدە ياشاپ مۇسلمانلار بىربىرىگ ياردەم بىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆز ھاياتىنى قوغدىيالمايدىغان بىچارە ھالغا كەلگەچكە،  كەلگەچكە، ئۆز دىيارىمىز "شەرقى تۈركىستان" قاتارلىق كەڭ مۇسۇلمانلار زىمىنلىرىدىمۇ ناھەق زۇلۇم ۋە بىگۇناھ قانلار توختىماي تۈكەلمەكتە !!!

ئەھۋالىمىز بۇ دەرىجىدە ئېغىر ئىكەن _ مۇسۇلمانلار قانداق قىلىشلىرى كەرەك ؟ تاشقى كۇچقا قايتارما زەربە بېرىش ئۈچۈن قايسى يولنى تۇتۇشلىرى كەرەك ؟ بۇخىل زەربىنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىشى كېرەك ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئارا قانداق تەرتىپ ۋە بىرلىك ھاسىل قىلىشلىرى كەرەك ؟؟؟!.

جاۋابى  _  بارچە  كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان قۇدرەتلىك ئاللاھ تەرپىدىن بىز ئىنسانلارغا بۇيرۇلغان، ئادالەت ۋە بارابەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان، مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامغا ھەقىقى ئەمەل قىلىش ئارقىلىق، بۇ دىننىڭ ئەمىر-مەرۇپ، نەھى-مۇنكەر، تەلىم-تەربىيە قاتارلىق تۈرلى پىرىنسىپلىرىغا ھەقىقى ئىتائەت قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئانى كەرىمدىكى مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتى دەپ بايان قىلىنغان، ئۆز-ئارا قېرىنداش بۇلۇش ۋە بىر-بىرىنى كەچۈرۈش يوللىرىنى تۇتۇش ھەممىدىن مۇھىم !.

ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆز-ئارا زىددىيىتى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ۋە شۇ زىددىيەت تۈپەيلى قارشى تەرەپكە كېلىن بۇلاپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئۆز قىزلىرىنى تىرىك كۆمگەن ياۋۇز ئەرەپ قەبىلەلىرىنى ئۆز-ئارا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلار ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا دوستلۇق ئورنۇتۇپلا قالماي، بەلكى ئۆز-ئارا بىرتۇققانغا ئايلاندۇرغان بۇ مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز يەنىلا شۇ بۈيۈك  ئىلاھى كۇچقا ۋە تەڭداشسىز خاسىيەتكە ئىگە. مانا بۇخىل ئىلاھى خۇسۇسىيەت تاكى قىيامەتكىچە ئۆز ھەقىقىتىنى يۇقاتمايدۇ!.

مانا بۇخىل ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلغان ساھابىلەر، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆز-ئارا يۈزبەرگەن ئىچكى زىددىيەتلەرنى ئەنە شۇ بۈيۈك كۆرسەتمە بۇيىچە ھەلقىلىپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن تۇقۇنۇشنى دەرھال توختاتتى ۋە بۇ تۇقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ ھىسابىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، بۇ تارىخى ۋاقىئەنى (ئاغزى پىچەتلەنگەن ساندۇق) دەپ يەكۈن چىقاردى. كېيىكىلەرنىڭ بۇ ساندۇقنى قايتا ئېچىشنى ”ئىسلام پىرىنسىپى بۇيىچە“ پىتنە تېرىشتىن ئىبارەت خاتالىق دەپ بىكىتتى. شۇنداقلا بۇ ۋاقىئەلەر ھەققىدە ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ پىكىر يۈرگۈزىشى قەتتى چەكلەندى !. ئەنە شۇنداق پىرىنسىپلىق يول تۇتۇش بىلەن، مۇسۇلمانلار بىر-بىرلىرىنى كەچۈرۈش ئارقىلىق ئۆز-ئارا  بىرلىكىنى ساقلاپ، ئىسلامنىڭ ئەسلى غايىسى بولغان ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان ئىلاھى كەلىمەتۇللاھ ”لا ئىلاھە ئىللەللاھ“نى يەر يۈزىگە تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت، ئۈستۈنلۈك مىزانىنى ئەسىرلەر بۇيى كەڭئىنسالار جەمىيىتىدە  بەرپا قىلىپ ياشىيالىغان ئىدى !. 

دەۋرىنىڭ ئۈتىشى بىلەن، بۇ خىل ئىلاھى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدىغان ۋە شۇ بۇيرۇق ئاستىدا مەڭگۈلۈك بەخىت سائادەت يۇلى بولغان ئېسىل ئەن-ئەنىنى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرى ئازايغان ياكى يۇقالغانسېرى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئۆچىمەنلىك، ئاداۋەتخورلۇق، تار دائىردىكى ئىنتىقام ئېلىش ۋە شەخسى قىساسكارلىق پاجىئەلىرى  بارچە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا چۇڭقۇر ئەۋجى ئېلىپ كەلمەكتە!.  ئەنە شۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك بىر پارچىسى بولغان بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىمۇ بۇخىل زىددىيەتلەرنىڭ مىسلىسىز پاجىئەلىرى تۈپەيلى، ئەسلى رەقىبىمىز بولغان كاپىر، زالىم-قانخور دۈشمىنىمىزگە ئەجەللىك زەربە بېرەلمەي كەلمەكتىمىز !

مۇستەملىكە تارىخىمىزدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ھەر-تۈرلى ئويغۇنۇش پائالىيەتلىرىمىز خېلى يۇقىرى دەرىجىدە ئۈنۈم بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز-ئارا ئىچكى زىددىيەتنىڭ پاجىئەسى تۈپەيلى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كەلدۇق. بۇنداق بۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، بىرىنچىدىن يىتەكچىلەردىكى تەجىربەسىزلىك ۋە شەخسىيەتچىلكتىن بولغان بولسا، ئىككىنچىدىن ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مەسۇلىيەتسىزلىگى ۋە ئىتائەتسىلىكىدىن ئىبارەت بولدى!.

بۇنداق ئۆز مەسۇلىيىتىنى تۇنىمايدىغان، ياكى بولمىسا ئۆز ئەھدىسىدە تۇرمايدىغان، ۋەياكى ئىتائەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىغان بۇنداق ئاڭسىز ئەگەشكۈچىلەر توپلانغان ھەرقانداق گوروھ، ياكى بىرەر جەمىيەت، ياكى بىرەر ئەسكىرى قوشۇننىڭ ھامىنى بىركۈنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى مۇقەررەر . ( ئۇھۇد ئۇرىشىدىكى ۋەقەلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالى ).

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈزبەرگەن ئېچىنىشلىق مۇسىبەتلىرىمىز، دۇنيادىكى ھىچقانداق بىر مىللەت كۆرمىگەن دەرىجىدە بۇلاپ ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنىلا بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇخىل مۇسىبەتنى تېزلا ئۇنتۇپ، ئۇ زۇلۇملارغا قارشى ئۇمۇمى شەكىلدە بىرلىك-كۇچ ھازىرلىيالماي چېچىلىپ يۈرمەكتىمىز . 

بۇنداق چېچىلاڭغۇ بۇلۇشىمىز، بىزدىكى ئىتائەت چۈشەنجىسىنىڭ تۈۋەن، مەسۇلىيەت تۇيغىسىنىڭ ئاجىز، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كۆزقارىشىمىز پاسسىپ بولغانلىقى ۋە سېستىمىلىق پائالىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىلەشمەسلىكى نەتىجىسىدە، ھەر-بىر ئېلىپ بارغان ئەمىلى ھەركەتلىرىمىز، ياكى تۈرلى قارشىلىقلىرىمىز تامامەن ئارقا سېپى يوق ھۇجۇمچى قۇشۇنغا ئوخشاپ، ئالدىغا ئىلگىرلىيەلمەي، ئەكسىچە بۈيۈك تالاپەتلەرگە ئۇچرىغاندىن تاشقىرى، ئورنى تولدۇرۇلمايدىغان دەرىجىدە مىسلىسىز زىيانلار كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز. مانا بۇخىل ئاجىزلىقلىرىمىزنى تولدۇرۇپ يەنە شۇنداق زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرساھەدىكى ئىمانلىق، ئىخلاسمەن ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلار چۇقۇم ئىسلام تەلىماتى بۇيىچە ھەققە باش ئىگىشى، ھەق ئۈستىدە بىرلىككە كېلىشى ۋە شۇ يولدا سېستىمىلىق ھالدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك . ئەنە شۇ  ۋاقىتتا بىزدىكى يۇشۇرۇن كۇچنىڭ ئەمىلى نەتىجىسى ئوتتۇرغا چىقىدۇ !!! .

((مانا شۇنداق بىرلىككە كەلگەن بۈيۈك كۇچقا ئېھتىياجلىق بۇلىۋاتقان بىر زاماندا، ئۆتكۈر پىكىرلىك، ئوتيۈرەك قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك پىكىر-پىروگىراممالىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇنى ئاڭلىغان-كۆرگەن ھەممەمىز بىردەك ھاياجانلاندۇق ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىدۇق ۋە كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ئەمىلى ھەمكارلاشتۇق. شۇنداقلا تەرەپ-تەرەپتىن تىگىشلىك پىكىرلىرىمىزنى سۇندۇق. بۇخىل كۆرۇنۈش خۇددى قاراڭغۇدا ئۆز يۇلىنى تاپقان يولوچىنىڭ يۈگرەك ئاتلىرىغا ئوخشاپ كىتىۋاتقان كۈنلەرە، دەل بىز ئېھتىياجلىق بولغان ۋە بۇلاۋاتقان بەزى ئەمىلى ھەركەت يېڭىلىقلىرى ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن، بەزى ئىككىبىسلىق ئېھتىياتچان كىشىلىرىمىز ھەيران قالدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دىمەكچى بولغان روھى ئاجىزلىق سۆزىنى مىسال قىلىشقان بولسا، يەنە بەزىلىرى ئۈنچىقارماي پۇرسەت كۈتۈشتى. ئەزىز مۇسۇلمان مىللىتىمىزنىڭ كېلەچەك تەقدىرى ئۈستىدە ھايات-ماماتلىقنىڭ مۇجادىلىسى داۋاملىشىۋاتقان ئىكەن، كەلگۈسى كۈرەش يۇلىدا يەنە شۇنداق قىزىل چىراقلارنىڭ تەسەددىپى يۇرۇپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، باشتىن ئۆتكۈزگەن ئاددى تەجىربە-ساۋاقلىرىمىز ئارقىلىق ھىسقىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، يۇقارقى تەۋسىيەلەرنى كەسكىن ئوتتۇرغا قۇياش ئارقىلىق، ئاقىل قېرىنداشلىرىمىزغا سەمىمى تەۋسىيە ۋە ئىلمى نەسىھەت قىلدۇق. شۇڭا بۇنداق مۇھىم مەسىلىنى ھەربىر ئىمانلىق-ۋىجدانلىق، ئىخلاسمەن قېرىنداشلارنىڭ ئەتىراپلىق ئويلىنىشى ۋە توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن )) !! .

نۆۋەتتىكى قىلماقچى بولغان ئىشىمىز، ئىنقىلاپ تارىخىمىزدا ئۆتكەن ھەرقانداق چوڭ-كىچىك ئىختىلاپ ۋە ئىچكى زىددىيەتلەرنى، خۇددى يولدا كىتىۋەتىپ تەسەددىپى ئۇچۇرغان سەپەر ھادىسلىرىنىڭ بىرقىسمى دەپ چۈشۈنۈپ، بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى، ئىسلام تارىخىدىكى ئىچكى ھادىسلەر قاتارىدا تۇنۇپ، بۇنداق ۋاقىئەلەرنى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى (ئاغزى پىچەتلەنگەن ساندۇق) ئىچكى ھادىسە دەپ تۇنۇشىنى ۋە ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھىسابىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ،  بۇ  پىچەتلەنگەن ساندۇقنى ئېچىشقا ھەرگىز ئۇرۇنماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

بۇندىن كېيىنكى يۇلىمىز، بۇ ھەق يولدا ئۆلگەنلەر شەھىد- قالغانلار غازى بۇلاپ، ئۆز يۇلىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز، بىزنىڭ ئاساسى غايىمىز ۋە ئەسلى مەقسەتكە يىتىشنىڭ بىردىن-بىر ئاساسى ۋاستىسى قىلىشىمىز لازىم !!!.
 شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر-بىر شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مەجبۇرىيىتىنى تۇلۇق تۇنۇپ، ھەرقانداق ئىنقىلاپ پائالىيەتلەردە  ئۆز مەسۇلىيىتىنى تۇلۇق ئادا قىلىشى بىلەن بىرگە، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە چۇڭقۇر ئىدىيەۋى تەييارلىقتا بۇلىشى ئىنتايىن مۇھىم !.

 بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدە  قانداق تەييارلىقلار بار ؟

بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدە  خەلىقارالىق ئىقتىدارغا ئىگە سىياسىيۇنلار بارمۇ ؟                  بار !
بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدە  خەلىقارالىق ئىقتىدارغا ئىگە دوكتۇر- پىراففېسۇرلار بارمۇ ؟          بار !
بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدە  خەلىقارالىق ئىقتىدارغا ئىگە مۇتەخەسسىس- ئىنجېنىرلار بارمۇ ؟      بار !
بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىن  خەلىقارالىق جاسارەتكە ئىگە ھەربى قۇماندانلار چىقتىمۇ ؟                 چىقتى  !
بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدە   خەلىقارالىق جاسارەتكە ئىگە ئەسكىرى تەييارلىق قىلغۇچىلار چىقتىمۇ ؟     چىقتى  !
بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىن  خەلىقارالىق جاسارەتكە ئىگە قەھرىمانلار چىقتىمۇ ؟                             چىقتى  !
بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىن  خەلىقارالىق جاسارەتكە ئىگە ۋەتەن پىدائىلىرى چىقتىمۇ ؟                        چىقتى  !
بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىن  خەلىقارالىق جاسارەتكە ئىگە ساخاۋەتلىك كىشىلەر چىقتىمۇ ؟                    چىقتى   !
بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىن  خەلىقارالىق جاسارەتكە ئىگە ۋىجدانلىق ئاتا-ئانىلار چىقتىمۇ ؟                    چىقتى   !
بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىن  خەلىقارالىق جاسارەتكە ئىگە  ئايال-قىز پىدائىلار چىقتىمۇ ؟                        چىقتى  !
بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىن  خەئىلقارالىق جاسارەتكە ئىگە  ئىخلاسمەن شەھىدلىك ئاشىقلىرى چىقتىمۇ ؟    چىقتى  !

بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدە  خەلىقارالىق جاسارەتكە ئىگە، ئۆلۈمدىن قورقماس باتۇر- ھەلقىمىز بارمۇ ؟          بار !!!

نۆۋەتتىكى يۇلىمىز ۋە غايىمىز، ئەنە شۇنداق جاسارەتلىك، ئىخلاسمەن يۇشۇرۇن كۇچلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، شۇ جاسارەتلىك ئىنقىلاپچىلارنى قوللاش ۋە ئۇلارغا يېقىندىياردەمدە بۇلاش بلەنىرگە، شۇلارنىڭ ماڭغان يولنى بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان غايە بۇلاش، بۇ يولدىكى بارلىق ئارزۇيىمىز ئىككى دۇنيالىق بۈيۈك بەخىت سائادەت ماكانى بولغان مەڭگۈلۈك جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت  بۇلىشى لازىم !.

 مانا مۇشۇنداق مۇستەھكەم ئىمان ۋە سەمىمىلىك ئىخلاسى ئىدىيە بىلەنقەدەم بېسىش، دەۋرىمزدىكى ئاجىز مۇسۇلمانلارنىڭ نۆۋەتتىكى چىقىش يۇلىنىڭ ئاساسى تەقەززاسى ۋە مۇھىم خارەكتىرلىك ماھىتى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. كىمكى دىنىمنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن ۋە مۇسۇلمان مىللىتىمنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن دەپ كۈرەشكە ئاتلىنىدىكەن، بۇ كىشىنىڭ  ئۇرۇشقا قاتنىشىشى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى تەغدىرىدە بەلگىلەنگەن ئۆمرىنى قىسقارتالمايدۇ. ئاللاھ يۇلىدا ئ‍ەمىلى ھەركەتكە قاتناشماسلىق بولسا، ئۇ  كىشىنىڭ ئەسلى تەغدىرىدە بەلگىلەنگەن ئۆمرىنى بىر مىنۇتمۇ ئۇزارتالمايدۇ . 

 _ مەڭگۈلۈك بەخىت-سائادەتنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەربىر مۇسۇلمان قەرىنداشلار،  ئاللاھنىڭ بىز بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان ئەڭ بۈيۈك نىمىتى، ~ئاللاھ يۇلىدىكى شەھىتلىك~نى تىلەش بىلەن بىرگە، ئىنساننى ھالاكەت گىرداۋىغا ئاپىرىدىغان  ئۈلۈمدىن قورقۇش كېسەللىكىدىن تامامەن يىراق بۇلىشىمىز،  ئاللاھ بەرگەن مال-جان ۋە ئىمان-ئېتىقاد ئامانىتىنى ئۆز جايىغا تاپشۇرۇش ئارقىلىق، ئاللاھ رازى بولىدىغان شاھادەت نېمىتىگە  ئېرىشىشنى ھەر-ناماز ۋە ھەر دۇئالىرىمىزدا ئاللاھتىن سوراپ  تۇرىشىمىز لازىم .

مېھرىبان ئاللاھ بارچە مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇئالىرىنى بىرلىكتە ئىجابەت قىلىپ، ئاللاھ يۇلىدا ھەركەتكە ئاتلانغانلارغا غەلبە-نۇسرەت ئا قلسۇن  ۋە ئۈزىنىڭ ئەڭبۈيۈك نېمىتى بولغان شاھادەت-شەربىتىنى نەسىپ قىلسۇن.   ئامىن . . . ئامىن . . .ئامىن…!


                                     ئا. مۆلجەرلى      
             
                                   2009-9-9 

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى