ئەرەفە كۈنىنىڭ پەزىلىتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۆھتەرەم مۇسۇلمان قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيت-بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن !
 مۇقەددەس ئەرەفات تېغى
مېھرىبان ئاللاھتىن، بارچە مۇئىمىن-مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامدىكى بەش پەرىزنىڭ بىرى بولغان ھەج ئىبادەتلىرىمىزنى تۇلۇق ئادا قىلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيمىز. 
ئۇلۇغ-قۇدرەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك ئاللاھ، بارچە مۇسۇلمانلارنى بۇ مۇبارەك-مۇقەددەس ماكانلارنى تاۋاپ-زىتارەت قىلىشغا مۇيەسسەر قىلسۇن  ئامىن ... ئامىن ... !!!

قايغۇلۇق بىركۈن

بۈگۈن بىزگە قايغۇلۇق بىركۈن

2009-07-07 ئۈرۈمچى خەلىق قوزغىلىڭى
بۈگۈن بىزگە قايغۇلۇق بىركۈن،
يادىمىزدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ.
ئەسلىگەندە ئۆتمۈش-تارىخنى،
بۇ ئازاپلىق يۈرەك يىغلايدۇ !!!.

ئۇيغۇر- ئۆزبېك قېرىنداشلىقى


سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە-مۇكەررەمە شەھرىدىكى مۇھەممەد ياقۇب بېك ۋەخپىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدىكى پۈتۈن ۋەخپىلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ۋەخپە ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەج ۋە ئۆمرە ئۈچۈن كېلىدىغان ئۇيغۇر ۋە ئۆبېكلارنىڭ يېتىپ قوپۇشى ئۈچۈن بىردىنبىر قارارگاھ بولۇپ كەلمەكتە. (بۇ مۇقەددەس ماكانغا ئۇورۇنلاشقان مەزكۇر ۋەخپىنىڭ ساھىپخانلىقى ئاستىدا، ئۇيغۇر-ئۆزبېك ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلارنىڭ مېھرى-مۇھاببەت رىشتىسى تېخىمۇ چۇڭقۇرلىماقتا). 
مۇھەممەد ياقۇپ بېك بەدەۋلەت ۋەخپسىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ ۋەخپىنى تەسىس قىلغۇچى مۇھەممەد ياقۇپ بېك بەدەۋلەتنىڭ تەرجىمىھالى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئۇيغۇر - ئۆزبېك بىرتۇققان

 ئۇيغۇر - ئۆزبېك  بىرتۇققان
   ئۇلۇغ رەببىم بىزلەرنى بىر قەۋىم قىلىپ ياراتقان ،
يوقتۇر بىزنىڭ پەرقىمىز  ئۇچى-بۇچى دەيدىغان .
ئۇيغۇر-ئۆزبېك بىرتۇققان، قېرىنداش بوپ ياشىغان.
ئۆزبېك-ئۇيغۇر باشقا دەپ، كىملەر بىزنى ئايرىدى؟.

ياش ئالىم ئېيسا داموللامغا مەرسىيە

  مەرھۇم ئېيسا قارى داموللام، ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزا ئوڭئېرىق كەنتىدىن بولۇپ، پەزىلەتلىك ئاتا-ئانانىسىنىڭ  تەربىيىسىدە كىچىكدىنلا قۇرئان كەرىمنى تۇلۇق ياد ئېلىپ تامام قىلغان. كېيىن ئاتۇشتىكى ئاتاغلىق دىنى ئالىملاردا بىر قاتار دىنى ئىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن كىيىن، ئىلىم مەرىفەت ماكانى بولغان قاغىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ مەشھۇر ئۆلىما ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمدا ھەدىس، تەپسىر، مەنتىق، بەلاغەت، قاتارلىق ئىلىملەرنى مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرگەن.

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى