ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ دىنى زىيالىلىرىغا ئېھتىياجلىقمۇ؟
بۇ سۇئال _ قارىماققا ناھايىتى ئاددى ۋە مۇھىم ئەمەستەك بىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما روھى دۇنياسى ساغلام، دىنى تەلىم-تەربىيەگە ئېھتىياجلىق بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇ سۇئال ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە رەسۇلۇللاھقا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى پەيغەمبەر ساڭا نازىل قىلىنغان ھەقىقەتلەرنى ئۈممىتىڭگە يەتكۈزگىن، ئەگەر ئۇنى تۇلۇق يەتكۈزمىسەڭ، سەن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپەڭنى ئادا قىلالمىغان بولىسەن.» [سۈرە مائىدە 67-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].