نە پايدا

ئىنسان ئۈچۈن نە پايدا !!!

كائىنات شۇنچە گۈزەل، گۈل كۈرمىسەڭ  نە پايدا،
تاغ-دەريالىرى ھەيۋەت، سۇ كۆرمىسەڭ  نە پايدا .

 چەشمە-سۇلىرى زىلال، ئىچەلمىسەڭ  نە پايدا ،
باھار شامىلى ئىللىق، ياز كۆرمىسەڭ  نە پايدا .

سەبى غۇنچىلار گۈزەل، ئېچىلالمىسا  نە پايدا ،
زۇمرەت كۆزلىرى گىريان، كۈلەلمىسە  نە پايدا .

ئىنسان تىللىرى شىرىن، راسچىل بولمىسا  نە پايدا،
ئىنسان بۇلۇپ-ئىنسانچە، مېھرى بولمىسا  نە پايدا .

باي - گادايلىق مەنسىپى، قەبرە ئۈچۈن  نە پايدا،
شاھۇ-سۇلتانلىق ماقام، بەندە ئۈچۈن  نە پايدا،

ئىنسانلىق شۇنچە گۈزەل، ئادالەتسىز  نە پايدا .
ئۆتسە ئۆمۈر ئىسلامسىز، ئىنسان ئۈچۈن  نە پايدا.

ئارزۇ-ئارمانلار گۈزەل، يىتەلمىسىڭ  نە پايدا،
 جەننەت ئۈچۈن شۇ جاندىن، كېچەلمىسەڭ  نە پايدا.

 ياراتقاننى رەببىم دەپ، قۇل بولمىساڭ  نە پايدا،
ياراتقانغا مال-جاننى ساتالمىساڭ  نە پايدا !!!.

ئا.مۆلجەرلى

2012-04-21

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى