پەيغەمبەر تىبابىتى 1

بانان
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:
سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز (بانان) دەرەخلىرىدىن[سۈرە ۋاقىئە› 29 ـ ئايەت]
ئۇ ھۆل ئىسسىق، ئۇنىڭ تاتلىق پىشقىنى ئەڭ ياخشى. ئۇ كۆكرەك، ئۆپكە، يۆتەللەرگە ۋە بۆرەك، دۇۋسۇنلارنىڭ جاراھىتىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەنىينى زىيادە قىلىدۇ، جىما شەھۋىتىنى قوزغايدۇ، قورساقنى بوشىتىدۇ، تاماقتىن ئىلگىرى يىگەن ياخشى، ئۇنى كۆپ يىيىش ئاشقازانغا زىيانلىق، سەپرا ۋە بەلغەمنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ زىيىنىنى شېكەر ۋە ھەسەل بىلەن قايتۇرىمىز.
ئۈزۈم
غەيلانىيياتدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈزۈمنى شۈپۈگدەپ يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
بۇ ھەدىسنىڭ ئاساسى يوقتۇر، ھەدىس ئۆلىمالىرى بۇ ھەدىسنى توغرا ئەمەس دەپ قارايدۇ.
ئەمما ھەدىسلەر مەزمۇنىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈزۈم ۋە تاۋۇزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى مەلۇمدۇر.
ئاللاھ تائالا ئۈزۈمنى ئۆز كىتابىدا بەندىلىرىگە دۇنيا ۋە جەننەتتە بەرگەن نېمەتلەرنى تىلغا ئالغان يەرلەردە شۇ نېمەتلەر قاتارىدا ساناپ ئون بىر يەردە تىلغا ئالغان. ئۇ ئەڭ ياخشى ۋە مەنپەئەتلىك مېۋىدۇر. ئۇنى ھۆل- قۇرۇق دېمەي، چالا – پۈتۈن پىشتى دېمەي يىگىلى بولىدۇ، ئۇنى مېۋە دېسە مېۋە، ئوزۇق دېسە ئوزۇقلۇق، قوشۇمچە يېمەكلىك دېسە قوشۇمچە يېمەكلىك، دورا دېسە دورا، ئوسسۇزلۇق دېسە ئوسسۇزلۇق… دۇر. ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىسسىقلىق ۋە ھۆللۈكتە دانلىق يېمەكلىكلەر تەبىئىتىدۇر. ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسى: سۇلۇق چوڭ كەلگىنىدۇر،
تاتلىق بولۇپ قالسا ئېقى قارىسىدىن ياخشىدۇر، شۇ كۈنى ئۈزۈلگىنىدىن ئۈزۈلگىنىگە بىر قانچە كۈن بولغىنى ياخشىدۇر، ئۇ قورساقتىكى يەلنى ھەيدېگۈچىدۇر، ئېسىلىپ پوستى قۇرۇپ قالغىنى يېمەكلىككە ياخشىدۇر، بەدەننى كۈچلەندۈرگۈچىدۇر،ئۇنىڭ ئوزۇقلۇغى ئەنجۈر ۋە قۇرۇق ئۈزۈم (كىشمىش) بىلەن ئوخشاشتۇر، ئۇنىڭ ئورۇقىنى ئېلىۋىتىپ يېسە تەبىئەتنى ناھايىتى ياخشى يۇمشىتىدۇ، كۆپ يەۋىلىش باشنى ئاغرىتىدۇ، ئۇنىڭ داۋاسى چۈچۈك ئاناردۇر، ئۈزۈمنىڭ پايدىسى شۇكى ئۇ بەدەننى مۇلايىملاشتۇرۇپ، سەمىرتىدۇ، ياخشى ئۈزۈم ياخشى ئوزۇقلۇق بولىدۇ.
ئۇ داڭلىق ئۈچ مېۋىلەر پادىشاھلىرىنىڭ بىرى، قالغان ئىككىسى ھۆل خورما ۋە ئەنجۈردۇر
<< پەيغەمبەر تىبابىتى >> دىن ئىلىندى.
مەنبە—كىتاب دىيارى

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى