دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەركىن نەپەس ئېلىپ ياشاۋاتقان، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى زىيالىلىرىغا خىتاپ .....!!!!!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار، ئەزىز مۇسۇلمان-مەزلۇم قېرىنداشلار...!
ھەممىڭلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىگە جانابى ئاللاھتىن بۈيۈك سەبرى تاقەت تىلەيمەن ۋە چىن قەلبىمدىن تەسەللى ئېيتىمەن .
ئۆزلىرىنى ئىسلام دىننىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچى-يىتەكچىسى دەيدىغان، ئۈزىنىڭ بارلىغىنى ئاللاھ ئۈچۈن دەيدىغان، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى زىيالىلىرى سىلەردىن سورايدىغان بىرنەچچە سۇئالىم بار ؟؟؟؟؟؟؟؟؟.
بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنغا ئىتىقاد قىلىپ ياشاۋاتقىنىمىزغا 1200 يىلدىن ئېشىپتۇ، ئۆتكەن دەۋرىلەردىكى ئالىم-ئۆلىما ئەجداتلىرىمىز بۇ مۇقەددەس ئىسلام دىننى بىپايان كەڭ دالالارغا ئۇمۇملاشتۇرغان شۇ سەلتەنەتلىك دەۋرىمىز ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، تاكى ھازىرغىچە بەش ۋاقىت نامازنى قانداق ئۇقۇيمىز ؟ تاماقتىن كېيىن دۇئانى قانداق قىلىمىز ؟ تاھارەت ئالغاندا مۇستەھەپ ئورۇننى ........ قانداق يۇيىمىز ؟ دىگەندەك سۇئالدىن ھالقىپ ئۈتەلمەي تۇرىۋاتقانلىقىمىز تۇلىمۇ ئېچىنارلىق بىر ئەھۋال ئەمەسمۇ ؟؟؟؟؟؟؟.
بۇ دەۋرىدە بارلىق ئىلىم ساھەلىرى ئىلىكتىرونلۇق ئۇسۇلدا ھەر ساھەلەردە ئوقۇــ ئوقۇتۇش ۋە سۇئال ــ جاۋاپ بىرىلىۋاتقان بىر دەۋرىدە، يېنىلا سىلەر شۇ مۇستەھەپنىڭ گىپنى قىلىپ يۈرسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن، شۇنداقلا ھازىرقى ئېچىنارلىق ئەھۋالىمىز ئۈچۇن مۇناسىپمۇ؟؟؟ سىلەر ئۈزەڭلارنى قايسى قەۋىمنىڭ دىنى زىيالىلىربىز دەپ ئاتايسىلەر؟؟ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دائىم يۈز بىرىپ تۇرىدىغان كىچىككىنە بىر توغرا-خاتا ‹‹ھالال ــ ھارامغا كىرمەيدىغان›› مەسىللەردە توختىماي مۇنازىرە قىلىشىدىغان ۋە نەچچە بەتلەپ ئىنكاس يازىدىغان ياش ئالىملىرىمىز، بۈگۈنكىدەك مىللىتىمىز تامامەن قىرغىن قىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە سىلەر قايسى ئۆڭكۈرگە كىرىۋالدىڭلار؟؟؟؟؟؟؟.
ئىلىم ئۇقۇش سىلەرگە نام شۆھرەت ئەمەس، بەلكى دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخىت-سائادەت ۋە پايدا مەنپەئەت بېرىشى كەرەك ئەمەسمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟.
بۇ سۇئالىمغا - ئەلۋەتتە شۇنداق دەيسىلەر ...!!!
ئۇنداق بولسا، سىلەر نىمە ئۈچۈن قۇرئانى كەرىمدىكى « لما تقولون مالا تفعلون » دىگەن ئايەتنى ياخشىلاپ ئۈزەڭلارغا تەتبىق قىلمايسىلەر ؟؟؟؟؟؟؟.
قۇرئاندىكى بىر بۈلۈك ئايەتلەرنى ھارماي ــ تالماي تېپسىر قىلىسىلەر، يەنە بىر بۆلۈك ئايەتلەرنى يۇشۇرىسىلەر، ياكى بايان قىلمايسىلەر نىمە ئۈچۈن ؟؟؟؟؟؟؟؟.
قۇرئانى كەرىمدىكى ‹‹ جىھاد ›› ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەر قاچان، قەيەردە ۋە قانداق ۋاقىتتا ئىجرا قىلىنىدۇ ؟؟؟؟؟؟.
سىلەر بۇ ئايەتلەرنىڭ قاچان، قانداق شارائىتتا ئىجرا قىلىنىدىغانلىق ھۆكمىنى بىلمەمسىلەر ؟
دەۋرىمىزدىكى مۇسۇلمان مىللىتىمىز ۋەھشىلەرچە قىرغىن قىلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، سىلەر نىمە ئۈچۈن بۇ توغرىدا بىرەر تېما يازمايسىلەر، ياكى مىللىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ھەققىدە بىرەر ئېغىز گەپ ــ سۆز قىلمايسىلەر ؟؟؟؟؟؟؟.
بىلىڭلاركى ئاللاھ، خالىغان بەندىسىنى دىندا ئالىم قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە ئۆز قەۋمىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يۈكلەيدۇ .
مەزكۇر ئالىملاردىن ئۇلارغا بىرىلگەن ئىلىم ھەققىدە، ئۇ ئىلىمغا ئەمەل قىلغانلىق ياكى قىلمىغانلىق توغرۇلۇق بىر ــ بىرلەپ ھىساپ ئېلىنىدۇ .
شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز قەۋمى ئۈچۈن قىلغان دىنى خىزمەتلىرىدىنمۇ بىر ــ بىرلەپ ھىساپ ئېلىنىدۇ.
ئۇمۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ، خۇسۇسەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھۇقۇقلىرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، قانلىرى ناھەق تۈكۈلىۋاتقان، سەبى بۇۋاقلىرى ناھەق ئۆلتۈرۈلىۋاتقان، ئايال-قىزلىرىنىڭ ئىپپەت نۇمۇسلىرى تاجاۋۇز قىلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، شۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى رەھبەرلىرى ھەقنى سۆزلىمىسە ياكى ھەقىقەت يولىدا مەيدانغا چىقمىسا، ياكى ھەقىقەت يۇلىدا باتىل بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپلەردە ياردەملەشمىسە، ئۇنداق ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارغاندا قاتتىق سوراققا تارتىلىدۇ !!!.ھ
قىيامەت كۈنىدىكى جاۋاپكارلىق تۇلىمۇ ئېغىر ئەمەسمۇ ؟؟؟؟؟؟؟.
ھۆرمەت بىلەن دىنى قېرىندىشىڭلار ئا . . . . .
2009-7-13