پىغان - زارلار

  ئوتيۈرەك شائىرىمىز، مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ {پىغان} ناملىق شېرىغا تەقلىد قىلىپ يېزىلدى

. ئاللاھتىن _ مەرھۇمنىڭ روھىغا رەھمەت ۋە مەغپىرەتلەر تىلەيمەن
پىغان - زارلار  

 ،كېچە كۈندۈز ئاھۇ ئاھ-زارلار  چىقار يەتتە پەلەكلەرگە  
.يىتىشتى بۇ پىغان-زارلار  پەلەكلەردە  مەلەكلەرگە
،ۋەلېكىن بولمىدى كۆكتىن، شۇ ھالىمىزغا بىر دۇنيا
.ئەجىرسىز يېتىپ تۇرساق، مەلىك بولساق تەخىتلەرگە 

،جاھان كەزدۇق ھىممەت تىلەپ، يېلىندۇق بىگانە ئەللەرگە 
.قۇرۇپ بەرگەي بىزگە بىر ئۆي، مۇناسىپ ھەر پەسىللەرگە 
،ۋەلېكىن بىگانىنىڭ قەستى، تېگىشتۈرمەك قىبلەمىزنى _
. شۇڭا قىلمايدۇ ئىنسانلىق {ئىلاھ بىردۇر} دىگەنلەرگە 

،زۇلۇملار چېكىدىن ئاشتى، چىداپ كەلدۇق بۇ كۈنلەرگە
.بىزلەر ئۆلسەكمۇ مەيلىدى، ئۆمۈر بەرسە سەبىلەرگە
،ۋەلېكىن ئاڭلاشقا بۇ دەرىتنى تېپىلماسكەن ئادالەت
.مىڭلەنەت، قىساس ئالساق (تىرورىست ئۇ..) دىگەنلەرگە

،ئاچالماي مۇستەقىل بىر يول، كۈرەش بىرلە بۇ مىللەتكە 
.پىغان ئىچرە غەرىق بولدۇق، ئەسىر بويلاپ بۇ زىللەتكە
،خىيال ئوكيانىدا لەيلەپ كىرەلمەي بەھرىگە جەڭنىڭ 
.كۆپۈكتەك ئۆتسىمۇ ئۆمۈر" دىدۇق، تەڭبىز لەھەڭلەرگە"

 ،كېبىر ئاتىدىن چۈشمەي يەنە شۇنچە يۈرەرسەنمۇ ؟
  رىيازەت دەشتىنى كەزمەي ۋىسال پەيزى سۈرەرسەنمۇ ؟  
- ۋىسال ۋەسلى ئۈچۈن جەڭدە ئۆلەش بىزگە ئالى شەرەپ  
!!! كۈرەش قىلماي يېتىپ ئۈلسەك" ئىلاھىم ئەفۇ قىلارسەنمۇ ؟" 

ئا . مۆلجەرلى

   2011- 4 - 20
_________________________________________

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى