قېرىنداش ساتتى بىزنى

قېرىنداش ساتتى بىزنى

ئۇيغۇر-ئۆزبېك، قازاق-قىرغىز قاش-كىرپىكتەك ئارىسى
قول پۇتقا پالتا چاپتى، قالدى يۈرەك يارىسى!.

دۈشمەن تۇرسا قۇراللىق، ئالدىغا ئاتتى بىزنى
جان ئېلىنغان بازاردا قېرىنداش ساتتى بىزنى !.  

يالۋېرىپ يېلىندۇق شۇنچە ۋىجدان-غۇرۇرسىز بىرىگە
بىزنى سەن ئۆلتۈر دىدۇق، شۇ دۈشمەنلەر يېرىىگە !!!.

ئاڭلىماستىن زارىمىزنى بەردى دۈشمەن قۇلىگە
ساتتى ۋىژدان-ئېتىقادنى زالىم خىتتاي پۇلىگە !!!.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئەجەپمۇ تەڭكەش كەلدۇق نامەرتلەرنىڭ دەۋرىگە
يۈرەكلەر قان يىغلايدۇ، خائىنلارنىڭ پەيلىگە!!!.

بىزبىلەنلا ئۆتسە مەيلى، قالمىسا بۇ دەرت نەۋرىگە!.
 شۇندا بۇتەن راھەت كىرەردى، بىكەفەن ھەم قەبرىگە!!!.

{ئورتا ئاسيادىكى قېرىنداش دۆلەتلەر تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، زالىم خىتتايلارغا تاپشۇرۇلغىنىدىن كېيىن چېگرادا ئوققا تىزىلىپ شېھىد قىلىنغان ۋە زەنجىر-كىشەنلەر بىلەن باغلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۇم قىلىنغان يۈزلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېچىنارلىق ئەھۋالى تەسۋىرلەندى}

ئا.مۆلجەرلى

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى