بۈگۈن بىزگە قايغۇلۇق بىركۈن
![]() |
| 2009-07-07 ئۈرۈمچى خەلىق قوزغىلىڭى |
يادىمىزدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ.
ئەسلىگەندە ئۆتمۈش-تارىخنى،
بۇ ئازاپلىق يۈرەك يىغلايدۇ !!!.
بۇ قىسمەتكە يۈرەك يىغلايدۇ،
يۈرىگى قان، مىڭلەك يىغلايدۇ.
مەزلۇملارنىڭ ئاھۇ-نالىسىدىن،
كۆكتە ھەتتا مەلەك يىغلايدۇ !!!.
مەزلۇملارنىڭ ھۆرلۈك ساداسى،
توختىماستىن مەڭگۈ ياڭرايدۇ،
جەڭگىۋاردۇر ئوغۇل-قىزلىرى،
ئەل-ۋەتەنچۈن پىدامەن دەيدۇ!!!.
پىداكارلار تەۋرەنمەي تۇرۇپ،
تۈم جاھانغا شۇنداق توۋلايدۇ.
تۈركىستانغا ھۆرلۈك-ئازادلىق!!!،
ئالغا...دەيدۇ، ھەرگىز قايىتمايدۇ!!!.
پىداكارلار تەۋرەنمەي تۇرۇپ،
تۈم جاھانغا شۇنداق توۋلايدۇ.
تۈركىستانغا ھۆرلۈك-ئازادلىق!!!،
ئالغا...دەيدۇ، ھەرگىز قايىتمايدۇ!!!.
ئىخلاسمەنلەر بىرسەپكە كېلىپ،
كەل قوشۇلغىن بۇ سەپكە دەيدۇ.
خىتاپ قىلىپ، ئەركەكلەر قېنى...؟،
«ئاھ... تەڭرىم»دەپ، كۆككە قارايدۇ!!!.
ئا.مۆلجەلى
2012-10-01
