پەيغەمبىرىمىزنىڭ جىنسەل تەلىماتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام - جىنسەل ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك پەرىز ۋە ھارام ئەمەللەرنى مۆمىن ئەرلەرگە ۋە مۆمىن ئاياللارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈگىتەتتى
پەقەت جامائەت نامىزىغا ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئاياللارمۇ قاتناشقانلىغى ئۈچۈن ھەممىگە بىرلىكتە ئۈگەتكەن ۋاقىتلىرىمۇ بۇلاتتى
يەزىد قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزى شاھىت بولغان بىر ۋەقەنى شۇنداق ئاڭلىتىدۇ.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە سۇئال تەرىقىسىدە مۇنداق دىدى،.
ئاراڭلاردا، ئايالى بىلەن بولغان {جىنسەل} ئىشلارنى ئاشكارىلايدىغان ئەرلەر ۋە ئەرلىرى بىلەن بولغان {جىنسەل} ئىشلارنى ئاشكارىلايدىغان ئاياللار باردۇ ؟
كۆپچىللىكتىن بىرەر جاۋاپ چىقمىغاچقا مۇنداق دىدىم.
شۇنداق_ بار، يا رەسۇلۇللاھ! ئاللاھقا قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، ئەرلەرمۇ بۇ شەكىلدە سۆزلىشىدۇ، ئاياللارمۇ شۇنداق لاپ-سۆزلەرنى دىيىشىدۇ، دىدىم.
مىنىڭ بۇ سۆزلىرىمگە قارىتا_ ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇنداق تەلىماتلارنى بەردى.
جىنسەل ھاياتىڭلارنى ئاشكارە ئىپادىلەيدىغان شەكىلدە سۆزلەشمەڭلار. بۇ شەكىلدە سۆزلىگەن ئەر ياكى ئايال، باشقا ئەرنى ئايالىغا توغرىلىغان، ئادەملەر قاراپ تۇرغان ھالاەتتە ئىشىنى تۈگەتكەن ئەر ۋە چىشى شەيتانلارغا ئوخشايدۇ. {ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ، 49}ھ
ئاياللارمۇ جىنسەل مەزمۇنلاردا بىلمىگەنلىرىنى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزدىن سورىشاتتى.
ئۇممۇ سۇلەيىم ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قوشنىلىرىدىن بۇلۇپ، بەزەن ئۇنى زىيارەت قىلاتتى. بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ كېلىشى بىلەن شۇنداق سۇئال سورىدى.
يا رەسۇلۇللاھ_ چۈشىدە {ئۆز ئېرى ياكى باشقا بىر ئەر بىلەن} جىنسى مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى كۆرگەن ئايال غۇسل قىلىشى كېرەكمۇ؟ بۇ توغرىدا قانداق قىلىشقا بۇيرۇيسەن ؟
بۇنداق بىر سۇئالنىڭ رەسۇلۇللاھتىن سورىلىشى ئادەمنى بەكمۇ ئىزا تاتقۇزىدىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇممۇ سەلەمە، ئۇممۇ سۇلەيىمنى چەتكە تارتىپ تۇرۇپ، ئاللاھ خەيرىلىك قىلسۇن، پالتىنى تاشقا ئۇردۇڭ يا ئۇممۇ سۇلەيىم. ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئالدىدا ئاياللارنى يەرگە ئۇرۇپ يەكسان قىلدىڭ دىدى .
ئاللاھ _ ھەقىقەتنى بۈلدۈرۈپ ئەمىر قىلىشتىن ئۇيالمايدۇ. بىزنىڭ بىلمىگەن خۇسۇسۇسلىرىمىزدا ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن سوراپ بىلىۋېلىشىمىز، ئۇ خۇسۇسلاردىكى ھەقىقەنى كۆرمەس-بىلمەس كورلۇق ئىچىدە قالغىنىمىزدىن ياخشىدۇر، دىدى ئۇممۇ سۇلەيىم.
ئۇممۇ سۇلەيىم سورىغان سۇئالىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەك ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ رەسۇلى _ ئاللاھ سىاڭا خەيرىلىك بەرسۇن، ئەسلىدە يەرگە ئۇرۇلغان سەن يا ئۇممۇ سەلەمە، دىدى. ۋە سۇئالىنىڭ جاۋابىنى مۇنداق چۈشەندۈردى.
توغرا_ ئۇممۇ سۇلەيىم ، شۇنداق چۈش كۆرگەن ئايال ئويغانغىنىدا مەنىنى{شۇنىڭغا ئوخشاش يۆللۈكنى}كۆرسە غۇسۇل تاھارەت ئېلىشى كېرەك. {بۇخارى «غۇسلى توغرىسىدا» 373-بەت}.{ مۇسلىم «ھەيز توغرىسىدا» 471-بەت}. {ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلى ، مۇسنەد 6\377}ھ
ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان كىشىگە غۇسۇل تاھارەتنىڭ پەرىز بۇلىشى ئۈچۈن، شۇ كىشىنىڭ چۈشىدە جىنسى مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىسپىرما-سۈيۇقلىغى {مەنى ۋە يۆللۈك} نىڭ كۈرىلشىدىن ئىبارەت.
جىنسەللىكنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە قوللۇنۇشمۇ ئىبادەتتۇر
ئىنسانلاردا جىنسەل ئورگانلارنى، ئۇنىڭدىن لەززەتلەنمەك تەلىپىدىن ئىبارەت جىنسەل ئارزۇلارنى ياراتقان ۋە ھىسسى--سېغىنىش تەلىپىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئاللاھتۇر. ئۇ ياراتقان جىنسەل ھاياتقا ھورمەت بۈلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدىكى بەلگىلىمە، تەرتىپ- تۈزۈملەر ئىچىدە ئۆيلۈنۈش يوللىرى بىلەن جىنسەل ئورگانلارنى قوللۇنۇپ لەززەت ۋە راھەتلەرگە يۈزلەنمەك، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمەلىرى ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئۆز جايىدا ساقلاشتۇر .
ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمىرلىرىنى ئەمىلىلەشتۈرۈپ ئۆيلەنمەك ، شۇ كۆرسەتمە قاتارىدا جىنسەل خاياتنى داۋاملاشتۇرماق ئىبادەتتۇر.
ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق
ئىنساننىڭ نىيىتى خالىس، ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئەمىرلىرىگە ئويغۇن بولسا ئۇنىڭ ھەربىر ئىشلىرى ئىبادەتتۇر. ھالال رىزىق ئۈچۈن ئىشلەش، نەپسنى ساقلاش ۋە نەسىل قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۆيلەنمەك، يەنە شۇنىڭدەك كۈندىلىك ھاياتىمىزدىكى ئىشلار نىيەتلىرىمىزگە قارىتا ئىبادەت بولماقتادۇر.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغاب بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ . {ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر، ۋە شۇنىڭدەك ھەر كىشىگە نىيەت قىلغىنى بۇلىدۇ. ئۇ ھالدا كىمنىڭ ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن بولغان بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىغادۇر. كىمنىڭ ھىجرىتى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان بىر دۇنيالىق ئۈچۈن، ياكى بىرەر ئايالغا ئۆيلەنمەك ئۈچۈن بولغان بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىمۇ شۇ نەرسىلا بۇلىدۇ}. {بۇخارى، ئىمان-41، نىكاھ5. مۇسلىم، ئىمارەت-153. ئەبۇ داۋۇت، تالاق-11. تىرمىزى، فەزائىلى- جىھاد-16}ھ
ئەمەللىرىمىزنىڭ نىيىتىمىزگە قارىتا ئىبادەت بۇلىدىغانلىقىغا دائىر دەلىللەردىن بىرى- ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ مۇبارەك ھەدىسىدۇر.
جىنسەل ھاراملاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئايالى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئىبادەتتۇر ۋە سەدىقەدۇر.
ساھابىلاردىن ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بىرىپ_ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
سۇبھانەللاھ-_ شەكلىدىكى ھەربىر تەسبىھتە، ئەلھەمدۇ لىللاھ شەكلىدىكى ھەربىر ھەمدۇ-دە، ئاللاھۇ ئەكبەر شەكلىدىكى ھەربىر تەكبىردە، لا ئىلاھە ئىللەلاھ، شەكلىدىكى ھەربىر تەھلىلدە، ھەربىر ھەققە چاقىرىشتا ۋە ھەربىر باتىلنى ئىنكار قىلىشتا سەدەقات ۋە ساۋاپ باردۇر.
ھەتتا سىلەردىن بىرىڭلار ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولسىمۇ سەدەقە ۋە ساۋاپ باردۇر.
ئەسھابى كىراملار بۇ بىشارەتكە ھەيران بۇلۇپ سوراشتى.
يا رەسۇلۇللاھ _ بىزدىن بىرەيلەن ئۈزىنىڭ جىنسەل ئارزۇلىرىنى قاندۇرسا، ئۇنىڭغا قانداق ساۋاپ بىرىلىدۇ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام _ ئەلۋەتتە ساۋاپ بىرىلىدۇ ! سىزلەردىن بىرى ھارام-زىنا قىلسا، ئۆتكۇزگەن شۇ زىنا تۈپەيلى گۇناغا دۇچار بولماسمىدى؟
شۇنىڭ مىسالى، نىكاھلانغان ئايالى بىلەن جىنسەل مۇناسىۋەتتە بولغان ۋاقىتتىمۇ ساۋاپ بېرىلىدۇ. -{مىشكاتۇل مەسابىھ، ھەدىس7=1898. مۇسلىم، زاكات 52. ئەبۇ داۋۇت، تاتاۋۋۇ، 12. ئەدەپ- 160. مۇسنەد- 7-168}ھ
تەرجىمە قىلغۇچى - ئا. مۆلجەرلى
Menbe_ http://www.zehirliok.net/
غەزىپى قوزغالغاندا ئۇقۇلىدىغان دۇئا
« ئاللاھۈممەغفىرلى زەنبى ۋە ئەزھىب غەيزە قەلبى ۋە ئەجىرنى مىنەش شەيتان»
تەرجىمىسى: ئى ئاللاھ ،مېنىڭ گۇناھىمنى مەغفىرەت قىلغىن ،ئاچچىقىمنى ياندۇرغىن ۋە مېنى شەيتاندىن قۇتقۇزغىن
ئايالى بىلەن بىر تۈشەكتە بولغاندا ئۇقىلىدىغان دۇئا
« بىسمىللاھى ئاللاھۈممە جەننىبنەش شەيتانە ۋە جەننىبىش شەيتانە ما رەزەقتەنا »
تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئىشىمنى باشلايمەنكى،ئى ئاللاھ .بىزنى شەيتاندىن يىراق قىلغىن،سەن بىزگە ئاتا قىلغان پەرزەنتنىمۇ شەيتاندىن يىراق قىلغىن
«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ‹سىلەردىن بىرىڭلار ئايالى بىلەن بىر تۈشەكتە بولماقچى بولسا، بۇ دۇئانى ئۇقۇسۇن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بالا بۇلۇپ قالسا، ئۇنىڭغا شەيتان ھەرگىزمۇ زىيان ــــ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ› دىگەن» .
مېھرىبان ئاللاھ _ بارچىمىزغا ئاچچىقنى باسالايدىغان سەبرى، شەيتاننى يېڭەلەيدىغان تەقۋالىق ئاتا قىلغاي، ئامىن
مەنبە _ دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار