ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش

ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش
ئىمام شاتىبى رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دەيدۇ _ مەغرىپتە بىر ئەۋلىيانىڭ ھۇزۇرىغا، شۇ شەھەرنىڭ بايلىرىدىن بىرى كېلىپ، مەن ھەجگە بارماقچىمەن . يول خىراجىتى ئۈچۈن ئۈچيۈز ئالتۇن تەييارلىدىم ، بۇ پۇللۇرۇم ھەجگە بېرىپ كەلگىچە كەڭ-تاشا يىتەرمۇ-يەتمەسمۇ ؟ دەپ سورىدى.                                                                      
مۇبارەك ئەۋلىيا :
_ ياق ، يەتمەيدۇ " دەپ جاۋاپ بەردى . بۇنى ئاڭلىغان باي ، بوپتۇ ئۇنداق بولسا يانا ئازراق كۆپەيتىپ ئېلىۋالاي دىدى .

بۇ كىشى كېتىپ بىراز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، پېقىر بىر دەرۋىش كىشى كېلىپ ؛ " ئاللاھ نەسىب قىلسا ھەجگە بارماقچىمەن " قانداق مەسلىھەت بىرىسىز ؟ دەپ سورىدى .

ئۇ مۇبارەك زات :
"يۇلۇڭ بىخەتەر بولسۇن . بىزدىن سالام-سالاۋاتلار يەتكۈز ، دۇئا قىل " دىدى . ۋە قۇچاغلىشىپ ۋىدالاشتى .

تالىپلىرىدىن بىرسى بۇ مۇبارەك ئەۋلىيادىن ، " ھەزرىتىم سىلە بايا كەلگەن بايغا ئۈچيۈز ئالتۇنۇڭ يەتمەيدۇ دىدىلە . بۇ بىر ئالتۇنىمۇ يوق پېقىرغا بولسا ، يۇلۇڭ بىخەتەر بولسۇن دىدىلە ؟ " دەپ سورىدى .

مۇبارەك ئەۋلىيا : 
" چۈنكى تۇججار-باي بولسا  پۇلىغا ئىشەندى . ئۇ ئۈچيۈز ئالتۇننىڭ بېشىغا نىمىلەر كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن . ئەمما پېقىر دەرۋىش بولسا ، "ئاللاھ تەئالا نەسىب قىلسا " يولغا چىقماقچىمەن دەپ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىپتۇ . ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان كىشىنى ئاللاھ يولدا قويمايدۇ ". دەپ جاۋاپ بەردى .

تۈرۈكچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى - ئا.مۆلجەرلى

مەبە : ھۇزۇر پىنارى

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى